بوۋاقتا تۇغۇلما يۈرەك كېسەللىكى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6279:قېتىم كورۇلدى
   ھازىر، دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى، تەخمىنەن 150مىڭ ئەتراپىدا تۇغۇلما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بوۋاق تۇغۇلىدۇ؛ يىڭى تۇغۇلغان ھەر 1000بوۋاق ئىچىدە، تەخمىنەن ئالتىسى، تۇغۇلما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان تۇغۇلىدۇ. بۇ كېسەللىك، ھازىر يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا.
   تۇغۇلما يۈرەك كېسەللىكى، بالىنىڭ يۈرىكىدىكى كېسەللىك مەسىلىسىنىڭ، تۆرەلمە يېتىلىش جەريانىدىلا شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، ھامىلدار ئاياللار نېمە ئۈچۈن توغۇلما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلارنى تۇغىدۇ؟
   بالىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇغۇلما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقى ھەققىدە، مۇقىم بېكىتىلگەن سەۋەب يوق. بىراق، ئالاقىدار ئورۇنلار، 80مىڭدىن ئارتۇق تۇغۇلما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 20نەچچە خىل ئامىللارغا قارىتا سىتاستىكىلىق بىتەرەپ قىلىش ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرىدا، ھامىيلىنىڭ يۈرىكىگە زىيان ئېلىپ كىلىدىغان يەتتە چوڭ ئامىلنى خۇلاسىلاپ چىققان.
   1. ئانا ھامىلدار ۋاقىتتا، پاسسىپ ھالدا تاماكا چەككەن؛(يەنى ئىككىنچى قول تاماكا ئىسى سۈمۈرگەن)
   2. ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، زۇكامنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، كىسەللىك ۋىرۇسلىرىدىن يۇقۇملىنىش.
   3. ھامىلدار ئايالنىڭ، ئالاقىدار مۇداپىئەلىنىش چارىلىرىنى قوللانمىغان ئەھۋال ئاستىدا،  Xنۇرى قاتارلىق رادىئاتسىيەلىك مەنبەئەلەر بىلەن ئۇچرىشىشى.
   4. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەزىبىر خېمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىش.
   5. ئېغىزدىن ئىچىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئۈنۈم بەرمەي ھامىلدار بولۇپ قالغان بالا.
   6. ھامىلدار ئايالدا دىئابىت كېسەللىكى بار بولۇشى.
   7. بالىنىڭ دادىسى ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككەن ۋە ھاراق ئېچكەن بولسا.
   يۇقارقى يەتتە تۈرلۈك ئەھۋال، سىتاستىكىلىق بىتەرەپ قىلىش ئارقىلىق خۇلاسىلاپ چىقىلغان، ھامىيلىنىڭ يۈرىكىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىسىز بولغان ئامىللاردۇر.
   تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تۇغۇلما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يۇقارقى يەتتە خەتەرلىك ئامىلدىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك:
   1. ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئىمكان بار تۇرۇبا سۈيى ئىچمەسلىك. چۈنكى، تۇرۇبا سۈيى تەركىبىدىكى گىپوخلورىك كىسلاتاسى، ھامىيلىگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
   2. فولىن كىسلاتاسىنى ھەسسىلەپ ئىچىش. فولىن كىسلاتاسىنىڭ، مېڭە نىرۋا كانىلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىدىن باشقا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ زور پايدىسى بار.
   3. مىۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ، ۋىيتامىننى كۆپرەك تولۇقلاش.
   4. قەرەللىك تۈردە تەكشۈرۈش قىلدۇرۇش. ھامىلدارلىق 22-ھەپتىسى ئەتراپىدا، ھامىيلىنىڭ يۈرىكىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك. چۈنكى، ھامىلدارلىق 22-ھەپتىسى ئەتراپىدا، ھامىيلىنىڭ يۈرىكى ئاساسى جەھەتتىن يىتىلىپ بولىدۇ؛ ئەگەر تۇغۇلما يۈرەك كېسەللىكى بار بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئاساسەن تەكشۈرۈپ بايقاشقا بولىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号