
كۆپىنچە كىشىلەر ياڭاقنى كۆپ يېيىشنىڭ چوڭ مېڭىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. يېقىندا ئامېرىكا راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزى مەبلەغ سالغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىم ياڭاق يەپ بېرىش ئۈچەي يولىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەن.
ئامېرىكا لويىزاننا ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىيولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى چاشقان ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغان، يەنى چاشقانلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارغا تەركىبىدە ياڭاق تالقىنى بولغان يېمەكلىكنى بەرگەن، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارغا ياڭاق تالقىنى قوشۇلمىغان يېمەكلىكنى بەرگەن. ئون ھەپتىدىن كېيىن، ياڭاق تالقىنى يېگەن چاشقانلارنىڭ ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ ياڭاق تالقىنى يېمىگەن چاشقانلارغا قارىغاندا كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
بەزى تەتقىقاتلاردا مەلۇم بولۇشىچە، ئۈچەي يولى باكتېرىيەلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى ناچار بولۇش سېمىزلىك كېسىلى ۋە ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ئۈچەي كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى چوڭايتىۋېتىدىكەن. ئۈچەي يولى ساغلاملىقىنىڭ پۈتۈن بەدەن ساغلاملىقىغا نىسبەتەن تەسىرى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياڭاق تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ئاكتىپ تەركىبلەر بولىدىكەن، مەسىلەن: ياڭاق بىردىنبىر تەركىبىدە زىغىر كىسلاتاسى بولغان قاتتىق گۆشلۈك مېۋە ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇنىڭدا ئومېگا–3 ياغ كىسلاتاسى، ئاقسىل ۋە ئوزۇقلۇق تالالىرىمۇ مول ئىكەن. شۇڭلاشقا ياڭاقنى كۆپ يەپ بەرگەندە ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق مىكروبلارنى كۆپەيتىپ، ئۈچەي يولى باكتېرىيەلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن.

بەزىلەر سامساق يېيىشكە ئامراق، چۈنكى سامساقنىڭ تەمى ئۆزگىچە لېكىن سامساق ئاشۇ ئۆزگىچە تەمنى يەنە بەزىلەر ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. سامساق
جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر سەۋزە:سىمابنى ئۈنۈملۈك تازىلايدىغان يېمەكلىك. سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقدارلىق مېۋە يېل
پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ
سۇلۇ يارمىسى: سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى %3 تىن سەللا تۆۋەن، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ماگنىي، ئارسېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېن
چاي شامىسى: چاي شامىسىنى قۇرۇتۇپ، خالتىغا سېلىپ ياستۇق ئورنىدا ئىشلەتسە، يۇمشاق ۋە راھەت بولۇپلا قالماستىن، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتسە، يۇمش
ﻳﺎﺯﺩﺍ ﮬﺎﯞﺍ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﺎﻧﺎﻱ ﻳﺎﻟﻠﯘغﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号