ھامىلدارلىقتا بۇ تۆت يىمەكلىكنى كۆپ يىسە بالا چىرايلىق تۇغۇلىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7440:قېتىم كورۇلدى
    ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، بۇ تۆت خىل يىمەكلىكنى كۆپرەك يەپ بەرسە، ھامىيلە زەھىرى تازىلىنىپ، بالىنىڭ تىرىسى تېخىمۇ ئاق تېخىمۇ چىرايلىق تۇغۇلىدۇ.
غاز تۇخۇمى
   غاز تۇخۇمىنىڭ زەھەرنى ھەيدەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئۇ ئەسلىدىنلا زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلاپ تىرە تەمرەتكىسىنى داۋالىيالايدۇ. شۇڭا، ھامىلدار ئاياللار غاز تۇخۇمىنى كۆپرەك يەپ بەرسە، بەدەندىكى ھامىيلە زەھىرىنى تازىلاپ، بالىنىڭ تىرىسىنىڭ تېخىمۇ ئاق تۇغۇلۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
سەۋزە
   سەۋزە تەركىبىدە β-كاروتىن مول بولۇپ، تىرىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشىغا پايدىلىق ئۈنۈم كۆرسىتىپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە تىرىنى ئاقارتىپ، رەڭ ماددىلىرىنىڭ چۆكمە ھاسىل قىلىۋىلىشى ۋە ئارتۇق مۈڭگۈزسىمان ماددىلارنىڭ يېغىلىۋىلىشىنى ئازايتىپ، تىرىنى تېخىمۇ پاقىراق ھەم يۇمران قىلىدۇ. شۇڭا، ئەگەر بالىنىڭ تىرىسىنى تېخىمۇ ياخشى بولسۇن دىسەك، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سەۋزىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىش كىرەك.
كالا سۈتى، پۇرچاق سۈتى قاتارلىق ئاق رەڭلىك يىمەكلىكلەر
   كونىلاردا "نىمە يىسەڭ شۇنىڭغا پايدا قىلار" دىگەن گەپ بار. شۇڭا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەزىبىر ئاق رەڭلىك يىمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە، بالىنىڭ تىرىسىنىڭ تېخىمۇ ئاق تۇغۇلىشىغا پايدىسى بار بولۇپ، بۇ خىل قاراشنىڭ بەلگىلىك ئىلمى ئاساسى بار. كالا سۈتى، پۇرچاق سۈتى قاتارلىق يىمەكلىكلەر تەركىبىدە سۈت كىسلاتاسى ۋە ياغلار نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، ھامىيلە بەدىنىدىكى قارا رەڭ ماددىلىرىنىڭ چۆكمە ھاسىل قىلىۋىلىشىنى ئۈنۈملۈك ھالدا توسۇپ، سۇ تەركىبىنى قۇلۇپلاپ ساقلاپ قالالايدۇ.
قوناق ساقىلى
   نۇرغۇن كىشىلەر قوناق يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە قوناقنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلىدۇ؛ ئەمما ئۇلار، قوناق ساقىلىنىڭمۇ بىر گۆھەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. قوناق ساقىلىنىڭ قاننى سۇۋۇتۇپ، ئىسسىق يەلنى ھەيدەش ئۈنۈمى بار بولۇپ، بەدەندىكى ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ. ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قوناق ساقىلىدا چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ھامىيلە زەھىرىنى ھەيدەپ، تۇغۇلغان بوۋاقتا خۇاڭدەن كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号