بالىلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيى ياخشىل بولالماسلىق كىمنىڭ خاتالىقى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 287777:قېتىم كورۇلدى
   بالىلار تۇغۇلۇپ ئۈچ ياشقا كىرگۈچە بولغان ئارىلىق، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدىكى ئالتۇن مەزگىل؛ بۇ بۆلەك مەزگىلدە، بوۋاقنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنىڭ يېتىلىشىنىڭ بوۋاققا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. لېكىن، 3-0ياش ئەتراپىدىكى بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيى بىر خىل ئاجىز مۇھىتتا تۇرىدىغان بولۇپ، بوۋاقتا ھەمىشە ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. ئۇنداقتا، بوۋاقنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، زادى كىمنىڭ خاتالىقى؟ ئاتا-ئانىسى يامان كۆندۈرۈپ قويغاننىڭ ئىشىمۇ ياكى ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەنلىكتىن ئاشقازان ئۈچەينىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ قالغانمۇ؟ قانداق قىلغاندا، بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنى تېخىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟
يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭ بولۇش
   بۇنداق بالىلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، ئۇلارنىڭ كۈنلۈك ئۈچ ۋاخ تامىقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. بالىلارغا زۆرۈر بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تەمىنلەپ بەرگەندىن باشقا، ئۇلارغا ئارتۇقچە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاپ بىرىمەن دېمەسلىك لازىم. بوۋاققا نىسبەتەن، تاماقنى قانچە كۆپ يىسە شۇنچە ياخشى بولىدىغان ئەمەس؛ ھەر قېتىمدا مىقدارنى ئازراق قىلىپ، كۈندىلىك تاماقلىنىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش كېرەك؛ بۇ، ئاشقازان ئۈچەينى تەڭشەشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.
بالىلارنى ياخشى ئارام ئالدۇرۇش
   ئەگەر ھەمىشە بىر خىل ھارغىنلىق ھالىتىدە تۇرسا، بالىلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ناچارلاپ قالىدۇ. ھەر كۈنى چۈش ۋە كەچ ۋاقىتلىرىدا، بالىلارنى يىتەرلىك ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ بۇنىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. چۈنكى بوۋاقنىڭ يېشى تېخى كىچىك بولغاچقا، ئاشقازان ئۈچىيى تېخى ياخشى يىتىلىپ بولالمىغان بولىدۇ؛ پەقەت ئۇلارنى يىتەرلىك ئارام ئالدۇرۇپ، ئۇلاردا قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرگەن ۋاقىتتا، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ئىمكان بار ئانا سۈتى ئىمىتىش
   نۇرغۇنلىغان خىزمەتچى ئاياللار، شارائىت ۋە ۋاقىت جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن، بالىسى ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا ئۇلارنى ئانا سۈتىدىن ئايرىۋىتىدۇ؛ يىراقنى كۆزلەپ ئېيتقاندا، بۇنداق قىلىش ئۇنچە ياخشى ئەمەس، يەنىلا ئانا سۈتىنى كۆپرەك ئەمگەن ياخشى. بولۇپمۇ بالىلار يېڭىدىن ئىمىشكە باشلىغان ۋاقىتتا، ئانا تېنىنىڭ بەزى ئورۇنلىرىدا بەزىبىر پاكىزە بولمىغان نەرسىلەر بار بولۇپ، بوۋاقلار بەزىبىر باكتىرىيەلەرنى يەپ بەرسە، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى باكتىرىيە تەڭپۇڭلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدۇ. ئانا سۈتىنى ئۇزۇنراق ۋاقىت ئىمىپ بەرسە، بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، ھەرگىز ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلۇپ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ قويماسلىق كېرەك.
دورا ئىچىشتە ئېھتىيات قىلىش
   بالىلار كېسەل بولۇپ قالغان ۋاقىتتا، ئانا دەرھال ئۇلارغا دورا ئىچكۈزۈپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلانماقچى بولىدۇ. دورا ئىچىشنى بەك ياخشى ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ھەممىگە قادىر ئەمەس؛ كېسەللىك سەۋەبى ئوخشاش بولمىسا، لازىم بولىدىغان دورىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا ئەھۋالنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپ قالايمىقان دورا ئىچكۈزسەك، كېسەلنى داۋالىيالمايلا قالماستىن، يەنە ئاشقازان ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، بالىلارنى بىئارام قىلىدۇ. كەسپى دوختۇرلار بىزگە شۇنداق تەكلىپ بىرىدۇكى، ئەگەر چوقۇم دورا ئىچىش لازىم بولسا، مۇۋاپىق تۈردە بەزىبىر پايدىلىق باكتىرىيەلەرنى قوشۇپ ئىچىپ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك.
زىيادە پاكىزە بولۇپ كەتمەسلىك
   بالىلارنىڭ تېنىنىڭ تېخىمۇ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىغا ئىنتايىن پاكىزە مۇھىت ھازىرلاپ بىرىدىغان بولۇپ، ئاساسى قەھەتتىن باكىتىرىيەسىز مۇھىتقا يېقىنلىشىپ قالىدۇ؛ ھەر كۈنى نۇرغۇن قېتىم قوللىرىنى يۇيۇپ، يېمەكلىكنىمۇ ناھايىتى پاكىزە بىتەرەپ قىلىدۇ. ئەگەر بالىلار بۇ خىل تۇرمۇشتا كۆنۈپ قالسا، ئۇلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تېخىمۇ ناچارلىشىپ، سىرتقى مۇھىتتىن باكتىرىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ قالسا، بالىلار دەرھال كېسەل بولۇپ قالىدۇ، بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. بالىلارنىڭ تەبىئىي ھالدا ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا قويۇپ بىرىپ چوڭ قىلىپ، ھەددىدىن ئارتۇق قوغداش قىلىۋالماسلىقىمىز لازىم.

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى خاتا يولغا باشلايدىغان ئادەتلىرى

بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىغا قارىتا، ھەمىشە ئۇنى قىلساڭ بولمايدۇ، بۇنى قىلساڭ بولمايدۇ دەپ، ئۆزىچ

ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ياخشى بولىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىلىرى

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، خۇشاللىقلا بار ئەمەس؛ ھامىلدار ئاياللار، ھەمىشە بەزىبىر ئىشلارنىڭ قوسىقىدىكى بالىغا تەسىر يىتىپ قېلىشىدىن ئەن

ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەينىدە بۇ خىلدىكى ئانىلار بار

ھەربىر ئاتا-ئانا بالىسىنى تەربىيەلىگەن ۋاقىتتا، بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بولۇپمۇ بالىسى مەكتەپكە بار

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

ھامىلدار ئاياللارنىڭ سۇ ئىچىشىنىڭمۇ قائىدىسى بار

نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەمىشە ئېغىزى قۇرۇپ ئۇسساپ كىتىدۇ؛ لىكىن بەزى ھامىلدار ئاياللار، كىچىك تەرەت قىستا

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号