دىققەت | بۇرۇن كوچىلاشنىڭ زىيىنىنى بىلىۋىلىڭ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6577:قېتىم كورۇلدى
   بۇرۇن كوچىلاش، ئەزەلدىن ساپاسىزلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىپ كەلگەن؛ ئەمىلىيەتتىمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا بۇرنىنى كوچىلاش ئەدەپسىزلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. بىراق، بۇرۇن كوچىلاش ساپاسىزلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە باشقا زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ بار؛ يېقىندا، ئەنگىلىيە ئالىملىرى بورۇن كوچىلاشنىڭ كىسەللىك ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە مۇتەخەسسىسلەر كۆرسىتىپ ئۆتكەن، بۇرۇن كوچىلاشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
بۇرۇن كوچىلاش، ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرۋىتىدۇ
   ئەنگىلىيە لىۋىرپۇل تىروپىك بەلباغ تىببى شۆيەنى تەتقىقاتچىسى ۋىكتورىيە.كاننا دوكتۇر ۋە ئۇ باشلامچىلىق قىلغان تەتقىقات گۇرۇپپىسى، 40نەپەر تەكشۈرۈش ئوبىكتىغا قارىتا، ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنى تىرە يۈزىدە تارقىلىش جەريانى سىنىقى ئېلىپ بارغان.
   تەكشۈرۈش ئوبىكىتلىرى، ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى يۇقتۇرۇلغان بارمىقى بىلەن بۇرنىنى كوچىلىغان ياكى بۇرنىنى ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى يۇقتۇرۇلغان بارمىقىغا يېقىن ئەكىلىپ پۇرىغان. نەتىجىدە بۇرۇن كوچىلىغان ياكى بۇرنىنى تۇتۇپ ئۇۋلىغان ۋاقىتتا، ئۆپكە ياللۇغى كىسەللىك ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ، تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تىز بولغان. كاننا دوكتۇرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۆپكە ياللۇغى شارسىمان باكتىرىيىسى بىلەن يۇقۇملىنىش، دۇنيا مىقياسىدىكى ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، ھەر يىلى مۇشۇ سەۋەپلىك ھاياتىدىن ئايرىلىدىغان 5ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ سانىلا تەخمىنەن 130مىليۇن ئەتراپىدا بولىدىكەن.
    كاننا دوكتۇرنىڭ بۇ تەتقىقاتى، ئۆپكە ياللۇغى كىسەللىك ۋىرۇسىنىڭ ئادەمنىڭ تىرىسى ۋە بۇرۇن بوشلۇقى ئارقىلىق تارقىلىدىغانلىقىنى تۇنجى بۇلۇپ ئىسپاتلاپ چىققان.
بۇرۇن كوچىلاشنىڭ تۆت تۈرلۈك زىيانلىق تەرىپى
1. ئوبرازغا تەسىر يىتىدۇ.
     بۇرۇن كوچىلاش ئۇزۇن مۇددەتلىك ئادەتكە ئايلىنىپ قالغاندا، ئادەمنىڭ بۇرۇن تۆشۈكلىرى يوغىناپ، بۇرۇن قىسىمىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىدىكەن.
2. بۇرۇن چاپلاشقاق پەردە ئورگانىزىمى ئاسان زەخمىگە ئۇچرايدۇ.
    بۇرۇن چاپلاشقاق پەردىسىدە قىل قان تۇمۇرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، دائىم قىلىمىز بىلەن بۇرۇننى كۆچەپ كوچىلىغان ۋاقىتتا، بۇرۇن چاپلاشقاق پەردىسىنى ئاسانلا زەخمىگە ئۇچرىتىپ قان چىقىش كىلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى قاناش ئۆزلۈكسىز تۈردە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 2-1ھەپتە ۋاقىتتىن كىيىن ئاندىن ئەسلىگە كىلىشى مۇمكىن.
3. ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 
  ئادەمنىڭ تىرناق قاتلىرىدا كىسەللىك ۋىرۇسلىرى يۇشۇرۇنغان بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بارماقلىرىمىز بىلەن بۇرنۇمىزنى كوچىلىغاندا، تىرناق ئارىلىرىغا يۇشۇرۇنغان باكتىرىيەلەر ئاسانلا بۇرۇن ئالدى تۆۈكى قاتارلىق قىسىملارغا تارقىلىپ، بۇرۇن بوشلۇقى ياللۇغى، بۇرۇن بوشلۇقىغا چىقان چىقىش قاتارلىق كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە، بۇرۇن چاپلاشقان پەردىسى ئېغىر زەخمىلىنىپ تىشىلىپ كەتمىگەن تەقدرىدىمۇ، بۇ جەرياندا ئۇ يەنىلا يىنىك دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇرۇننىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىۋىتىپلا قالماي، ئۇزۇن مەزگىللىك غىدىقلاش يەنە ياللۇغ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. بۇرۇن تۈكچىلىرىنى زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ.
    بۇرۇن تۈكچىلىرى، چاڭ-توزان ۋە كىسەللىك باكتىرىيىلىرىنىڭ بەدەنگە كىرىشىنى توسىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قەۋەت توسۇق؛ ئەگەر بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى زەخمىگە ئۇچرىسا، بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى تۆۋەنلىۋىتىپلا قالماي، يەنە تېخى تۈك تۆشۈكچىلىرى ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号