بوۋاقلاردا مىڭە پارالىچى كۆرۈلۈشنىڭ ئالامەتلىرى، دىققەت قىلىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 14932:قېتىم كورۇلدى
   ھەربىر بالا، ئائىلىسىدىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر بالىدا بىرەر ساغلاملىق مەسىلىسى كۆرۈلۈپ قالسا، ئاتا-ئانىلار بەرداشلىق بىرەلمەي تۈگىشىپلا كىتىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا مىڭە پارالىچى كۆرۈلۈپ قېلىشنىڭ ئالامەتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، بۇ ئالامەتلەرنى ھەرگىز نەزەردىن ساقىت قىلماڭ.
مۇقىم بەدەن ھالىتى
   ئەگەر مىڭە پارالىچى بولۇپ قالغان بالا بولسا، ئۇنىڭ مىڭە قىسمىدىكى نىرىپلار بەلگىلىك دەرىجىدە زەخمىلىنىشكە ئۇچرىغان بولىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، ئۇلارنىڭ پۇت-قول ھەرىكەتلىرى تازا ماسلىشىشچان بولالماي، بەدىنىمۇ نىسبەتەن قاتتىق بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىلدىكى بوۋاقلار ھەتتا قولىدىمۇ تۈزۈك نەرسە تۇتالمايدۇ، ئۇلار ھەمىشە مۇقىم بىر بەدەن ھالىتىنى ساقلاپ، بەدەن ھالىتىنى ئۆزگەرتىشى ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ.
بەدىنى بوشىشىپ كىتىدۇ
   ساغلام بوۋاقلار ھەمىشە يىغلاپ خاپا قىلىدۇ، ھەمىشە قوسىقى ئاچسا ئىمىدۇ، ئويناپ چارچىسا ئۇخلايدۇ؛ ئۇلار يەنە ئەتراپىدىكى نەرسىلەرگە يۈكسەك دەرىجىدىكى قىزىقىشىنى ئىپادىلەپ، كۆرگەنلىكى نەرسىنى تۇتۇشقا ئۇرۇنىدۇ. لىكىن، ئەگەر سىز بالىنىڭ بەدىنىنىڭ بوشىشىپ كەتكەنلىكىنى ۋە جىمىپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ئەھۋالغا قارىتا ھۇشيارلىقىڭىزنى ئۆستۈرۈشىڭىز كېرەك.
زىيادە جىمىپ كىتىدۇ ياكى ئاسان تىرىكىدىغان بولۇپ قالىدۇ
   مىڭە پارالىچىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان بوۋاقلار، يىڭى تۇغۇلغان مەزگىلىدە، باشقا بوۋاقلارغا ئوخشاش شۈك تۇرماي مىدىرلايدىغان بولمايدۇ. مىڭە پارالىچىغا گىرىپتار بولغان بوۋاقنىڭ ئېغىزى ھەمىشە ئېچىلغان پېتى تۇرىدۇ ھەمدە ئېغىزىدىن توختىماي شۆلگەي ئاقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىڭە پارالىچىغا گىرىپتار بولغان بوۋاق، ھەمىشە يىغلاپ خاپا قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى بەزلەپ توختاتماق تەسكە توختايدۇ؛ يەنە بەزىلىرى بولسا زىيادە جىمىپ كىتىپ، ئەتراپىدىكى ئاۋاز، نۇر قاتارلىقلارغا قىلچىلىك ئىنكاس قايتۇرمايدۇ.
ھەرىكەتلىنىش جەھەتتىكى يىتىلىشى ئاستا
   ئوخشاش بولمىغان ئاي مەزگىلىدىكى بوۋاقلارنىڭ ھەرىكەتلىنىش جەھەتتىكى يىتىلىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدىغان بولۇپ، ئەڭ دەسلىۋىدە بوينىنى ئازراق تىك تۇتۇپ تۇرۇشتىن باشلىنىپ، كىيىنچە بوينىنى تۇراقلىق ھالەتتە ئۆزلۈكسىز تىك تۇتۇپ تۇرالايدىغان بولىدۇ. مىڭە پارالىچىغا گىرىپتار بولغان بوۋاقلار بولسا، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىنىش جەھەتتىكى يىتىلىشى ئاستا بولىدۇ. بۇندىن باشقا، بەزىبىر ئىنچىكە ھەرىكەتلەر جەھەتتىمۇ، ئۇلار ئوخشاش چوڭلۇقتىكى باشقا بالىلارنىڭ كەينىدە قالىدۇ. قولىدا تۇتۇش سىقىمداش ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ، ھەتتا قولىنى ئېغىزى ئەتراپىغىمۇ ئاپىرالمايدىغان ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号