سۇنىڭ ئىچىدە ماسلىشىش ئىقتىدارى
يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار، بالىياتقۇ ئىچىدە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغان بولغاچقا، سۇغا ماسلىشىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى ئالتە ئايلىق بولغان ۋاقىتتا ئۆزلىكىدىن يوقاپ كىتىدىغان بولۇپ، ئالتە ئايلىققا توشۇشتىن ئىلگىرى، ئەگەر بوۋاقنى سۇغا سېلىپ قويسا، ئۇلار ئۆزلىكىدىن نەپەسلىنىشنى توختىتىپ، سۇ ئۈزۈش ھەرىكىتىنى ئىشلەيدۇ.
نەپەسلىنىش بىلەن يىمەكلىك يىيىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش
بوۋاقلار نەپەسلىنىش بىلەن تەڭ ۋاقىتتا يەنە بىر نەرسە يىيەلەيدۇ؛ ھەتتا يېتىپ تۇرۇپمۇ يىيەلەيدۇ. چۈنكى، بوۋاقلارنىڭ يۇتقۇنچاق ئورنى، قورامىغا يەتكەنلەرگە قارىغاندا يۇقىرىراق ئورۇندا بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئۇلار يېتىپ بىرنەرسە يىگەن ۋاقىتتا توقۇپ كەتمەيدۇ. بۇ خىل ئىقتىدار پەقەت ياشقا كىچىك بوۋاقلاردىلا بار.
بوۋاقلارنىڭ بەدىنى ئىنتايىن يۇمشاق كىلىدۇ
بوۋاقلارنىڭ بەدىنى ئىنتايىن يۇمشاق كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 300پارچە سۆڭىكى بار، بۇ سۆڭەكلەر ئۇلارنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بىرىكىپ ئۆز-ئارا تۇتىشىدۇ. سۆڭەكلىرى بىرىكىپ تۇتۇشۇشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ بەدىنى ئىنتايىن يۇمشاق كىلىدۇ؛ مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇلار ئاندىن تۇغۇت جەريانىدا تۇغۇت يولىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆتەلەيدۇ.
يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچ ھەسسە ئېغىرلىسىمۇ سەمىرىپ قالمايدۇ
يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچ ھەسسە ئاشسىمۇ سەمىرىپ قالمايدۇ. بوۋاقلار بىر ياشقا كىرىشتىن ئاۋال، ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ يىتىلىشى ئىنتايىن تىز بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك بەدەن ئېغىرلىقى نەچچە ھەسسە ئاشسىمۇ، ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
بوۋاقلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بىر ياشتىن كىچىك بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى، بىر كۈننى ئاساسەن ئۇخلاش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە ئۇخلاش جەريانىدا بويى ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بوۋاقلار مۇھىت جىمجىت بولمىسىمۇ ئۇخلاۋىرىدىغان بولۇپ، چوڭلار نورمال ئاۋازدا پاراڭلاشسا ياكى تېلىۋىزور كۆرسە، بوۋاقلارنىڭ ئۇخلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
بوۋاقلار توختىماي چۈشكۈرەلەيدۇ
بوۋاقلارنىڭ بۇرۇن يولى، قورامىغا يەتكەنلەرنىڭكىگە قارىغاندا تار بولغاچقا، ئۇلار بۇرۇن يولىنى توختىماي تازىلاپ تۇرۇشقا مۇھتاج. ئەمما ئۇلار بۇرنىنى مىشقىرىش قاتارلىق باشقا ئۇسۇللاردا تازىلاشقا ئامالسىز بولغاچقا، ئىزچىل تۈردە شەرتلىك رىفىلىكىس ئاستىدا چۈشكۈرۈش ئارقىلىق بۇرۇن يولىنى تازىلايدۇ ھەمدە بۇرنىدا غىدىقلىغۇچى ماددىلار قالمىغۇچە داۋاملاشتۇرىدۇ.
بوۋاقلارنىڭ چاچ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى
يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چاچ شەكلىدە بەلكىم ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىشى مۇمكىن. بوۋاقلار تۇغۇلغاندا بىللە كەلگەن چاچلار ئۆزلىكىدىن چۈشۈپ، ئورۇننى يىڭى چىقىدىغان چاچقا بىكارلاپ بىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بوۋاقلارنىڭ چېچىنىڭ رەڭگىدە بىرقەدەر چوڭ ئۆزگىرىش كۆرىلىدۇ.