ئۆگەي قىزىغا زورلۇق ئىشلىتىپ خورلىغان ھايۋان
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6392:قېتىم كورۇلدى

    يېقىندا، روسالىن ئىسىملىك بىر ئايال ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرىدىغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، بۇندىن 19يىل ئىلگىرى، ئۇ ئەمدىلا 11ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، ئۆگەي دادىسى تەرپىدىن يۇشۇرۇن ھالدا مىكسىكىغا ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىرگە 19يىلغا سوزۇلغان ئاياغ ئاستى قىلىش ۋە خورلاشقا ئۇچراش كەچمىشى باشلانغان؛ بۇ ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا خۇشال ئۆتۈشكە تىگىشلىك ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرى بار ئىدى؛ بىراق ئۇنىڭ بۇ ئارزۇ ئارمانلىرى، ئۇنىڭ ئانىسى ھىنرىي ئىسىملىك ئۆگەي دادىسى بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا پۈتۈنلەي كۆپۈككە ئايلىنىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتى پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان بىر خىل ئۇسۇلدا داۋاملىشىشقا باشلىدى.
    روسالىننىڭ دىيىشىچە، ھىنرىي ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتىلا ئۇنى ئاياغ-ئاستى قىلىپ باسقۇنچىلىق قىلغان، بىراق ئانىسى بۇنىڭغا پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن. كىيىنچە ئانىسى ھىنرىينىڭ پىسخىكىسىدا مەسىلە بارلىقىنى بايقاپ، ئەنسىرەشكە باشلىغان ھەمدە ھىنرىي بىلەن ئايرىلىپ كىتىپ، ئامىرىكىغا قايتىپ كەتمەكچى بولغان. ئانىسى گەرچە يېرىم يولدا ھىنرىينىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئانىسى بىر ئاماللارنى قىلىپ ھىنرىينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلغان؛ بىراق روسالىننىڭ تەلىيى ئۇنداق ئوڭ كەلمىگەن بولۇپ، ئۇ ئانسىى بىلەن ئايرىلىپ كىتىپ ھىنرىينىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان؛ روسالىننىڭ ئانىسى بولسا، ئۇنى يوقاپ كەتتى دەپ قاراپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ھېچقانداق خەۋرى بولمىغان، چۈنكى ئۇلار روسالىننىڭ يەنىلا مىكسىكىدا قېلىپ قالغىنىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.
    ھىنرىينىڭ سولىقىغا چۈشۈپ قالغان بۇ 19 يىل جەريانىدا، روسالىن ھىنرىيغا 9 بالا تۇغۇپ بىرىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ مەزگىلدە روسالىن ھەر ۋاقىت قېچىپ كىتىشنى ئويلاشقان ھەم نۇرغۇن قېتىم قېچىپ كىتىپمۇ باققان، ئەمما ھەر قېتىمدا ھىنرىي ئۇنى تۇتىۋىلىپ قايتۇرۇپ كەلگەن ھەمدە ھەر قېتىم تۇتۇپ قايتۇرۇپ كەلگەندىن كىيىن روسالىننى قاتتىق ئۇرۇپ دۇمبالىغان. بۇ 19يىل مابەينىدە روسالىننىڭ بەدىنىدىن جاراھەت ئىزلىرى ئۈزۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، ئۇ گەرچە تۇغۇت ماشىنىسىغا ئوخشاش بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بالىلىرىنى تاشلاپ قويۇشقا كۆزى قىيمىغانلىقتىن، ئۆزى يالغۇز قېچىپ كىتىشنى خالىماي، ھەر قېتىمدا بالىلىرىنى ئېلىپ بىرگە قاچقان ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ھەرقېتىم قاچقاندا، ھىنرىي ئۇنى يېرىم يولدىن قوغلاپ تۇتىۋىلىپ، قايتۇرۇپ ئەكەلگەن.
    ئاخىرى بىر كۈنى، بىر جۈپ ياشانغان ئەر-خوتۇن روسالىن ۋە ئۇنىڭ بالىلىرنىڭ ئەھۋالىنىڭ تازا نورمال ئەمەسلىكىنى بايقاپ، يۇشۇرۇنچە روسالىندىن زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغان ھەمدە روسالىننىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كىيىن، روسالىن ۋە بالىلىرىنىڭ ھىنرىينىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلىشىغا ياردەملەشكەن ۋە ئۇلارنى ۋاقتىنچە ئۆز ئۆيىگە يۇشۇرۇپ قويغان؛ كىيىن ئۇلار روسالىننىڭ ئامىرىكىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، روسالىن ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنى ئامىرىكىغا يولغا سېلىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئامىرىكىدىكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشىغا ياردەملەشكەن.
    كىيىن روسالىننىڭ ئىشى ئاشكارىلىنىپ، ساقچى تەرەپ ھىنرىينى قولغا ئالغان. ھىنرىي دەسلىۋىدە جىنايىتىگە ئىقرار بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدا ئاخىرى گۇناھىنى بوينىغا ئالغان. ھازىر ھىنرىي قانۇننىڭ ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىشىنى كۈتمەكتە.

كەچتە ئالما يىيىش ئاشقازانغا زىيانلىقمۇ

ئالما، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋىيتام

نامراتلىشىپ كەتكەنسىرى بۇ ئىككى خىل ئادەتنى يىتىلدۈرۈڭ

سىز ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بولالماي كارۋاتتا بىردەم يېتىۋالماقچى بولۇۋاتقاندا، خىزمەت مەيدانىدىكى قابىللار ئاللىبۇرۇن قەھۋە ئىچك

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى "تۈكلۈك ئوغۇل" توي قىلدى

بۇيىل 42ياشقا كىرىپ قالغان يۈ جېنخۇەن، مىكروبىلوگدا ئۆزىنىڭ توي خەۋرىنى ئېلان قىلىپ، ئايالى بىلەن ئىككىسىنىڭ تويلىشىش گۇاھنامىسىنىڭ رە

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

قايتا تويلاشقان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىك

بىز بۈگۈن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇن: قايتا تويلاشقانلار قۇرۇپ چىققان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىكنى، تۇنجى توي قىلىپ ئائىلە قۇر

دۇفۇنىڭ بۇ خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بىر مىنۇتتا ئۆگىنىۋالالايسىز

دۇفۇ، ئەڭ ئەرزان بولغان بىر خىل كالتسى تۇلۇقلاش ماتىريالى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز؛ بۇندىن باشقا، دۇفۇنى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号