ھامىلدار ئاياللارنىڭ سۇ ئىچىشىنىڭمۇ قائىدىسى بار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5809:قېتىم كورۇلدى
   نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەمىشە ئېغىزى قۇرۇپ ئۇسساپ كىتىدۇ؛ لىكىن بەزى ھامىلدار ئاياللار، كىچىك تەرەت قىستاپ قېلىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرۈپ، سۇنى كۆپ ئىچىشنى خالىمايدۇ. ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن سەۋيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن، ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن كۆپرەك ئۇسسايدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا ئىككى كىشىلىك ئىھتىياجنى قامدىماي بولمايدۇ. ئۇنداقتا، سۇنى قانداق ئىچكەندە بىرقەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ؟
   ھامىلدار ئايال ۋاقتىدا سۇ تەركىبىنى تۇلۇقلاپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ۋە ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ! ئەمىلىيەتتە، ھامىلدار ئايالنىڭ سۇ ئىچىش مەسىلىسىدە، بەلگىلىك قائىدىگە رىئايە قىلمىسا بولمايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ھامىلدار ئايال كۈنىگە ئاز دىگەندىمۇ 8-6ئىستاكان سۇ ئىچىپ بىرىشى كېرەك، ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە بىرقەدەر ئازراق بولسىمۇ بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمىزكى، ھەرگىز ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپ، سۇنى ئاز ئىچىشكە بولمايدۇ، بولمىسا ساغلاملىققا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   ئاز بولمىغان ھامىلدار ئاياللاردا قەۋزىيەت، كىچىك تەرەت سېرىق كىلىش، تىرە قۇرغاقلىشىش، قوقاقلاش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەندە سۇ تەركىبى كەمچىل بولغانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن؛ ھامىلدار ئايال ۋاقتىدا سۇ تەركىبى تۇلۇقلاپ، بەدەننىڭ مىتابولىزىم سۈرئىتىنى تىزلىتىشى ھەمدە بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىشنى تىزلىتىپ، قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
   ھامىلدار ئايالنىڭ سۇ ئىچىشى ۋە سۇ تۇلۇقلىشى لايىقىدا بولۇش كېرەك، ھەرگىز قانچە كۆپ ئىچسە شۇنچە ياخشى ئەمەس. ئەگەر ھامىلدار ئايال سۇنى بەك كۆپ ئىچىۋەتسە، ئۇلاردا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ تەسىرىمۇ ئوخشاشلا كىچىك ئەمەس. ئەگەر راستىنلا سۇلۇق ئىششىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم سۇ تۇلۇقلاش زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكتىن بولىشى مۇمكىن؛ بۇ ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال ۋاقتىدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى ھەمدە ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، مايسىز ۋە تۇزى كەمرەك يىمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىپ ئۇزۇقلىنىشى، مىۋە چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى لازىم.
   ئەگەر نىسبەتەن ئالاھىدىرەك ئەھۋاللارغا ئۇچراپ، ھامىلدار ئايال سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەمىلىيەتتە، نۇرغۇن ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ھامىلدارلىق ئىنكاسلىرى(سىزىك) كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋاللار بولۇپ، بەزى ھامىلدار ئاياللار سۇ ئىچسە ئەكسىچە كۆڭلى ئاينىپ ئىچەلمەي قالىدۇ. بىراق، ھامىلدار ئايال ھەرقانچە بىئارام بولسىمۇ، ئەمما قوساقتىكى ھامىيلە ئۈچۈن بولسىمۇ، ۋاقتىدا يىتەرلىك مىقدار سۇ تەركىبى تۇلۇقلاشتىن باش تارتسا بولمايدۇ.
   ئاخىرىدا سۆزلەپ ئۆتمەكچى بولغىنىمىز، سۇ تۇلۇقلاشتا، قايناقسۇ ئىچى بىرلا ئۇسۇل بار ئەمەس؛ ھامىلدار ئاياللار سۇ تۇلۇقلاشتا چاي(سۇس دەملەنگەن) ئىچسە، ياكى قايناقسۇغا لىمون، ھەسەل قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئىچسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدا ئەھۋال ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا يەنە، تاماق يىگەن ۋاقىتتا بەزىبىر كۆكتات شورپىلىرىنى تەييارلاپ، شورپىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە ياكى مىۋە-چىۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号