بىر ئانىنىڭ بالىسىغا تۈزۈپ بەرگەن ئون تۈرلۈك قائىدىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6275:قېتىم كورۇلدى
   كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە، دادا ئادەتتە روھى جەھەتتىكى تۈۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايدۇ، ئانا بولسا ئاندىن ئائىلە خاتىرجەملىكىنىڭ ھۇل تېشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بالىنىڭ ھەركۈنلۈك كۆپ قىسىم ۋاقتى ئانا بىلەن بىللە ئۆتىدىغان بولۇپ، ئانىنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى ۋە گەپ سۆزلىرى، ھەر ۋاقىت بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا بالىنىڭ كەلگۈسى ھاياتلىق پەللىسىنىڭ ئېگىزلىكىنى بەلگىلەيدۇ.
   ياپونيەدە ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر جۇڭگۇلۇق ئانا، بالىسى ئۈچۈن ئون تۈرلۈك ئائىلە قائىدە-نىزامى تۈزۈپ بەرگەن؛ بۇ قائىدە-نىزاملار گەرچە ئاددى بولسىمۇ، ئەمما بالىلارغا نىسبەتەن پايدىسى زور، سىزمۇ كۆرۈپ بېقىڭ!
   1. باشقىلارغا ئۇچراشقاندا ئاۋۋال سالام قىلىش؛ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ياكى ياخشىلىقىغا ئىرىشكەندە، ئېغىزچە ياكى يېزىق شەكلىدە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش؛ باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ سالغاندا، چوقۇم  نەخ مەيداندا ئەپۇ سوراش.
   2. ئاممىۋى سورۇنلاردا(خالىغانچە ئويناشقا بولىدىغان سورۇنلاردىن باشقا)، گەپ قىلىش ئاۋازىنى ئىمكان قەدەر ئۈچىنچى ئادەم ئاڭلىمىغۇدەك دەرىجىدە كونتىرول قىلىش.
   3. دادىڭىزغا دىيىشنى خالىمىغان گەپنى، ئانىڭىزغا ئاستاغىنا سۆزلەپ بەرسىڭىز بولىدۇ؛ ئانىڭىزغا دىيىشىنى خالىمىغان بولسا، دادىڭىزغا ئاستاغىنا سۆزلەپ بەرسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ھەر ئىككىمىزگە سۆزلەپ بەرمەسلىككە بولمايدۇ.
   4. سەمىمىيلىك، ئەڭ ياخشى پەزىلەتلەرنىڭ بىرى؛ يالغان گەپ قىلىپ ۋە باشقىلارنى ئالداپ، دوستلىرىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىشەنچىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا بولمايدۇ. بولمىغاندا، ئادەم ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالىدۇ.
   5. ئەگەر سوقۇشۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمىسا، باشقا قوراللاردىن پايدىلىنىشقا، چىشلەشكە ۋە قولىنى قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە تىقىشقا بولمايدۇ. بۇلاردىن باشقا، قانچىلىك ئۇرۇشسىڭىز مەيلى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن سىزنىڭ ئۇرۇشۇپ يىڭىۋىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرىغاندا، پەقەت يول قويۇپ ئاچچىقنى ئىچىگە يۇتۇشنىلا بىلسە، بالىلار يۇۋاش بولۇپ قالىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەن شەرت ئاستىدا، بالىلارنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىنىڭ، ئۆزىنى ئىپادىلىشىنىڭ ۋە ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىنىڭ ھېچقانداق بولمايدىغان يىرى يوق.
   6. يولدىن تېپىۋالغان تەڭگە پۇل، بىر يۈەنلىك پارچە پۇللارنى ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەكىلىپ يېغىپ ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ؛ ئەمما پۇل قاپچۇقى ياكى يۇقىرى سوممىلىق پۇللارنى ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ.
   7. باشقىلار سەمىمىيلىك بىلەن سىز نەرسە-كېرەك يىيىشكە تەكلىپ قىلسا، ئەگەر سىز ياقتۇرمىسىڭىز، "قورسىقىم توق" دەپ جاۋاپ بارسىڭىز بولىدۇ؛ ئەمما ھەرگىز "تەمى ياخشى ئەمەسكەن" دىگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ.
   8. ھەرقانداق يىمەكلىكنى يىگۈسى كەلگەندە يەپ، يىگۈسى كەلمىگەندە خالىغانچە تاشلىۋىتىشكە بولمايدۇ.
   9. ئۆزىڭىزنى مەقسەتلىك ھالدا باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماڭ؛ خۇددى ئادەمنىڭ ئىسمى ۋە چىرايى بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشىمىغانغا ئوخشاش، ھەربىر ئادەم ئۆزگىچە ۋە بىردىنبىر بولىدۇ.
   10. خەتەر ھېس قىلغان ياكى زۆرۈر تېپىلغان ۋاقىتتا، ھەرقانداق قائىدە-نىزاملارغا ئەمەل قىلمىساقمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى، ھاياتلىق ھەممىدىن مۇھىم.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号