ھامىلدارنىڭ قوسىقىنىڭ ئۈستىگە ياكى ئاستىغا يوغىنىشىنىدىكى پەرق
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6389:ئادەم ئۆگەندى
   ھامىلدار بولغان ۋاقتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقى بارغانسىرى يوغىناپ ماڭىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئەگەر سىز ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلسىڭىز، ھەربىر ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىنىڭ شەكلىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقايسىز. ئەمىلىيەتتە بۇ، ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىكى،  قوساقنىڭ ئۈستىگە يوغىنىشى ۋە ئاستىغا يوغىنىشىدۇر. بۇ ھەقتە ئەل ئارىسىدا، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى ئۈستىگە يوغىنىسا ئوغۇل تۇغىدۇ، ئاستىغا يوغىنىسا قىز تۇغىدۇ دىگەن قاراش بار؛ بىراق بۇ خىل قاراشنىڭ ھېچقانداق ئىلمى ئاساسى يوق. ئۇنداقتا، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى ئاستىغا ياكى ئۈستىگە يوغىنىسا قانداق ئوخشاشماسلىقلار بولىدۇ؟
   ئەمىلىيەتتە، قوساقنىڭ ئاستىغا ياكى ئۈستىگە يوغىنىشى، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، ھامىلدار ئايالنىڭ قوساق شەكلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ تۆۋەندە بىز، ئالدى بىلەن ئىككەيلەننىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆز تۇيغۇسىنى ئاڭلاپ باقايلى:
    شىياۋ مىنىڭ ئانىسى: مەن بالامنى قوساق كۆتۈرگەن ۋاقتىمدا، قوسىقىم ئۇچلۇق ھەم تىك ئىدى، بۇنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر مىنى ئوغۇل تۇغىدىكەنسىز دىگەن(ئەمىلىيەتتە ئوغۇل ئەمەس قىز تۇغدۇم)؛ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، كۈندە دىگۈدەك ئىشتىھايىم تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈم كەلمەيتتى، ھەرۋاقىت قوسىقىم ئاچمىغاندەك بىر خىل ھىس قىلاتتىم. بولۇپمۇ 7ئايلىق بولغاندىن كىيىن، قوسىقىمدىكى بالا ئاشقازىنىمنى ئۈستى تەرەپكە ئىتتىرىپ، مىنى بەك بىئارام قىلىۋەتكەن؛ قارىسام بىرنەرسە يىگۈم كىلىدۇ، ئەمما قوسىقىم قەتئى ئاچمىغاندەك ھىس قىلىپ، روھى كەيپىياتىم ناھايىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر يەردە ئۇزۇن ئولتۇرالمايتتىم، ئولتۇرساملا ئاشقازىنىم ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈپ بىئارام بولۇپ كىتەتتىم.
   شىياۋ شۈەينىڭ ئانىسى: مەن بالامغا قوساق كۆتۈرگەندە، قوسىقىم تۆۋىنىگە قاراپ يوغىنىغان؛ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىشتىھايىممۇ ياخشى بولۇپ، يىمەكلىكلەرنى كۆرسەملا يىگۈم كىلىپ كىتەتتى. تامىقىم جايىدا، ئۇيقۇممۇ ياخشى ئىدى. كىيىن مەن، سەككىز جىڭلىق ئوغۇلدىن بىرنى تۇغدۇم.
ئۈستىگە قاراپ يوغىناش ۋە ئاستىغا قاراپ يوغىناشنىڭ خەتىرى
   قوسىقى ئۈستىگە قاراپ يوغىنىغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ قوسىقىدىكى ھامىيلە، ئاشقازان قىسىمغا يېقىن ئورۇنلاشقان بولغاچقا، بۇ سەۋەپلىك ھامىلدار ئايالنىڭ تاماق يىگۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ھەمىشە ئاشقازىنى بىئارامدەك ھىس قىلىپ، تاماقنى ياخشى يىيەلمەيدۇ ۋە ياخشى ئارام ئالالمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىيلىنىڭ نورمال يىتىلىشىگە تەسىر يىتىپ، تۇغۇلغان بالىدا ئاسانلا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى ئاستىغا قاراپ يوغىنىغا بولسا، ئەھۋالى ئۈستىگە قاراپ يوغىنىغانلارنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كىتىدۇ، نىمىنى كۆرسە شۇنى يىگۈسى ىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خىل ھامىلدار ئاياللار ئاسانلا سەمىرىپ قالىدۇ ياكى بالىنىڭ ئۆلچەمدىن چوڭ يوغىناپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  ئەگەر بالا بەك چوڭ تۇغۇلۇپ قالسا، چوڭ بولغاندىن كىيىن ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمى كىسەللىكىگە ۋە يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپى تۇغۇلىدۇ. بۇندىن باشقا، قوسىقى ئاستىغا قاراپ يوغىنىغاندا يەنە بىر خەۋپ ئامىلى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، كىچىك تەرەپ كۆپ قىستايدىغان، بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قوسىقى ئاستىغا قاراپ يوغىنىغان ھامىلدار ئاياللار، ئادەتتە يىمەك-ئىچمىكىنى كونتىرول قىلىشقا دىققەت قىلىشى، يىمەكلىك تۈرلىرىنى ئىمكان قەدەر كۆپەيتىپ، ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىپ، بەك كۆپ يەۋىلىپ ھەزىم قىلالماي قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.
    مەيلى ئۈستىگە قاراپ يوغىنغان قوساق بولسۇن ياكى ئاستىغان قاراپ يوغىنىغان بولسۇن، ھامىلدار ئاياللار بەك ئەندىشە قىلىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى، ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى، قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈپ، يىمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىشى، مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىپ بىرىشى لازىم. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دائىملىق تەكشۈرۈشلەرنى ۋاقتىدا قىلدۇرۇپ، ئەگەر قوساقتىكى بالىدا بىنورماللىق بارلىق بايقالسا، ۋاقتىدا مۇناسىپ چارىلەرنى قوللانماق لازىم.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号