بالا ئۇزۇن ۋاقىت قىزىسا، بۇ كىسەللىكلەردىن ئىھتىيات قىلىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6050:قېتىم كورۇلدى
   بالىلار زۇكامداپ قىزىپ قالسا نورمال ئەھۋالمۇ؟
   بۇ ئىنتايىن نورمال بىر ئەھۋال. ئادەم زۇكامداپ قالغاندا، ئەسلىدىنلا قىزىش بىللە ئەگىشىپ كىلىدۇ، مەيلى چوڭ ئادەم بولسۇن ياكى كىچىك بالا بولسۇن ئوخشاشلا شۇنداق بولىدۇ. زۇكامداپ قالغاندا(يۇقىرى نەپەسلىنىش يولى يۇقۇملىنىش)، ئادەتتە ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان ئالامەت قىزىش بولۇپ، بەزىدە بىمارنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسى40گىرادوسقا يىتىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا 39-38گىرادوس ئەتراپىدا قىزىيدۇ. لىكىن بۇ يەردە چوقۇم ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بولغىنى، بەدەن تىمپىراتۇرسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشى، كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر يىنىكلىكىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.
   ئەگەر بالا زۇكامداپ قالغاندا، ئۇلاردا قىزىش، بۇرنىدىن ماڭقا ئېقىش، توختىماي چۈشكۈرۈش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، گال ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۇ بالىنىڭ ھەقىقى زۇكامداپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئادەتتە بىر ھەپتە ئىچىدە ساقىيىپ كىتىدۇ. بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە، بالا ئىزچىل تۈردە قىزىشى، ياكى بىر سۇۋۇپ بىر قىزىپ قايتا-قايتا قىزىشى مۇمكىن؛ بەزىدە قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ئىچكۈزسەك قىزىتمىسى يېنىپ، دورىنىڭ تەسىرى كەتكەندىن كىيىن يەنە قىزىيدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ، لىكىن بۇمۇ نورمال ئەھۋال.
   بالىنىڭ قىزىشى، ئۇنىڭ بەدەن ئىممونت كۈچى سېستىمىسىنىڭ كىسەللىك ۋىرۇسلىرى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان بولۇپ، قىزىش بولسا ئىممونت كۈچى تەسىرىنىڭ نەتىجىسى؛ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ بىر ياخشى ئىش ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئارتۇقچە ئەنسىرەش كەتمەيدۇ.
   پەقەت بالىنىڭ روھى كەيپىياتى ۋە ئىشتىھاسى ياخشى بولسىلا، قىزىش چوڭ مەسىلەن ئەمەس، مىڭىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
   بىراق، ئەگەر بالىنىڭ قىزىش ۋاقتى ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇنداقتا بۇنىڭغا دىققەت قىلماي بولمايدۇ.
   ئۇزۇن ۋاقىت توختىماي قىزىش، ياللۇغنى كونتىرول قىلالمىغانلىقتىن باشقا، يەنە ئۆپكە قىسىمدا ياللۇغلىنىش بار بولۇش ئىھتىماللىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا زۇكاملا ئەمەس، بەلكى باكتىرىيە ۋىرۇسلاردىن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت قايتا-قايتا قىزىش كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئېغىر كىسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلىشىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ.
   بۇندىن باشقا، ئۇزۇن ۋاقىت قىزىش كۆرۈلگەندە، يەنە قان سۇيۇقلۇقى جەھەتلەردىكى كىسەللىكلەردىن ھەزەر ئەيلەش لازىم.
   مەسىلەن، لىمفا ئۆسمىسى، ئاق كىسىلى دىگەنلەرگە ئوخشاش؛ گەرچە بۇنداق بولۇشنىڭ ئىھتىماللىقى ئىنتايىن كىچىك بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئىھتىيات قىلماي بولمايدۇ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ باققاننىڭ زىيىنى يوق.
   يۇقارقىلاردىن باشقا، بالىدا ئۇزۇن ۋاقىت قايتا-قايتا قىزىش كۆرۈلگەندە، يەنە ئىممونت سېستىمىسى تەرەپلەردىكى كىسەللىكلەردىنمۇ ئىھتىيات قىلماق لازىم.
   بۇ كىسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈش دەۋرى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، قىزىش ئەھۋالى چوقۇم ئىككى ھەپتىدىن ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ؛ ئادەتتىكى زۇكام بولسا، قىزىش ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئادەتتە بىر ھەپتە ئىچىدە سەللىمازا ساقىيىپ كىتىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号