ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇخلاش ئادىتى بالىسىنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6048:قېتىم كورۇلدى
   ئۇيقۇ يېتىشمەسلىك، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بالىلار ئەتىگەنلىكى ئۇيقۇسى ئېچىلمىغانلىق سەۋەبىدىن ياكى ئىشتىھاسى يوقلۇق سەۋەبىدىن، ئەتىگىنى ناشتا قىلمىسا، كۆپىنچە كەچلىك تاماقنى كۆپ يەۋېلىپ، ئاسانلا سەمرىپ قالىدۇ. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ياكى كېچىكىپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بالىلار دەرستە چېكىنىپ كېتىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنىڭ ئوقۇشقا قىزىقماسلىقى، ئۇرۇشۇپ جېدەل قىلىشى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ئۇزۇن ۋاقىتتا ئۇيقۇ يېتىشمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ساغلام ئۇيقۇسىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئون نۇقتىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
   1. بالا بىلەن ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىلىك ئۇخلاش ھالىتىنى كۆزىتىپ ۋە چۈشىنىپ يېتىپ، قانۇنىيەتلىك بولغان ئۇخلاشقا يېتىش ۋاقتى ۋە ئۇخلاش ۋاقتى ئادىتىگە رىئايە قىلىشى ھەمدە بالىنىڭ يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش.
   2. ئۇخلىغىلى يېتىش ۋاقتى كىيىن، ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولمىغانلار، ئادەتتىكى ۋاقىتتىن 30مىنۇت بۇرۇن ئۇخلاشقا يېتىش. ئەگەر ئەتىگىنى كەيپىياتى ياخشى بولمىسا، ئۇنداقتا يەنە 30مىنۇت بۇرۇن ئۇخلاشقا يېتىش لازىم. كەيپىياتنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىغا قاراپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇخلاشقا يېتىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش.
   3. ئاتا-ئانىلار ئۆزىمۇ بالدۇر يېتىپ ئۇخلاشقا ئادەتلىنىپ، بالىغا ئۈلگە بولۇش.
   4. بالىغا چوقۇم ئەتىگەنلىك ناشتىلىق يېگۈزۈش ھەمدە كۈنلۈك ئۈچ ۋاخلىق تاماق ۋاقتىنىڭ قانۇنىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
   5. ئاتا-ئانىلار، بالىنىڭ ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىشىنى قوللاش لازىم؛ بۇنىڭدا، بالىنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
   6. بالىلارنىڭ ياتاق ئۆيى مۇھىتى جىمجىت، بەك يورۇق چۈشىۋالمايدىغان، تىمپىراتۇرسى ۋە نەملىك دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇش، ھاۋاسى ساپ بولۇش.
   7. بالىلارنىڭ ياتاق ئۆيىدە، تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون قاتارلىقلارنى قويماسلىق.
   8. ئاتا-ئانىلار بالىسى بىلەن ئورتاق ھالدا، خۇشاللىققا چۆمگەن ئۇخلاشقا تەييارلىنىش كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈش؛ مەسىلەن بىرگە كىتاب ئوقۇش، خۇشال ئىشلار ئۈستىدە پاراڭلىشىش دېگەنلەرگە ئوخشاش.
   9. بالىلارنىڭ كوففىئىن قوبۇل قىلىشىنى چەكلەش، چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچتىن كىيىن، بالىنى قەھۋە، قىزىل ۋە يېشىل چاي، كولا قاتارلىق تەركىبىدە كوففىئىن بار بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىچكىلى قويماسلىق.
   10. بىر كۈننىڭ ئەتىگەندىن ئەمەس، بەلكى كەچتە ئۇخلىغىلى ياتقان ۋاقىتتىن باشلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىش.
   قانۇنىيەتلىك ۋە تەرتىپلىك بولغان تۇرمۇش ئادىتى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىغا بەرگەن ئەڭ ياخشى ساغلاملىق سوۋغىسى. ھەممە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسى بىلەن بىرگە، ھەركۈنى 30مىنۇت بۇرۇن ئۇخلاشقا يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
 

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号