ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ياخشى بولىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5811:قېتىم كورۇلدى
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، خۇشاللىقلا بار ئەمەس؛ ھامىلدار ئاياللار، ھەمىشە بەزىبىر ئىشلارنىڭ قوسىقىدىكى بالىغا تەسىر يىتىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ئۆتىدۇ. ئەمىلىيەتتە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، تۆۋەندىكى نەچچە خىل ئىپادە كۆرۈلسە، بۇ ئەھۋال ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ھامىلدار ئاياللار ئارتۇقچە ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ.
كۆكسى ئاغرىش
   ھامىيلىنىڭ كۈنسايىن يىتىلىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمۇن سەۋيىسى ئېشىپ، بەدىنىدە ھەرخىل ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ؛ بۇنىڭدا ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى، ھامىلدار ئايالنىڭ كۆكسى بارغانسىرى يوغىناپ كىتىدۇ. ھامىيلىنىڭ يىتىلىش جەريانىدا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ كۆكسىنىڭ چىڭىپ ئاغرىشىنى ھىس قىلىشى ئىنتايىن نورمال ئەھۋال، ئەنسىرەش كەتمەيدۇ. چۈنكى، ئاياللارنىڭ كۆكسى تېخىمۇ يىتىلىپ تولسا، ئاندىن بوۋاققا ئۇزۇق بىرىش ئاساسىنى تىكلىيەلەيدۇ.
كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپلەش
    ئانىلار ئەمدى ھامىلدار بولۇپ قالغىنىنى بايقىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ھەمىشە كىچىك تەرىتى قىستىغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل كىچىك تەرەت قىستاش تۇيغۇسى، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كۈچىيىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار بۇنىڭدىن ئەنسىرمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋال ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىدىن دىرەك بىرىدىغان بولۇپ، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى ياخشى بولغاچقا، ھامىيلە دوۋساقنى بېسىۋىلىپ، ھامىلدار ئايالدا كىچىك تەرىتى قىستىغانلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بەزى ھامىلدار ئاياللار بۇنىڭدىن زىرىكىش ھىس قىلىشى، ھەتتا كىچىدىكى ئۇيقۇسىغا تەسىر يىتىشى مۇمكىن. بۇ يەردە ھامىلدار ئاياللارغا شۇنى تەكلىپ بىرىمىزكى، چوقۇم روھى كەيپىياتنى ياخشى تەڭشەپ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ كىچىك تەرىتى كۆپ بولۇشتەك بۇ ئەھۋالغا توغرا پوزىتسىيەدە بولۇشى كىرەك.
ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كىتىش
   ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىپ، تاماق مىقدارى ۋە ئۇيقۇسىنىڭ كۆپلەپ قېلىشى، ئۇلارنىڭ ھۇرۇنلىشىپ قالغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بەدىنىدىكى ھورمۇن سەۋيىسى تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاشقازان ئۈچەي ئىقتدارىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقىدىن بولىدۇ. بۇ نورمال بىر ئەھۋال. بىراق، ھامىلدار ئاياللارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى، تاماق جەھەتتە يەنىلا ئۆزىنى كونتىرول قىلىۋىلىش كىرەك؛ بولمىغاندا، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە سىزنى سەمىرتىپ قويىدۇ. بۇندىن باشقا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تاماق يەپ بولۇپلا يەنە قورسىقى ئاچقاندەك ھىس قىلسا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى مىۋە-چىۋىلەرنى ئىستىمال قىلىشى كىرەك.
بەدىنى سىقىراپ ئاغرىش
    بۇ ئەھۋال ئادەتتە ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى  مەزگىلىدە كۆرىلىدىغان بولۇپ، ھامىيلە يىتىلىش جەريانىدا، ھامىلدار ئايال كۈندىلىك قوبۇل قىلغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالدا ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىش تەڭپۇڭ بولماي كالتسىي كەملەپ كەتسە، ئاسانلا مۇسكۇللارنىڭ سىقىراپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار، ئادەتتە كالتسىي تۇلۇقلاشقىمۇ ئەھمىيەت بىرىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا يەنە بىر خىل ئەھۋال بولسا، ھامىيلىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۇمۇرتقىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، نىرىپلارنى بېسىۋالسا، ھامىلدار ئاياللاردا باش قېيىش ۋە بىئارام بولۇشتەك ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار ئادەتتە يول ماڭغان ۋاقىتتا، باش قىسىم ۋە بەل قىسىمنى كۆپرەك ھەرىكەتلەندۈرۈپ بىرىپ، باش ئاغرىش ئالامەتلىرىنى يىنىكلىتىشكە پايدىلىق بولىدۇ.

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号