ھامىيلىنىڭ داس سۆڭەك بوشلۇقىغا چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6169:قېتىم كورۇلدى
   ھامىلىدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئەگەر تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ھامىيلىنىڭ داس بوشلۇقىغا كىرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا كىرىپ تۇغۇتنى كۈتۈشىڭىز كېرەك.
كىچىك تەرەت قىستاش قېتىم سانى كۆپلەپ كېتىش
   ھامىيلىنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، بالىياتقۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە يوغىناپ، دوۋساققا چۈشۈرىدىغان بېسىمى بارغانسېرى چوڭىيىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، كىچىك تەرەت كۆپ قىستايدىغان ئەھۋالمۇ كۆپلەپ كېتىدۇ. ھامىيلە داس سۆڭەك بوشلۇقىغا كىرگەندىن كىيىن، بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاپ يۇقىرى چەككە يىتىدۇ. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا بالىياتقۇ دوۋساققا تېخىمۇ يېقىنلاشقان بولۇپ، دوۋساققا تېخىمۇ چوڭ بېسىم چۈشۈرىدىغان بولغاچقا، دوۋساقنىڭ كىچىك تەرەت ساقلاش ئىقتىدارى تەبىئىيلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
قانۇنىيەتسىز تولغاق
   ھامىيلە داس سۆڭەك بوشلۇقىغا چۈشكەندىن كىيىن، بالىياتقۇ بوينىنى بېسىۋالىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئايالدا قورساق قىسمى تۇرۇپ تۇرۇپ يېغىلىدىغان ساختا تولغان ئالامىتى كۆرىلىدۇ؛ بىراق، بۇ خىل تولغاقنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇنغا بارمايدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇنىيەتسىز كېلىدۇ، ئىككى قېتىملىق تولغاق ئارىلىقىدىكى ۋاقىت پەرقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ ھەمدە قاتتىقلىق دەرىجىسى نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ، ئادەتتە ھامىلىدار ئايال نەچچە مىنۇت ئارام ئالغاندىن كىيىن، بۇ خىل تۇيغۇ ئاجىزلايدۇ.
قورساق شەكلىدە ئۆزگىرىش كۆرىلىش
   ھامىيلە داس بوشلۇقىغا چۈشكەندىن كىيىن، ھامىيلىنىڭ ئورنى ئاستى تەرەپكە يۆتكىلىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ھامىلىدار ئايالنىڭ قورساق شەكلى ئۆزگىرىپ، چوڭ ئاپېلسىنغا ئوخشاپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، تۇغۇتى يېقىنلاشقان ھامىلىدار ئاياللار، قورساق شەكلىنى كۆپرەك كۆزىتىپ بەرسە، بۇ ئارقىلىق ھامىيلىنىڭ داس سۆڭەك بوشلۇقىغا چۈشكەن چۈشمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.
ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى ئاستىلاپ كېتىش
   ھامىيلە داس سۆڭەك بوشلۇقىغا كىرگەندىن كىيىن، داس سۆڭەك بوشلۇقى تار بولغانلىق سەۋەبىدىن، ھامىيلىنىڭ ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئىزچىل تۈردە پائالىيەتچان كەلگەن بوۋاقنىڭ ھەرىكەتلىرى ئاستىلاپ قالىدۇ. بۇ، ھامىيلە مىدىرلىمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس؛ ئەگەر ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى تۇيۇقسىزلا ئازلاپ قالسا ياكى جىددىي سۈرئەتتە مىدىرلىۋىتىپ توختاپ قالسا، ھامىلىدار ئايال دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك، بولمىسا ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号