
پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، يۈرەك-مېڭە قان تومۇرى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا شىپا بولىدۇ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان سۇلۇق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
دائىم پىياز يەپ بەرگەندە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پىياز ئەقلى ئەمگەكچىلەرنىڭ يېشىل قۇۋۋەت ئۇزۇقلۇقى بولۇپ، قۇلۇلە، راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلارغا ئوخشاش دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىشۇرغاندا كۆپرەك پىياز سېلىۋەتسە زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ؛ ئۇماچ ئەتكەندە ئازراق سېلىۋەتسە سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا شىپا بولىدۇ؛ پىيازنى ئۇششاق توغراپ ياستۇقنىڭ يېنىغا قويۇپ قويسا ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ؛ پىيازنى ئېزىپ، داكا خالتىغا سېلىپ باشقا سۈرتۈپ، 24 سائەتتىن كېيىن ئىلمان سۇدا يۇيۇۋەتسە باش كېپىكىنى يوقىتىدۇ. يازلىق غولپىياز، غول پىيازۋە باش پىيازلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار.
ئەڭ يېڭى تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، باش پىيازدا كالتسىي تەركىبى مول بولۇپلا قالماي، كالتسىينىڭ خورىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن . ئاياللار 30 ياشقا كىرگەندىن كېيىن سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىشقا باشلايدۇ. شۇڭا كۈندە باش پىياز ئىستېمال قىلىپ، سۈت ئىچىپ بەرسە بەدەندىكى كالتسىينى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ . ئوزۇقشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، باش پىياز تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا پىروستاگلاندىن A بولۇپ، قان تومۇرىنىڭ يۇمشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ، قان بېسىمى ۋە قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باش پىياز تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل ۋە كاربونلۇق سۇ بىرىكمىسى بار بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە پايدىلىق.

بەزىلەر سامساق يېيىشكە ئامراق، چۈنكى سامساقنىڭ تەمى ئۆزگىچە لېكىن سامساق ئاشۇ ئۆزگىچە تەمنى يەنە بەزىلەر ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. سامساق
جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر سەۋزە:سىمابنى ئۈنۈملۈك تازىلايدىغان يېمەكلىك. سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقدارلىق مېۋە يېل
پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ
سۇلۇ يارمىسى: سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى %3 تىن سەللا تۆۋەن، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ماگنىي، ئارسېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېن
چاي شامىسى: چاي شامىسىنى قۇرۇتۇپ، خالتىغا سېلىپ ياستۇق ئورنىدا ئىشلەتسە، يۇمشاق ۋە راھەت بولۇپلا قالماستىن، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتسە، يۇمش
ﻳﺎﺯﺩﺍ ﮬﺎﯞﺍ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﺎﻧﺎﻱ ﻳﺎﻟﻠﯘغﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号