بۇ ئالامەتلەر قوساقتا مەلىكە بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 14880:قېتىم كورۇلدى
   ھامىلدار بولۇش، ھەربىر ئاتا-ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئەر-خوتۇنلارنى خوشال قىلىۋىتىدۇ؛ ئەلۋەتتە، خۇشال بولۇشتىن باشقا، ئۇلار يەنە قوساقتىكى بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكىگە بىرقەدەر كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالدا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئالامەت كۆرۈلسە، بۇ ئەھۋال قوساقتىكى بالىنىڭ قىز بولۇش مۇمكىنچىلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ.
ھامىلدارلىقتىكى قۇسۇپ ياندۇرۇش
   ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھەرقانداق بىر ھامىلدار ئايالدا بەلگىلىك دەرىجىدە ھامىلدارلىق ئىنكاسى—سىزىك كۆرىلىدۇ؛ ئەگەر ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىنكاس بىرقەدەر كۈچلۈك ھەم ئاسانلا قىزىل كۆرىنىدىغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن بىرگە دائىم بېشى قېيىپ ئۇيقۇسى كىلىپلا تۇرسا ۋە قۇسۇپ ياندۇرۇش نىسبەتەن كۈچلۈك بولسا، ئۇنداقتا قوساقتىكى بالىنىڭ قىز بولۇشى ئىھتىمالغا يېقىن.
قوساق يۇمىلاق ھالەتتە يوغىناش
   ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يوغىنايدۇ. ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىنىڭ يوغىناش ھالىتى، ئوغۇل بوۋاق بىلەن قىز بوۋاقنىڭ ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، قوساق نىسبەتەن كىچىك ئەمما ئۇچلۇق يوغىنسا ھەمدە ئازراق ئاستى تەرەپكە ساڭگىلاش كۆرۈلسە، بۇنداق ئەھۋالدا قوساقتىكى بالا كۆپىنچە ئوغۇل بوۋاق بولىدۇ؛ ئەمما ئەگەر قوساق بەك يوغىناپ كەتسە ۋە يۇمىلاق كەلسە، كۆپىنچە قىز بوۋاق بولىدۇ.
تىرىسى يۇمران ھەم سىيلىق بولۇپ كىتىش
   ئەگەر پۈتكۈل ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ تىرىسى سىيلىق ھەم يۇمران بولۇپ كەتسە، ئازراقمۇ داغ دىگەندەك نەرسىلەر بولماي، رەڭگى-رويىمۇ ناھايىتى ياخشى بولسا، ئۇنداقتا قوساقتىكى بالىنىڭ قىز بولۇش ئىھتىماللىقى چوڭ.
ھامىيلە مىدىرلاش ئەھۋالى
   يۇقارقىلاردىن باشقا، يەنە ھامىيلىنىڭ قوساقتىكى مىدىرلاش ئەھۋالىغا قاراپمۇ، قوساقتىكى بالىنىڭ ئوغۇل قىزلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، رىئال تۇرمۇشتىمۇ ئوغۇل بالا كۆپىنچە قىز بالىغا قارىغاندا كەپسىز ھەم جىم تۇرمايدىغان كىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئوغۇل بوۋاققا نىسبەتەن، قىز بوۋاق ئادەتتە ئانىسىنىڭ قوسىقىدىمۇ نىسبەتەن شۈك ياتىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号