بالىسىغا تەربىيە بەرگەن ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار ھەمىشە بەزىبىر چوڭ داۋلىلارنى سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، بالىسىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىدىغان گەپلەرنى قىلىپ سالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆپ كۆرۈلسە، بالىلارنىڭ مىجەز-خارەكتىرىنىڭ بۇرمىلىنىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئادەتتە، ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى بەش خىل سۆزلەرنى بالىسىغا قىلماسلىقى كىرەك.

بىزنىڭ ئۆي نامرات
نۇرغۇن ئائىلىلەردە، بالىسىغا تەربىيە بىرىش جەريانىدا، ئىقتىساد جىددىچىلىك ئەھۋالىغا دۇچ كىلىدۇ؛ بولۇپمۇ بالىلىرى ئاتا-ئانىسىدىن، كىتاپ ھەققى، كۇرۇس ھەققى، ساياھەت ھەققى قاتارلىقلارغا پۇل سورىغان ۋاقىتتا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ناھايىتى تەڭلىكتە قالىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا، "بىز دىگەن نامرات تۇرساق، قالايمىقان پۇللارنىڭ كويىدا بولما" دەپ كايىپ كىتىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇ خىل قىلمىش بالىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار ئېلىپ كىلىپ، بالىلارنىڭ توغرا بولمىغان قىممەت قارىشى ۋە پۇل قارىشى يىتىلدۈرۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەگەر سىنى دىمىگەن بولمىسام
ئاتا-ئانىلار بەزىدە بالىسى سەۋەپلىك جىدەللىشىپ قالىدۇ ھەمدە بۇنداق ۋاقىتتا، بالىسىغا "ئەگەر سىنى دىمىگەن بولسام ئاللىبۇرۇن ئاجرىشىپ كەتكەن بولاتتىم" دەيدۇ. بۇنداق گەپ-سۆزلەر، بالىلارغا بىكاردىنلا روھى بېسىم ئېلىپ كىلىپ، ئۇلارنى ياردەمسىز ھەم ئامالسىز قالغاندەك تۇيغۇغا ئەكىلىپ قويىدۇ.
سىنى نىمىشقىمۇ تۇغقان بولغىيدىم
بالىلار بىرەر خاتا ئىش قىلىپ قالسا، ياكى ئىمتاھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولالماي قالسا، بەزى ئاتا-ئانىلار ئاچچىقلىنىپ، بالىسىغا "سىنى نىمىشقىمۇ تۇغقان بولغىيتىم" دەپ ئېيتىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇنداق گەپلەرنى، بالىلارغا قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاۋال قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى ئۆزىنى تەكشۈرۈش بولۇپ، بالىنى ياراتمايدىغان ياكى زوراۋانلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە بولمايدۇ؛ بولمىغاندا، بالىلارنىڭ كۆڭلىدە پىسخىكىلىق توسالغۇ شەكىللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ياخشى ئوقۇمىساڭ، سىنى باققاننىڭ نىمە پايدىسى
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىغا تەنبىھ بەرگەن ۋاقىتتا، "ياخشى ئوقۇمىساڭ كەلگۈسىدە جان باقالمايسەن"، "ياخشى ئوقۇيالمىساڭ، سىنى باققاننىڭ نىمە پايدىسى" دىگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قوللىنىدۇ. بىراق، بۇنداق تەنبىھلەر كۆپ بولىۋەرسە، بالىلار ھاياتلىقتا ئوقۇشتىن باشقا چىقىش يولى يوق ئوخشايدۇ، ئاتا-ئانام پەقەت مىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجەمگىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىغا چۈشەندۈرۈشى كىرەك بولغىنى، ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئۆمرىنى بەلگىلىيەلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما سالامەتلىك بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىش، چوقۇم كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشتۇر.