بەزىلەر سامساق يېيىشكە ئامراق، چۈنكى سامساقنىڭ تەمى ئۆزگىچە لېكىن سامساق ئاشۇ ئۆزگىچە تەمنى يەنە بەزىلەر ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. سامساق تەركىبىدىكى سامساق ماددىسىنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى، لېكىن ھەممىلا ئادەم سامساق يېيىشكە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، بەزى ئادەملەرنىڭ سامساق يېيىشى ياخشى ئەمەس.
سامساق تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيەسى دائىم ئىككى خىل بولىدۇ، بىر خىل ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، ھەر كۈنى نۇرغۇن سامساق يەيدۇ. يەنە بىر خىلى بولسا ئۇنىڭدىن يىراق قاچىدۇ، ھەتتا پۇرىقىنى پۇراپ قېلىشنىمۇ خالىمايدۇ. كىشىلەر بارغانسېرى سامساقنىڭ ئىنتايىن ياخشى يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدى، لېكىن سەن راستتىنلا يەمسىز؟
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا سامساقنىڭ تەركىبىدىكى بىر خىل تەبىئىي بولغان باكتېرىيە ئۆلتۈرگۈچى ماددا «سامساق ماددىسى» نىڭ راكقا قارشى دورىلىق رولى بار ھەم سامساقتىكى ئاشۇ سامساق تەمىنى ئاشۇ «سامساق ماددىسى» ھاسىل قىلغان. بۇ خىل سامساق ماددىسى بولغان كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كېزىك تاياقچە باكتېرىيەسى، تولغاق تاياقچە باكتېرىيەسى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بولۇپمۇ ئاشقازان راكىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بولغان ئاشقازان ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى ئۆلتۈرىدۇ .
سامساقنى قورۇپ ياكى پىشۇرۇپ يېگەندە، سامساقتىكى سامساق ماددىسىنىڭ كۆپ قىسىمى قىزىپ پارچىلىنىپ كەتكەنلىكتىن سامساقنىڭ ساقلىقنى ساقلاش رولىغا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭلاشقا سامساقنى ئامال بار خام يېگەن ياخشى، ناۋادا پەقەت كۆنەلمىسە سامساقنى قورۇمىنى قورۇپ بولۇپ سامساقنى ئاندىن سېلىش كېرەك، بۇنىڭدا پارچىلىنىش سەل تۆۋەن بولىدۇ، سامساق ماددىسىغا بەك كۆپ زىيان بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قەنتكە سېلىنغان سامساقنى ياكى ئاچچىقسۇغا چىلانغان سامساقنى يېسىمۇ بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا سامساق ماددىسى بولغان پۈتۈن سامساقنىمۇ يېمەك تەس، چۈنكى سامساق ماددىسى بىۋاسىتە مەۋجۇت بولمايدۇ، بەلكى سامساق تەركىبىدىكى ئاللىئىن ۋە ئاللىئىنازىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل ماددىدىن تۈزۈلىدۇ، پەقەت سامساقنى يانجىپ ياكى ئىزىۋەتكەندە ئۇلار بىرىكىپ سامساق ماددىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا سامساق يېگەندە ئەڭ ياخشىسى كۆپ چايناپ يېگەن ۋاقىتتا ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنى تۈگىتىشكە پايدىلىق.

بەزىلەر سامساق يېيىشكە ئامراق، چۈنكى سامساقنىڭ تەمى ئۆزگىچە لېكىن سامساق ئاشۇ ئۆزگىچە تەمنى يەنە بەزىلەر ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. سامساق
جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر سەۋزە:سىمابنى ئۈنۈملۈك تازىلايدىغان يېمەكلىك. سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقدارلىق مېۋە يېل
پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ
سۇلۇ يارمىسى: سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى %3 تىن سەللا تۆۋەن، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ماگنىي، ئارسېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېن
چاي شامىسى: چاي شامىسىنى قۇرۇتۇپ، خالتىغا سېلىپ ياستۇق ئورنىدا ئىشلەتسە، يۇمشاق ۋە راھەت بولۇپلا قالماستىن، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتسە، يۇمش
ﻳﺎﺯﺩﺍ ﮬﺎﯞﺍ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﺎﻧﺎﻱ ﻳﺎﻟﻠﯘغﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号