ئائىلىدىكى بالىنىڭ كەلگۈسىگە تەسىرى زور بولغان يامان ئادەتلەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6176:ئادەم ئۆگەندى
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى مۇئەللىمى؛ لېكىن، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لاياقەتلىك مۇئەللىم بولالىشى ناتايىن. ئەگەر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش جەھەتتىكى گەپ سۆزلىرى ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىلمىشلىرى بىلەن بىردەك بولمىسا، ھەتتا تۇرمۇشتىكى بەزىبىر قىلمىشلىرى مائارىپ-تەربىيە يىتەكچى ئىدىيەسىگە قارشى ئېقىمدا بولسا، ئۇنداقتا، بالىغا بولغان تەربىيە ئۆزىنىڭ ئەسلى ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ.
   ناچار ئادەتلەر، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، تۆۋەندىكى نەچچە تۈرلۈك يامان ئادەتلىرى بار بولغان ئاتا-ئانىلار تەربىيەلىگەن بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى تەسكە توختايدۇ.
چوڭلارنى ھۆرمەت قىلماسلىق
   چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش، ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل پەزىلىتى. لېكىن رىئال تۇرمۇش جەريانىدا، نۇرغۇن كىشىلەر تۇرمۇشتىكى ھەرخىل ئىشلار سەۋەبىدىن، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جىدەللىشىپ خاپا بولۇشۇپ قالىدۇ؛ بەزىلەر ھەتتا، بالىسىنىڭ ئالدىدىلا سوقۇشۇپ كېتىدۇ، بۇ خىل قىلمىشنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور.
   بالىلارنىڭ دوراپ ئۆگىنىش ئىقتىدارى تۇغۇلما كۈچلۈك بولۇپ، بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارمۇ ئاتا-ئانىسىنى دوراپ،ھە دېسىلا ئاتا-ئانىسى بىلەن سوقۇشۇدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر كىيىنكى كۈنلەردە بالىڭىزنىڭ ھۆرمەت قىلىشىغا ئېرىشەي دېسىڭىز، ئۇنداقتا ئاتا-ئانىڭىزنى ھۆرمەت قىلىشتىن باشلاپ، بالىڭىزغا قارىتا ئۈلگىلىك رول ئوينىشىڭىز كېرەك.
كەيپىياتىنى كونترول قىلالماسلىق
   بالىغا نىسبەتەن ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش، ئاتا-ئانىسىنىڭ جىدەللىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈشتۇر. بەزى ئاتا-ئانىلار ئاچچىقى كېلىپ قالغان ۋاقىتتا، قانداق سورۇن بولىشىنى ۋە بالىسىنىڭ بار يوقلۇقىنى ئويلاشمايلا، ئاۋۋال ئاچچىقىنى چىقىرىۋىلىشنى ئويلايدۇ.
  كەيپىياتىنى كونترول قىلالماي ئاسان ئاچچىقلىنىپ كېتىدىغان ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىنىڭ پىسخىكىسىغا بەلگىلىك زىيانلىق تەسىر شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. بۇنداق بالىلار، بىرسى قورقۇنچاق، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ يەنە بىرسى، بالىلار ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش كەيپىياتىنى كونترول قىلالمايدىغان، ئاسان غەزەپلىنىدىغان، تىرىككەك، باشقىلار بىلەن نورمال ئالاقە قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
   بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ قايسى بىرسى بولمىسۇن، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە نىسبەتەن ياخشى ئىش ھېسابلانمايدۇ.
   ئەگەر ئاتا-ئانىلار، ئۈمىدۋار ھەم ئۆزىگە ئىشنىدىغان بالا تەربىيەلەپ چىقىمەن دەيدىكەن، ئۇنداقتا چوقۇم ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىشى، ئىمكان بار بالىنىڭ ئالدىدا ئاچچىقلىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
   ئاتا-ئانىلارنىڭ مىجەزى مۇلايىم ھەم تۇراقلىق بولسا، بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تولىدۇ ھەمدە كەلگۈسىگە رىقابەت ئېلان قىلالايدىغان بولىدۇ.
سەت گەپ قىلىش
   بالىلار بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم قىلمىشلىرى ۋە گەپ-سۆزلىرى، ئاتا-ئانىسىنى دوراش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىسىغا ياخشى ئۈلگە بولمىسا ياكى ھەمىشە بەزىبىر سەت گەپلەر قوشۇلغان ئادەت سۆزلىرىنى ئىشلەتسە، ئۇنداقتا بالىلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگېنىۋالىدىغان بولۇپ، كەلگۈسىدە ئەدەپسىز ھەم سەت گەپ قىلىدىغان ئادەم بولۇپ قالىدۇ.
