نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللاردا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئۇيقۇسى قېچىش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ، ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.
كىچىسى ياخشى ئارام ئالالماسلىق، بىر قىسىم ھامىلدار ئاياللارنى روھى كەيپىياتى تۆۋەن ھەم ئاسان تەشۋىشلىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ؛ بۇ ئەھۋال، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىگە ۋە قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز. ئۇنداقتا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئۇيقۇسى قېچىشنى قانداق ياخشىلاشقا بولىدۇ؟

قالايمىقان خىياللارنى تاشلاپ، قانۇنىيەتلىك ئۇخلاش ئادىتى يىتىلدۈرۈش
بۇ ئۇسۇل بىرقەدەر ئومۇمىيلاشقان بولۇپ، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللاردا ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان مەسىلىگە قارىتىلغان.
قالايمىقان خىيال قىلىشنىڭ مەزمۇنى بىرقەدەر كۆپ، ياخشى ۋە يامانلىرىنىڭ ھەممىسى بار. بىراق مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم، تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشنى ھەرقانچە ئويلىغان بىلەنمۇ بىكار، بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز، پەقەت كۆز ئالدىمىزدىكى ئىشلارنى ياخشى قىلىش.
بۇندىن باشقا، ئىمكان قەدەر تەرتىپلىك بولغان ئۇخلاش ئادىتى يىتىلدۈرۈش لازىم؛ بىئولوگىيىلىك سائەت يىتىلدۈرۈلسە، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزلىكىمىزدىن ئويغىنىپ كىتىمىز. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بولسا، يانفون، كومپىيوتىر قاتارلىقلارنى ئويناشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇنى ئاز ئىچىش، كەچلىك تاماقنى مايلىق يىمەسلىك ۋە بەك تويۇنۇپ يىمەسلىك
نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللاردىكى ئۇيقۇسى قېچىشنى كەلتۈرىدىغان ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەپ، كىچىسى كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولۇش؛ ئازراق ئۇيقۇسى كەلسىلا، كىچىك تەرىتى قىستاپ ئۇيقۇسىنى قاچۇرىدۇ، بىر كىچىسى نەچچە قېتىم ھاجەتكە چىقىپ، ئۇخلىيالماي بىئارام بولىدۇ.
ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، يوغىناپ كەتكەن بالىياتقۇ دوۋساقنى بېسىۋىلىپ، كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئايال كەچلىك تاماقتا شورپا ياكى سۇيۇق تاماقلارنى ئازراق ئىستىمال قىلىشى، ئۇخلاشتىن بۇرۇنمۇ بەك كۆپ سۇ ئىچىۋالماسلىقى كېرەك، بۇنىڭدا كىچىك تەرەت قىستاش قېتىم سانى بەلگىلىك دەرىجىدە ئازىيىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە، كەچلىك تاماقنى بەك تويۇنۇپ يىيىشكە ياكى بەك مايلىق يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن ساقلانماق لازىم؛ بولمىسا، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىپ ۋە ئاشقازان بىئارام بولۇپ، ئۇيقۇنى تېخىمۇ قاچۇرۋىتىدۇ.
ياخشى ئۇخلاش مۇھىتى ھازىرلاش، راھەت ئۇخلاش ھالىتى ئىزدەپ تېپىش
ياتاق ئۆيدىكى چىراق نۇرى خىرە بولۇش بىلەن بىرگە يىنىك ھەم لەرزان مۇزىكا چىقىپ تۇرۇش، ۋە ياكى ياز پەسىللىرىدىكى قورت-قوڭغۇزلارنىڭ چىرىلداش ئاۋازلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، ياخشى ئۇخلاش مۇھىتى بولالايدۇ؛ بۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىتتا، ئادەمنىڭ كۆڭلى ئاسانلا تىنچلىنىپ، تىز سۈرئەتتە ئۇيقۇغا كىرىشكە پايدىلىق بولىدۇ.
بۇندىن باشقا، ھامىلدار ئايال يەنە ئۆزىگە ماس كىلىدىغان، ئۆزى راھەت قىلىدىغان شەكىل ھالەتتە يېتىپ ئۇخلاش لازىم. ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلاش نەپەسلىنىشنىڭ راۋان بولۇشىغا ۋە قان ئايلىنىشقا پايدىسىز، شۇڭا ئىمكان قەدەر يان تەرىپىنى بېسىپ ياتسا ياخشىراق بولىدۇ.

دوختۇرغا كۆرۈنۈش
ئۇيقۇ قېچىش كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزگەن ھامىلدار ئاياللار، زۈرۈر تېپىلغاندا دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ، بەزىبىر داۋالاش ۋاستىلىرى ۋە دورىلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئارقىلىق ئۇيقۇسىنى ياخشىلىسا بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى، چوقۇم كەسپى دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.