بالىلارغا بۇ خىلدىكى ناشتىلىقنى يىگۈزۈشكە بولمايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7349:ئادەم ئۆگەندى
   ھەربىر ئائىلىنىڭ ۋە ئادەمنىڭ ناشتا قىلىش ئادەتلىرى تازا ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ؛ بەزىلەر ئاددىيلا ناشتا قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە بەزىلەر مول يىمەكلىكلەر بىلەن ناشتا قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق قانداقلا بولمىسۇن، بالىلار ناشتىلىقىغا خالىغانچە يىمەكلىكلەرنى تەييارلاپ بىرىشكە بولمايدۇ؛ چۈنكى، ناشتىلىققا نىمە يىيىش، ناشتىلىق ياخشى بولۇش بولماسلىق، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.
   ئۇزۇقلۇقشۇناسلار ئاتا-ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تۆۋەندىكى بەش خىل يىمەكلىكلەرنى، بالىلارنىڭ ناشتىلىقىغا بىرىشكە بولمايدۇ.
پىشمىغان تۇخۇم
   ئىشىنىمەنكى، تۇخۇم كۆپ قىسىم ئائىلىلەرنىڭ ناشتىلىق تىزىملىكىدە بار؛ بىز بەزىدە تۇخۇمنى سېرىقى پۈتۈنلەي قاتمىغان ھالەتتە يېرىم پىشۇرىمىز، ياكى بولمىسا تۇخۇمنى قايناقسۇغا چېقىپلا تۇخۇم شورپىسى قىلىمىز.
    بىراق، بالىلارغا تۇخۇمنى چوقۇم تۇلۇق پىشۇرۇپ ئاندىن بىرىش كىرەك؛ بولمىغاندا، ئاسانلا ھەرخىل باكتىرىيەلەر بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى تۇغۇلىدۇ.
سۈت ئىچىملىكلىرى
    بالىلارنىڭ ناشتىلىقىدا چوقۇم سۈت ياكى سۈت مەھسۇلاتلىرى بار بولۇشى كىرەك؛ بىراق، نۇرغۇن سۈت مەھسۇلاتلىرى قارىماققا سۈتكە ئوخشىغاندەك قىلغان بىلەن، ئەمىلىيەتتە سۈت ئەمەس.
   مەسىلەن، ھەرخىل تەملىك قىلىپ ئىشلەنگەن بالىلار سۈتلىرى؛ بۇلارغا ياڭاق، خاسىڭ، چىلان قاتارلىقلار قوشۇپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن؛ بىراق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ساپ سۈت ئەمەس، ئۇلار پەقەت سۈتلۈك ئىچىملىككە تەۋە. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچەملىرىگە ئاساسلانغاندا، ساپ كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى %2.9دىن تۆۋەن بولماسلىقى كىرەك؛ بۇ ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولغانلىرىنىڭ ھەممىسى ساپ سۈت ھىسابلانمايدۇ.
   ئادەتتە بالىلارنىڭ ناشتىلىقىغا، قوشۇندى ماددىلىرى كۆپ، قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغان سۈت ئىچىملىكلىرى ئەمەس، بەلكى ساپ سۈت بىرىش كىرەك؛ بولمىغاندا، بالىلارنىڭ تويۇنۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۋىتىپ، باشقا ئۇزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يىتىدۇ.
كىچە قونۇپ قالغان تائام
   مەلۇم بىر تەجىربە ئورگىنى مەخسۇس بىر قېتىملىق تەجىربە ئىشلىگەن بولۇپ، تەجىربە نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىر كىچە قونۇپ قالغان تائاملارنىڭ تەركىبىدىكى باكتىرىيەلەر ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىدىغان بولۇپ، ئاشقازان-ئۈچىيى يۇمران بولغان بالىلار ئىستىمال قىلغاندا، ئاسانلا ئاشقازان ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
   ئادەتتە تاماقنى يەپ بولالماي ئېشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار چوقۇم بار بولىدۇ، ئەگەر يەپ بولالمىغان تاماقنى تاشلىۋەتسەك ئىسراپ بولىدۇ؛ بىراق، ئەگەر بىر كىچە قونۇپ قالغان تاماقنى يەۋەتمەكچى بولساق، چوقۇم يىتەرلىك دەرىجىدە قىزىتىپ، ھەرخىل باكتىرىيە ۋە مىكرو جانلىقلارنىڭ تۇلۇق ئۆلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئىستىمال قىلىش كىرەك.
يۇقىرى قەنت تەركىبلىك ئۇششاق يىمەكلىك
   بالىلار دائىم ئىستىمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان سۈت ئىچىملىكلىرى، مىۋە شەربىتى، كولا، قايماقلىق تورت قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر بۇ خىل يىمەكلىكلەر بالىلارنىڭ ناشتىلىقى بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ بەدىنى قوبۇل قىلىدىغان قەنت مىقدارى، ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ.
   بالىلار ئۇزۇن مەزگىل يۇقىرى قەنت تەركىبلىك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسا، بولۇپمۇ ناشتىدا ئىستىمال قىلسا، ئۇلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولماي قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سېمىزلىك ۋە ئىممونت كۈچى تۆۋەنلەپ كىتىشنى پەيدا قىلىدۇ.
تەييارچۆپ
   نۇرغۇن بالىلار تەييار چۆپ يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بەزى ئاتا-ئانىلار خىزمەت ئالدىراشچىلىقى ياكى ھۇرۇنلۇقى تۇتۇپ قالغان سەۋەپتىن، بالىسىغا تەييار چۆپ يىگۈزىدۇ.
  بىراق ئەمىلىيەتتە، تەييار چۆپ بولسا يۇقىرى تۇز تەركىبلىك يىمەكلىككە تەۋە بولۇپ، كۆپ يەۋالغاندا، نورمال ئىشتىھاغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە بالىلارنىڭ تەم سىزىمچانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ بۇنداق ئېغىر تەملىك تاماق يەپ كۆنۈپ قالغان بالىلارنىڭ، كەلگۈسىدە دىئابىت كىسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号