ھازىرقى بالىلارنىڭ سوبىكتىپ ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئىپادىلەش ئىستىكى كۈچلۈك بولىدۇ؛ شۇڭا، ئاتا-ئانىسى مەيلى نېمىلا دىمىسۇن، ئۇلار بىر ئىككى ئېغىر گەپ-ياندۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، بەزىدە ھەتتا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان ۋاقىتتىمۇ خاتالىقىنى تونۇپ تەنقىدنى قوبۇل قىلماي، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۋىتىدۇ.
لېكىن، بالىلار سىزگە گەپ ياندۇرغان ۋاقىتتا، بۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى، تىللاش بىلەن ئۇرۇشلا ئەمەس! بۇنىڭدا مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، بەلكىم تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ باقسىڭىز، ئويلىمغان ئۈنۈمگە ئىرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
كەيپىياتنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلاش
بالا ئاتا-ئانىسىغا گەپ ياندۇرغان ۋاقىتتا، بۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە بەلگىلىك دەرىجىدە ئېھتىيات ھالىتى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ئەگەر گەپ ياندۇرمىسا، تېخىمۇ كۆپلىگەن تەنقىدلەشكە ئۇچراشتىن ئەنسىرەيدۇ. ئەلۋەتتە، بالىلارنىڭ گەپ ياندۇرۇشى، چوقۇم ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا سىز كەيپىياتىڭىزنى كونترول قىلىپ، ئاچچىقلىنىشقا ئالدىرماسلىقىڭىز لازىم.
بۇندىن باشقا، بىرىنچى ئىنكاس ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، تەربىيە بوش بولۇپ قالسا بالىلار تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ، بەك قاتتىق بولۇپ كەتسە بالىلارنىڭ ھەقىقىي ئويىنى ئىپادىلىشىنى توسۇپ قويىمىز.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۆزىمىزنى بېسىۋىلىپ، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئويلىشىپ بېقىشىمىز لازىم؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بالىغىمۇ ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىشنى ئېيتىپ، ئۇلارغا پەقەت كەيپىياتى تۇراقلاشقاندىن كېيىن ئاندىن پىكىرلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىز بولىدۇ.
بالىنىڭ گەپ ياندۇرۇش سەۋەبىنى جەزىملەشتۈرۈش
بەزىدە، بالىلارنىڭ گەپ ياندۇرۇشى ئاتا-ئانىسىغا قارىتىلغان بولماسلىقى مۇمكىن، بەلكى سىرتقى مۇھىتتىن زەربىگە ئۇچراپ ياكى كەيپىياتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئاچچىقىنى ئاتا-ئانىسىدىن چىقارماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ۋاقىتلىق گەپ ياندۇرۇپ قارشىلىشىش، بەلكىم بالىلار بىرەر ئىشنى بىتەرەپ قىلىشقا ئالدىراۋاتقانلىقتىن، مەسىلەن مەكتەپكە كىچىكىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ئالدىرىغانلىقتىن قاتارلىق سەۋەبلەردىن، تىرىكىپ ئاتا-ئانىسىغا گەپ ياندۇرغان بولۇشى مۇمكىن.

گەپ ياندۇرۇشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارغا ياردەملىشىپ، مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
ئاقىۋىتىنى ئىنىقلاشتۇرۇش
ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ گەپ ياندۇرۇش سەۋەبىنى ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن، بالىلار بىلەن بىرلىكتە مەسىلىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش كېرەك ھەمدە ئۇنىڭغا خاتا ئىش قىلىپ قويغاندا جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش كېرەك.
بالىلارغا بۇنىڭ ئىچىدىكى قائىدە-پىرىنسىپلارنى چۈشەندۈرۈپ قويساق، بالىلار جازاغا ئۇچرىغاندا كۆڭلىدە بۇرۇنلا چۈشەنچە بار بولغاچقا، بەك بىئارام بولۇپ قالمايدۇ.
ئۆزى ئۈلگە بولۇش
ئەگەر بالىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىمەن دېسەك، ئالدى بىلەن بالىلارنى ھۆرمەتلەش كېرەك. بالىلارنى ئىشلارنى ياخشى قىلسۇن دېسەك، ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ياخشى قىلىپ ئۈلگە بولىشىمىز لازىم.
ئاتا-ئانىلارمۇ چوڭلار بىلەن پىكىرلەشكەن ۋاقىتتا، ئىمكان بار گەپ ياندۇرماسلىق كېرەك. بولمىغاندا، بالىلار بۇنى كۆرسە، ئۇلارمۇ ئاتا-ئانىسىنى دوراپ، گەپ ياندۇرمايدىغان بالا بولسىمۇ گەپ ياندۇرۇشنى ئۆگىنىپ قالىدۇ.
بالىنى ماختاش
بالىلار ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يەتكەن ۋاقىتتا، ھەمدە ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزگەرتكەن ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار چوقۇم ئۇلارنىڭ ئىپادىسىنى ماختاپ رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.
ماختاش، بىر خىل ئېتىراپ قىلىپ جەزىملەشتۈرۈش بولۇپ، بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيدۇ. ئۇلار تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش كۆرىدىغان بولىدۇ. بالىلارنى ماختاپ رىغبەتلەندۈرۈپ بەرسەك، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.