ھامىلدارلىق ھەپتىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بالىياتقۇنىڭ داس بوشلۇقىدىكى ئەزالارنى بېسىمغا ئۇچرىتىشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار سەۋەبىدىن، ھامىلدار ئايالنىڭ داس سۆڭەك ئاستى ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، بەزى ھامىلدار ئاياللاردا كىچىك تەرەتنى تۇتالماي ئېقىپ بىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.
باش سۈيى تىشىلىش(تىببى ئاتىلىشى، ھامىيلە پەردىسى بالدۇر يىرتىلىپ كىتىش) بولسا، تۇغۇشنىڭ ئالدىدىكى باش سۈيى پەردىسىنىڭ يىرتىلىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، باش سۈيى تىشىلىپ ئېقىپ چىقىدىغان ئەھۋالنىڭ ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە كۆرۈلۈش نىسبىتى %5 ئەتراپىدا بولىدۇ.
تاشقى جىنسىي يول ئاجرالما ماددىلىرى بولسا، تاشقى جىنسىي ئەزا، بالىياتقۇ بوينى نەيچىسى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قاتارلىقلاردىكى بەزلەر ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقارقى ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ ھەممىسى، ھامىلدار ئايالنىڭ ئىچ كىيىمىنى ھۆل قىلىپ قويىدىغان بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزگەندىن باشقا، ئەگەر باش سۈيى تىشىلىپ كەتكەن بولسا، ۋاقىتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانمىغاندا، يەنە قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ.
بۇنداق ئەھۋالدا، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، بولۇپمۇ تۇنجى ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، ھامىلدارلىق ئاخىرىدىكى بۇ ئۈچ ئەھۋالنى—يەنى، كىچىك تەرەپ ئېقىپ قېلىش، تاشقى جىنسىي يولى ئاجرالمىسى ۋە باش سۈيى تىشىلىپ كىتىش قاتارلىق ئۈچ خىل ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈش تەسكە توختايدۇ. تۆۋەندە بىز، كۆپچىلىككە بۇ ئۈچ خىل ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى ئاددىيلا تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئورۇن جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈش
ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يولى ۋە تاشقى جىنسىي يولى گەرچە ناھايىتى يېقىن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئايرىلغان ھالەتتە بولىدۇ. ئادەتتە، سۈيدۈك يولى تاشقى جىنسىي يولنىڭ ئۈستى قىسمىدا بولۇپ، ئەگەر كىچىك تەرەت ئېقىپ قالغان بولسا، ئۈستىدىكى سۈيدۈك يولىدىن ئېقىپ چىقىدۇ؛ تاشقى جىنسىي يول ئاجرالما ماددىلىرى ۋە باش سۈيى بولسا، ئاستى قىسىمدىكى جىنسىي يولدىن ئېقىپ چىقىدۇ.
شەكىل ھالەت جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈش
ئەمىلىيەتتە، سۈيدۈك بىلەن باش سۈيى، سۈزۈكرەك كەلگەن سۇيۇقلۇق بولۇپ، سۈيدۈكنىڭ رەڭگى بەلكىم ئازراق سېرىقراق كىلىشى مۇمكىن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە باش سۈيىنىڭ ھېچقانداق پۇرىقى بولمايدۇ، ئەمما سۈيدۈكنىڭ بولسا ئادەتتە بىر خىل غەلىتە سېسىق پۇرىقى بار بولىدۇ. جىنسىي يول ئاجرالما ماددىلىرىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئىچىدە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق قوشۇلۇپ كىلىدىغان بولۇپ، شەكىل جەھەتتىن بىر قەدەر قويۇق ھەم شىلىمشىق ھالەتتە كىلىدۇ؛ جىنسىي يول ئاجرالما ماددىلىرىنىڭ پۇرىقى بولمايدۇ ياكى ئازراق غەلىتە پۇرىقى بار بولىدۇ.

مىقدار جەھەتتىن ئايرىش
ئادەتتە جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىنىڭ مىقدارى ھەممىدىن ئاز، كىچىك تەرەت ئېقىپ قالغان بولسا مىقدارى سەل كۆپرەك، باش سۈيى تىشىلگەن بولسا مىقدارى ھەممىدىن كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر باش سۈيى تىشىلگەن بولسا، ئادەتتە تاشقى جىنسىي يولدىن ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئېقىپ چىقىدۇ.
PHسىناق قەغىزى ئىشلىتىش
كىچىك تەرەت ئادەتتە كىسلاتالىق كىلىدۇ، باش سۈيى بولسا ئاجىز ئىشقارلىق ئىپادىلەيدۇ؛ يەنى، ئەگەر كىچىك تەرەت ئاققان بولسا، سىناق قەغىزىدە سۇس يىشىل رەڭ كۆرىلىدۇ، باش سۈيى بولسا كۆككە مايىل رەڭ كۆرىلىدۇ. بىراق قىزىل كۆرۈلگەندە، قان سۇيۇقلۇقىمۇ ئاجىز ئىشقارلىق خۇسۇسىيتىگە ئىگە بولغاچقا، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە بەلگىلىك دەرىجىدە دەخلى يەتكۈزىدۇ.

يۇقارقى ئەھۋاللاردىن پايدىلىنىپ ئۈچ خىل ئەھۋالنى ئايرىغىلى بولسىمۇ، ئەمما كىلىنىكىدا، بۇ ئۈچ خىل ئەھۋال بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلىشى مۇمكىن؛ بۇنداق ئەھۋالدا، تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللار ياكى بەزىبىر تېخىمۇ كەسپى بولغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۈچ خىل ئەھۋالنى ئايرىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇ ئۈچ خىل ئەھۋالنى ئايرىشتىكى مەقسەت بولسا، ھامىيلە پەردىسىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن يىرتىلىپ كىتىشىنى، يەنى باش سۈيى تىشىلىپ كىتىش ئەھۋالىنى ئايرىپ چىقىش بولۇپ، بىخەستىلىك سەۋەبىدىن يامان ئاقىۋەت كىلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بولىدۇ.