ھامىلدار ئايال تۇغۇتتا ئىشتان كىيىۋالسا قولايلىقمۇ ياكى يوپكىمۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9177:قېتىم كورۇلدى
    ھامىلدار ئاياللار تۇغۇتنىڭ ئالدىدا ئىشتان كىيىۋالسا تۇغۇتىدا قولايلىقراق بولامدۇ، ياكى كۆينەك يوپكا كىيىۋالسا قولايلىق بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە، دوختۇرلار ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپ بەرگەن.
    ئون ئاي قوساق كۆتۈرگەندىن كىيىن تۇغۇتنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاتا-ئانىسى ئۇزۇندىن بىرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بالا بىلەن يۈز كۆرىشىش ۋاقتى كۆپ قالمىغان بولىدۇ. بىراق، گەرچە تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ھامىلدار ئاياللار يەنىلا ئىھتىيات قىلمىسا بولمايدۇ؛ بولۇپمۇ تۇغۇت جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بەزى ئىشلارنى بالدۇرراق بىلىپ يىتىپ، بەزى ساۋاتلارنى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن نورمال تۇغۇتقا تەسىر يىتىشى ۋە بېسىم ئېلىپ كىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۇغۇتنىڭ ئالدىدا، تۆۋەندىكى نەچچە تۈرلۈك ئىشنى قىلىش زۈرۈردۇر.
تۇغۇتتا كۆينەك يوپكا كېيسە قولايلىق بولامدۇ ياكى ئىشتان كىيىۋالسا قولايلىقمۇ؟
   ئەگەر ئۆزى تۇغماقچى بولغان ھامىلدار ئايال بولسا، تولغاق قاتتىق تۇتۇشقا باشلىغان ۋاقىتتىن باشلاپ تۇغۇپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا، بەزى ھامىلدار ئاياللار ئىزچىل تۈردە كارۋاتتا ياتىدۇ ھەمدە ئۈستىگە يوتقان يېپىقلىق بولىدۇ( بۇلارغا ئاغرىق توختىتىدىغان ئۇكۇل ئۇرۇلغان بولۇپ، ئادەتتە بەدىنىنىڭ ئۈستىگىلا كىيىم كىيىۋالغان ھالەتتە بولىدۇ)؛ بەزىلىرى بولسا ئىزچىل كارۋاتتا يېتىۋالماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا ئۇلار ئادەتتە بەدىنىنىڭ ئۈستىنكى قسىمى ۋە ئاستىنكى قىسمى ھەممە كىيىمىنى كىيىۋالغان بولىدۇ، بىراق تۇغقان ۋاقىتتا چوقۇم بەدەننىڭ ئۈستى قىسمىغىلا كىيىم كىيگەن بولىدۇ. ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغماقچى بولغان ھامىلدار ئاياللار بولسا، ئوپراتسىيە ئۆيىگە ئەكىرىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كىيىدىغىنى دوختۇرلار ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان مەخسۇس دىزىنفىكسىيەلەنگەن كىيىم بولىدۇ. شۇڭا ئادەتتە، ھامىلدار ئاياللار تۇغۇت ئالدىدا ئىشتان ياكى يوپكا كىيىش ھەققىدە بەك كۆپ ئويلىنىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ؛ نىمىلا كىيىۋالسا ئوخشاش بولىدۇ.
ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە بىرىلىدىغان تەكلىپ
   رىئال تۇرمۇشتا، بىرىنچى قېتىم ھامىلدار بولغان نۇرغۇن ئاياللار، ھەمىشە ئۆزىنى تەجىربىسى يوقتەك ھىس قىلىپ، تاساددىبى ئەھۋاللار كۆرۈلسە بىتەرەپ قىلالماي، ھامىيلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ. ئەگەر ئالدىنئالا دوختۇرخانىغا بېرىپ ياتاقلىشىپ تۇغۇتىنى ساقلىسا، ھەقىقەتەن بىخەتەررەك بولىدۇ؛ بىراق، ھامىلدار ئايالنىڭ بەك بالدۇر دوختۇرخانىغا كىرىپ يېتىۋىلىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئالدى بىلەن دوختۇرخانىنىڭ مۇھىتى ئۆينىڭكىگە يەتمەيدۇ، ھامىلدار ئايال دوختۇرخانىغا كىرىپ ياتقاندىن كىيىن، يىمەك-ئىچمەك ۋە ئۇخلاپ دەم ئېلىش جەھەتتە بىئاراملىق تۇغۇلۇپ، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ئىنىرگىيە توپلاشقا تەسىر يىتىدۇ. شۇڭا، ھامىلدار ئاياللار ئادەتتە، ئالدىن پەرەز قىلىنغان تۇغۇت كۈنى يىتىپ كىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن دوختۇرخانىغا بېرىپ يېتىپ تۇغۇشنى ساقلىسا بولىدۇ.
كەيپىاتنى تەڭشەش
   ھامىلدار ئاياللاردا تۇغۇت ئالدىدا بەلگىلىك دەرىجىدە جىددىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ؛ ئالدىن پەرەز قىلىنغان تۇغۇت كۈنىنىڭ بالدۇرراق يىتىپ كىلىشىنى كۈتۈپ، گېلىدىن تاماق ئۆتمەيدىغان ياكى ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. كونىلار ئېيتقانغا ئوخشاش، ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ۋاقىت-سائىتى بار بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار كەيپىياتىنى تەڭشەپ، توغرا پوزۇتسىيەدە بولۇشى ۋە زىيادە جىددىلىشىپ كەتمەسلىكى كىرەك. چۈنكى، ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتى قوسىقىدىكى بالىسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھامىلدار ئايالنىڭ ياخشى روھى كەيپىياتنى ساقلىشى ئىنتايىن مۇھىم ھىسابلىنىدۇ.
ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىشنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق
    ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ سۆڭەڭ مۇسكۇللىرى بارغانسىرى تۇلۇق يىتىلىشكە قاراپ يۈزلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇزۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجىمۇ يۇقىرى پەللىگە يىتىدۇ. شۇڭا، ھامىلدار ئاياللار ئاقسىل، ۋىيتامىن C، كالتسىي قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىشقا دىققەت قىلىشى كىرەك. ئادەتتە كالا سۈتى، سۈت مەھسۇلاتلىرى، بېلىق، تۇخۇم قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى ۋە يىڭى مىۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى كىرەك.

