قانداق قىلغاندا چاچلىرىمىزنى تېخىمۇ قۇيۇق ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 336450:ئادەم ئۆگەندى
   ئىشىنمەنكى، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ قۇندۇز تۈكىدەك پاقىراپ تۇرىدىغان ھەم قۇيۇق كەلگەن چاچلىرى بار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بولۇپمۇ بەزىبىر چېچى ئۇزۇن ئاياللارغا نىسبەتەن، ئەگەر ئۇلارنىڭ چاچلىرى قۇيۇقراق بولسا، قارىماققا تېخىمۇ چىرايلىق كۆرىنىدۇ؛ ئەلۋەتتە، ئەرلەرنىڭ چېچىمۇ قۇيۇق بولسا تېخىمۇ ياخشى. ئۇنداقتا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا، قانداق قىلغاندا چاچلىرىمىزنى تېخىمۇ قۇيۇق ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟
زەنجىۋىل
    زەنجىۋىل تۇرمۇشتا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە چاچنى قۇيۇق قىلىش رولىمۇ بار. زەنجىۋىلنى چاچقا ئىشلىتىشتە، ئالدى بىلەن زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ، پىچاقتا ئۇنىڭ سىرتقى قىسمىدىكى پوستىنى سويىۋەتكەندىن كىيىن، ئۇنى باش تىرىمىزگە قايتا-قايتا سۈرۈپ بەرسەك بولىدۇ. بۇندىن باشقا، زەنجىۋىلنى بىۋاستە چاناپ ياكى ئىزىپ، چاچقا سۇۋاپ چېپىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندىن كىيىن، چاچلىرىڭىزنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە قۇيۇقلاشقانلىقىنى بايقايسىز.
زەيتۇن مېيى
   ھەر قېتىم چېچىمىزنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن، ئىستىمالغا ئىشلىتىدىغان زەيتۇن مېيىنى چاچلىرىمىزغا سۇۋاپ، يىڭى ساقلاش پىلاستىرى ئارقىلىق چېچىمىزنى ئورايمىز؛ بۇ تەرىقىدە 30مىنۇت ساقلىغاندىن كىيىن، چېچىمىزنى ئىلمان سۇدا يۇۋەتسەك بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتۇرغاندا، چاچلىرىمىزنى تېخىمۇ قۇيۇقلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە تېخى تېخىمۇ قارا ھەم پاقىراق قىلىدۇ.
كۈندىلىك يىمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش
   ئەگەر چېچىڭىزنىڭ تېخىمۇ قۇيۇق ئۆسۈشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ئۇنداقتا كۈندىلىك يىمەك-ئىچمىكىڭىزگە دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك. چۈنكى، چاچقا كىتەرلىك ئۇزۇقلۇقنىڭ كۆپىنچىسى يىمەكلىكتىن كىلىدۇ. بۇنىڭدا كۆپچىلىككە، قارا كۈنجۈت، پالەك، سەۋزە، قارا دادۇر قاتارلىقلارنى كۆپرەك يىيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ بۇ يىمەكلىكلەر تەركىبىدە، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە زۈرۈر بولغان ۋىيتامىن، ئاقسىل، تۆمۈر، گۈڭگۈرت قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، چاچنىڭ تىز ھەم قۇيۇق ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
يىتەرلىك بولغان ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش
   ئەگەر ئادەمنىڭ قان ماغدۇرى كەملەپ كەتسە، زىھنىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنى پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، چاچلىرىنىڭ سارغىيىپ قېلىشى ۋە چۈشۈپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە بالدۇر ئۇخلاپ ئەتىگىنى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇش، ۋە كىچىسى ئۇخلىماسلىقتىن ساقلىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. پەقەت يىتەرلىك دەرىجىدىكى ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، بەدىنىمىز ئاندىن ساغلام ھالەتنى ساقلاپ قالالايدىغان بولۇپ، چاچلىرىمىز تېخىمۇ قۇيۇق ئۆسىدۇ.

سامساقنىڭ راكقا قارشى رولى بولسىمۇ لېكىن بەزى ئادەملەر يېسە خەتەرلىك

بەزىلەر سامساق يېيىشكە ئامراق، چۈنكى سامساقنىڭ تەمى ئۆزگىچە لېكىن سامساق ئاشۇ ئۆزگىچە تەمنى يەنە بەزىلەر ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. سامساق

جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر

جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر سەۋزە:سىمابنى ئۈنۈملۈك تازىلايدىغان يېمەكلىك. سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقدارلىق مېۋە يېل

دائىم پىياز يەپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق

پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ

قۇۋۋىتى گۆش بىلەن باراۋەر كېلىدىغان بەش خىل يېمەكلىك

سۇلۇ يارمىسى: سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى %3 تىن سەللا تۆۋەن، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ماگنىي، ئارسېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېن

قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشنىڭ بىر نەچچە خىل ئاددىي ئۇسۇلى

چاي شامىسى: چاي شامىسىنى قۇرۇتۇپ، خالتىغا سېلىپ ياستۇق ئورنىدا ئىشلەتسە، يۇمشاق ۋە راھەت بولۇپلا قالماستىن، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتسە، يۇمش

كاناي ياللۇغى بىمارلىرى يازدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ﻳﺎﺯﺩﺍ ﮬﺎﯞﺍ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﺎﻧﺎﻱ ﻳﺎﻟﻠﯘغﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号