يىڭى تۇغۇتلۇق ئاياللار بۇ تۆت ئىشقا دىققەت قىلىشى كىرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7277:قېتىم كورۇلدى
   يىڭى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بىر بۆلەك ئەسلىگە كىلىش دەۋرى بار بولۇپ، ئەگەر بۇ مەزگىلدە ياخشى كۈتىنەلىسە، بەدەن ساپاسى بۇرۇنقىدىنمۇ ياخشىلىنىپ تېخىمۇ لاتاپەتلىك بولۇپ كىتىدۇ؛ بىراق ئەگەر ياخشى كۈتىنەلمىسە، ناھايىتى تىزلا قېرىپ كىتىدۇ. ئەگەر سىز تۇغۇتتىن كىيىن بىراقلا قېرىپ كەتمەي دىسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بۇ تۆت تەرەپكە دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك.
يىتەرلىك دەرىجىدە ئارام ئېلىش
   يىڭى تۇغۇتلۇق ئايال، ئازدىگەندىمۇ 30كۈن ئارام ئېلىپ كۈتىنىشى كىرەك.
ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش
   تۇغۇت، ئىنتايىن ماغدۇر خورىتىدىغان بىر ئىش، شۇڭا يىڭى تۇغقان ئاياللار ئۈچۈن، بەدەنگە ئۇزۇقلۇق ۋە قۇۋۋەت-ماغدۇر تۇلۇقلاش ھەممىدىن مۇھىم.
ۋاقتىدا كارۋاتتىن چۈشۈش
   يىڭى تۇغۇتلۇق ئاياللارغا نىسبەتەن، ئىزچىل تۈردە كارۋاتتا يېتىۋالسا، داس سۆڭىكى ئاستى مۇسكۇلىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىسىز بولىدۇ. شۇڭا، تۇغۇت سەۋەبىدىن كۈتۈنۈش مەزگىلىدە، ئىمكان قەدەر كۆپرەك كارۋاتتىن چۈشۈپ، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئىشلارنى قىلىشىپ بىرىش كىرەك.
ياخشى روھى كەيپىياتنى ساقلاش
   تۇغۇتتىن كىيىن، ئايال كىشى ھەركۈنى ياخشى روھى كەيپىياتنى ساقلىشى كىرەك؛ چۈنكى، ئانىنىڭ كەيپىياتى، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭمۇ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەتراپتىكى مۇھىتمۇ راھەتبەخىش بولىشى كىرەك بولۇپ، ئۆي ئىچى تىمپىراتۇرسى 28-25سىلتسىيە گىرادوس ئەتراپىدا بولۇشى ھەمدە ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ۋاقتى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号