   بالىنىڭ ياخشى گەپلەرنى ئۆگېنىشىنى ھەمدە ئەدەپلىك بالا بولۇشىنى ئۈمىد قىلساق، ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلار ئۆزىمىزنىڭ ئېغىزىنى باشقۇرۇشنى بىلىشىمىز كېرەك.
ئىشلارنى كەينىگە سۆرەش
   ئەگەر ئاتا-ئانىلار كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا، ھەمىشە بىر ئىشلارنى كەينىگە سۆرىسە، ئىشقا كېچىكىپ قالسا ياكى دوستلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە كېچىكىپ بارسا ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئىپادىسىگە بەك پەرۋا قىلىپ كەتمىسە، ئۇنداقتا بالىلار بۇ خىل سۆرەلمىلىك قىلمىشىنى توغرا ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قېلىپ، ئۇلاردا خاتا ۋاقىت قارىشى شەكىللىنىپ قالىدۇ.
   بىر ئىشلارنى كەينىگە سۆرەش ئادىتى شەكىللىنىپ قالسا، بۇنى ئۆزگەرتمەك تەس؛ شۇڭا، بالىلار كىچىكىدىن باشلاپلا، ئۇلاردا توغرا ۋاقىت قارىشى تۇرغۇزۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
قائىدە-تەرتىپكە رىئايە قىلماسلىق
   يېقىندا بىر خەۋەر تارقالدى: بىر ھامىلدار ئايال، مەكتەپ يېشىغا توشمىغان ئوغلىنى يىتىلەپ، رەتنىڭ ئارىسىغا قىسىلىۋالغان؛ نەتىجىدە، كەينىدە رەتكە تىزىلىپ تۇرغان كىچىك بىر قىز، بۇ ئايالنىڭ قىلمىشىنى نەچچە ئېغىز ئەيىبلىگەندىن كېيىن، رەتكە قىسىلىپ كىرىۋالغان ئايال ئاچچىقلىنىپ، قىز بالىنى تېپىپ يېقىلدۇرۋەتكەن، يەرگە يېقىلغاندىن كېيىنمۇ بولدى قىلماي يەنە نەچچىنى دەسسىگەن.
   بۇ ئايال ئېنىقلا ئۆزى قائىدە تەرتىپكە رىئايە قىلماي تۇرۇپ، كەينىدىن يەنە باشقىلارنى ئۇرغان. بۇ بىر خىل شەخسىيەتچى ئادىمىيلىك خاراكتېرى بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپەتىنىلا ئويلايدۇ، باشقىلارغا قانداق زىيان ياكى تەسىر ئېلىپ كىلىشىنى ئويلاشمايدۇ.
   بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئادەم ئۇرغان ئايال ۋە ئۇنىڭ ئىرى، خاتالىقىنى تونۇپ كەچۈرۈم سورىمايلا قالماي، يەنە تېخى مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ، ئاممىنىڭ دىققەت نۇقتىسىنى يۆتكەشكە ئۇرۇنغان. ئۇلار ئىزچىل تۈردە، ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ بالىسىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاشمىغان. ئۇ ئايالنىڭ ئوغلى، پۈتكۈل جەرياندا بار بولۇپ، ئانىسىنىڭ رەتكە قىستۇرۇلۇپ كىرىۋالغانلىقىنى، ئادەم ئۇرغانلىقىنى، خاتالىغىنى تونىمىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. بۇنىڭدا، ئۇلارنىڭ قىلمىشى بالىسىغا، رەتكە قىستۇرۇلۇپ كىرىۋىلىش خاتا ئەمەس، ئادەم ئۇرۇش خاتا ئەمەس، خاتالاشقانلار باشقىلار دېگەن خاتا قاراش شەكىللىنىپ  قالىدۇ.
   دۇنيانىڭ تەڭپۇڭ ھالەتتە ساقلىنىپ تۇرىشى، قائىدە تەرتىپلەرنىڭ بار بولغانلىقىدىندۇر. قائىدە تەرتىپلەرگە رىئايە قىلمايدىغان كىشىلەر، ھامان بىر كۈنى جەمئىيەت تەرىپىدىن شاللىۋىتىلىدۇ.
   ئاتا-ئانىلار ئەسلى نۇسخا، بالا بولسا كۆپەيتمە نۇسخا؛ بالىنى مۇنەۋۋەر قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىمەن دېسەك، ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن ئۆزىدىكى يامان ئادەتلەرنى تاشلاپ، مۇنەۋۋەر ئاتا-ئانىغا ئايلىنىشى لازىم.

بوۋاقلارنىڭ "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى

يېقىندا بەزى ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بوۋىقىنىڭ تەسلىم بولغانغا ئوخشاش قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋ

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

كىچىك بالىلاردا، ئادەتتە تاماق يىگەن ۋاقىتتا گېلىغا سۆڭەك ياكى باشقا يىمەكلىك تۈرۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا بىرەر نەرسە ئويناپ يۈتۈپ س

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورسىقىڭىزنى قولىڭىزدا تاتىلىماڭ

ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ياكى ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا ھەمىشە قورسىقى

بوۋاقنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق تۇغۇلۇشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

ھامىلدار ئايال سەۋزىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ھامىيلىگە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تەسىر

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号