نىمە ئۈچۈن بەزى يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چېچى شالاڭ بولىدۇ

بىراق، ئەگەر سىز ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسىڭىز، يەنە بىر ئەھۋالنى بايقىيالايسىز؛ ئۇ بولسىمۇ، بەزى بوۋاقلارنىڭ چېچى ناھايىتى قۇيۇق ھەم قا

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى بار بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى

يەسلىدە چۈشلۈك ئۇيقۇ ئۇخلىمايدىغان بالىلار ئىككى خىل: بىرسى ياخشى ئۇخلاش ئادىتى يىتىلدۈرمىگەن بالىلار؛ يەنە بىر خىل بولسا ئەقلى ئىقتىد

دىققەت! بالىلارنىڭ بۇ يەرلىرىگە ئۇرۇشقا بولمايدۇ

بۇ تىراگىدىيە بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇكى، كىچىك بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ بەزى يەرلىرىگە ئۇرۇشقا قەتئى بولمايدۇ، بولمىغاندا ئېغىر ئاقى

ھامىلدار ئايال ئۆزى شەخسەن ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك ئۈچ ئىش

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال دىققەت قىلىشقا ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك نۇرغۇنلىغان ئىشلار بار بولۇپ، مەيلى يىمەك-ئىچمەك ياك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چۈشتە ئۇخلىغان ۋە ئۇخلىمىغاننىڭ پەرقى

ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، چۈشلۈك ئۇخلاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى ۋە ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号