ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىق ئۆلچىمى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6283:قېتىم كورۇلدى
    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئوتتۇرغا قويغان، ئادەمنىڭ بەدەن ساغلاملىق ئۆلچىمى جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى ساغلاملىق ھالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كونكىرتلاشتۇرۇپ "بەش تىز بولۇش"، "ئۈچ ياخشى بولۇش" ۋە "ئون ئۆلچەم"گە بۆلۈشكە بولىدۇ.
"بەش تىز بولۇش"
1. ھەزىم قىلىشى تىز بولۇش
    تاماق يىيىشكە ئىشتىھاسى بار بولۇش، كۆپ خىل يىمەكلىكلەرنى يىيەلەيدىغان بولۇش، يىمەكلىك تاللىماسلىق.
2. تەرەت چىقىرىش تىز بولۇش
    چوڭ كىچىك تەرىتى راۋان بولۇش؛ چوڭ كىچىك تەرەت قىستىغاندا، چوڭ-كىچىك تەرەتنى تىز سۈرئەتتە بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتەلەيدىغان بولۇش ھەمدە چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن راھەت ھىس قىلىش.
3. ئۇيقۇغا كىرىشى تىز بولۇش
    ئۇخلاش رېتىمى ۋە ئادىتىگە ئاساسەن، ئۇخلىغىلى ياتقان ھامان تىز سۈرئەتتە ئۇيقۇغا كىرىش ھەمدە ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولۇش؛ ئويغانغاندىن كىيىن، كاللىسى سەگەك، روھى جۇشقۇن بولۇش.
4. سۆزلىشى تىز بولۇش
    تەپەككۇرىنىڭ سەزگۈر، تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارى راۋان ھەم توغرا بولۇش، بۇنىڭ بىلەن بىرگە گەپ سۆزلىرى مەنىلىك بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
5. مېڭىشى تىز بولۇش
    پۇت قولىنىڭ چاققان بولۇشىنى ۋە يول ماڭغاندا يىنىك قەدەم تاشلاپ ئىتتىك ماڭالايدىغان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
"ئۈچ ياخشى بولۇش"
    1. ياخشى بولغان مىجەز-خۇلقى ۋە ئادىمىيلىك خارەكتىرى بار بولۇش، كۆكسى-قارنى كەڭ ئۈمىدۋار بولۇش، ئۆزىگە يىتەرلىك ئىشەنچىسى بار بولۇش ھەمدە ھىسياتقا باي ئالغا ئىنتىلىش روھى بار بولۇش.
   2. ياخشى بولغان جاھاندارچىلىق ئىقتىدارى بار ھەمدە مۇرەككەپ ئىجتىمائى مۇھىتلارغا ماسلىشالايدىغان بولۇش؛ شەيئىلەرگە بولغان تۇنۇشى ئوبىكتىپ ھەم رىئالىزىملىق بولۇش؛ نىسبەتەن ياخشى بولغان ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى بار بولۇش، مەسىلىگە يولۇققاندا ئۇنىڭغا بىۋاستە يۈزلىنەلەيدىغان ۋە تەتۈرلۈك قىلىپ كىرىشىۋالماي، كۆڭلىدىن چىقىرۋىتىشنى ۋە ۋاز كىچىشنى بىلىدىغان بولۇش.
    3. ياخشى بولغان ئىجتىمائى ئالاقە تورى بار بولۇش، باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىش ھەمدە باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان بولۇش، ئىجتىمائى ئالاقە جەريانىدا باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشەلەيدىغان بولۇش.
"ئون ئۆلچەم"
    1. ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانغا يىتەرلىك زىھنى بار بولۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيادە چارچاش ۋە جىددىلىشىش ھىس قىلماسلىق.
    2. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك؛ ئائىلە مەسئۇلىيىتى ۋە جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ھەم ئېلىشنى خالايدىغان بولۇش، ئاكتىپ ھالدا ئالغا ئىنتىلىدىغان پوزۇتسىيىسى بار بولۇش.
    3. ئۇيقۇسى ۋە ئىشتىھاسى ياخشى بولۇش.
    4. ئەمىلى ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش، تەبىئى مۇھىت ۋە ئىجتىمائى مۇھىتلارغا ماسلىشالايدىغان بولۇش ھەمدە بۇ خىل سىرتقى مۇھىتنىڭ ھەرخىل ئۆزگىرىشلىرىگە ماسلىشالايدىغان بولۇش.
    5. ئادەتتىكى زۇكام ۋە باشقا يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇش.
    6. بەدەن ئېغىرلىقى مۇۋاپىق بولۇش، بەدەن شەكلى تەكشى بولۇش، بەدىنىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى بىر- بىرىگە ماسلاشقان بولۇش.
    7. كۆزلىرى نۇرلۇق ھەم ئۆتكۈر بولۇش، كۆز قاپىقى ئاسان ياللۇغلىنىپ قالمايدىغان بولۇش.
    8. قۇرت يىگەن چىشى بولماسلىق، چىش مىلىكى رەڭگى نورمال بولۇش ھەمدە قاناپ يىرىڭداپ قالىدىغان ئەھۋال بولماسلىق، چىش ئاغرىقى بولماسلىق.
    9. چاچلىرى پاقىراپ تۇرىدىغان بولۇش.
    10. مۇسكۇللىرى تولغان، تىرىسى ئىلاستىكىلىققا ئىگە كەلگەن بولۇش.
    بۇ ئون تۈرلۈك ئۆلچەم ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ياش بۆلىكىدىكى كىشىلەردە بەلگىلىك دەرىجىدە پەرق كۆرۈلىدۇ، ئوخشاش تەلەپ قويغىلى بولمايدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号