پىسخولوگلارنىڭ بالىلار تەربىيەسى ھەققىدە بەرگەن تەكلىپلىرى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 13915:ئادەم ئۆگەندى
   تۈنۈگۈن بىر پىسخولوگنىڭ بالا تەربىيەسى ھەققىدە سۆزلىگەن لىكسىيىسىنى ئاڭلىدىم، ئۇ گەرچە نۇرغۇن پايدىلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما مېنىڭ ئېسىمدە پەقەت تۆۋەندىكى تەكلىپلارلا قېلىپتۇ؛ تۆۋەندە بۇلارنى كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھىرلىنىپ ئۆتىمەن.
   بالىلار ئۆزى بولۇپ ياشىسا ئاندىن سىزدىن ئېشىپ چۈشۈشى مۇمكىن!
   ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى ئالدىن لايىھەلەپ بەرسە، بالىلار چوقۇم خۇشال بولالمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى ئۆتكۈزمەي، ئاتا-ئانىسىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.
   زىيادە ئامراقلىق بىر خىل پوزىتسىيە، باي كەمبەغەللىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز
   زىيادەم ئامراقلىق ئىچىدە چوڭ بولغان  بالا، كۆپىنچە ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىغىلا ئېتىبار بىرىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ ھېس تۇيغۇسىنى چۈشىنەلمەيدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك خاتالىقنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇشقا ئادەتلىنىپ، ئاتا-ئانىسىدىن، مۇئەللىمىدىن، ساۋاقداشلىرىدىن، جەمئىيەتتىن، تەلىيىدىن، ھەتتا تەقدىرىدىن ئاغرىنىدۇ.
   ئوغۇل بالا بىلەن قىز بالىغا، ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرى ئوخشىمايدۇ
   ئەگەر ئوغلى بىلەن دادىسىنىڭ پىكىرلىشىشى كەمچىل بولسا، كۆڭلىدە دادىسىغا بولغان ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى كەمچىل بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا ئىگىلىك جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى تەسكە توختايدۇ؛ ئەگەر قىز بالا كىچىكىدىنلا "خاراكتېرى كۈچلۈك ئانا" بار ئائىلىدە چوڭ بولسا، ئۇنداقتا ئۇ كەلگۈسىدە ئىرىگە ئانىسى دادىسىغا تۇتقان پوزىتسىيەگە ئوخشاش پوزىتسىيەدە بولىدۇ.
بالىلار نېمىشقا يالغان سۆزلەيدۇ؟
   يالغان ئېيتىش، بىر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىۋىلىشىغا بىلدۈرگەن قارشىلىقىدۇر. ئەمەلىيەتتە، يالغان سۆزلەيدىغان ھەر بىر بالىنىڭ كەينىدە، يول قويۇش دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئاتا-ئانا بار بولۇپ، ئۇلار بالىسىنىڭ يۈز ئىشىنىڭ توقساق توققۇزىغا يول قويمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كۆپرەك رۇخسەت قىلىشنى ۋە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاشنى بىلسە، بالىلار تەدرىجىي ھالدا يالغان سۆزلىمەيدىغان بولىدۇ.
ئاتا-ئانىلار كۆپ جىدەللەشسە، بالىلار ئۆزىنى تاشلىۋىتىدۇ
   بۇنداق ئەھۋال بەك ئېغىرلاپ كەتسە، بالىلار كېسەل بولۇپ قېلىش، ئۆزىنى زەخىمگە ئۇچرىتىش، چۈشكۈنلىشىش، ھەتتا ئۆلۈم ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەپلىشىپ قېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى مۇمكىن.
بالىلار ئاتا-ئانىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغىلى ئۇنىمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
   ئەمەلىيەتتە بالىلار بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، سىز بالىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ھېسسىياتىنى غەزەپكە ئايلاندۇرۇپ بالىنى ئەيىبلىمەي، ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىنى—ئامالسىزلىقىڭىزنى، ھەسرىتىڭىزنى ياكى ئازابىڭىزنى ئۇلارغا ئىپادىلىسىڭىز، بالىنىڭ قەلب دەرۋازىسى تەدرىجىي ھالدا سىز ئۈچۈن ئېچىلىشى مۇمكىن.
   ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئەڭ ياخشى مۇئەللىمى. لېكىن، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ بالىسىغا نېمىلەرنى ئېلىپ كىلەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ بالىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. بىراق، بىز شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، بالىلار تېخى كىچىك، ئۇلار بىلمەيدىغان ئىشلارنى، پەقەت ئاتا-ئانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىگىلا تايىنىدۇ. شۇڭا، بالىڭىزغا يېڭى بىر پۇرسەت يارىتىپ بىرىشنى ئۇنۇتماڭ!

بوۋاقلارنىڭ "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى

يېقىندا بەزى ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بوۋىقىنىڭ تەسلىم بولغانغا ئوخشاش قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋ

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

كىچىك بالىلاردا، ئادەتتە تاماق يىگەن ۋاقىتتا گېلىغا سۆڭەك ياكى باشقا يىمەكلىك تۈرۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا بىرەر نەرسە ئويناپ يۈتۈپ س

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورسىقىڭىزنى قولىڭىزدا تاتىلىماڭ

ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ياكى ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا ھەمىشە قورسىقى

بوۋاقنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق تۇغۇلۇشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

ھامىلدار ئايال سەۋزىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ھامىيلىگە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تەسىر

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号