دىققەت! بالىلارنىڭ بۇ يەرلىرىگە ئۇرۇشقا بولمايدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5806:قېتىم كورۇلدى
     ئىلگىرى مۇنداق بىر خەۋەر كۆرگەن ئىدىم: بىر قىز بالا ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي، تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ۋاقىتتا يانفوندا كارتون فىلىم كۆرۈپ، تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولالماي كەچ قالغان؛ ئانىسى بۇنى كۆرۈپ، قىزىنىڭ قولىدىن يانفوننى ئېلىۋالغان. بىراق، قىز بالا يىغلاپ خاپا قىلىپ، يانفوننى بەرمىسەڭ تاپشۇرۇپ ئىشلىمەيمەن دەپ تۇرۋالغان؛ بۇ ۋاقىتتا ئانا ئاچچىقىنى باسالماي، بالىسىنىڭ كاللىسىنىڭ كەينى تەرپىگە بىرنى ئۇرغان. ئەينى ۋاقىتتا قىز بالىدا باشقا بىنورماللىق كۆرۈلمىگەن، بىراق ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، قىز بالا ئولتۇرغان يىرىدىلا ھۇشىدىن كەتكەن. ئانا بۇ ئەھۋالدىن قورقۇپ كىتىپ، دەرھال بالىسىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما قىزچاق ئاخىرىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
     ئانا قايغۇ-ھەسرەتكە تولغان ھەمدە قىزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئىزچىل ياخشى ئىكەنلىكىنى، نىمە ئۈچۈن تۇيۇقسىزلا بۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قالغان. ئاخىرىدا، قىز بالىنى داۋالاشقا مەسئۇل دوختۇر بۇنىڭ جاۋابىنى بەرگەن: قىز بالا، باش سۆڭىكى ئىچى زەخمىگە ئۇچراپ يېرىلىشتىن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال ئادەتتە باش قىسىمنىڭ ئارقا تەرىپى تۇيۇقسىز سىرتقى كۈچنىڭ زەربىسىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا ئانا قىزىنىڭ ئۆلۈپ كىتىش سەۋەبىنى چۈشىنىپ يىتىپ، قاتتىق پۇشايمان قىلغان. بۇ تىراگىدىيە بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇكى، كىچىك بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ بەزى يەرلىرىگە ئۇرۇشقا قەتئى بولمايدۇ، بولمىغاندا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. باش قىسىمنىڭ كەينى تەرىپىگە (يەنى ئادەتتە بىز ئاتايدىغان ئارقا مىڭىسى) ئۇرۇشقا بولمىغاندىن باشقا، بالىلارنىڭ بۇ ئۈچ يىرىگىمۇ ئۇرۇشقا بولمايدۇ.
دۈمچىسىگە ئۇرۇشقا بولمايدۇ
    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، بالىنىڭ دۈمچە قىسمىنىڭ ھەممىسى سۆڭەڭ، بەك كۆپ ئەزا ياكى يۇمشاق ئورگانىزىملار يوق، شۇڭا بالىلار گەپ ئاڭلىماي خاپا قىلسا، ئۇلارنىڭ دۈمچىسىگە نەچچىنى ئۇرۇپ قويسا ھېچۋەقەسى يوق دەپ قارايدۇ. بىراق، ئەمىلىيەتتە بالىلارنىڭ دۈمچىسىنىڭ بەرداشلىق بىرىش كۈچى، چوڭلار ئويلىغاندەك ئۇنداق كۈچلۈك ئەمەس بولۇپ، ئادەمنىڭ دۈمچىسىدە بەدەننىڭ ئۈستۈنكى يېرىمىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ئۇمۇرتقا سۆڭەك بار؛ ئەگەر تۇيۇقسىزلا بالىلارنىڭ دۈمچىسىگە ئۇرساق ياكى ئۇرغان ۋاقتىمىزدا كۈچ ئىشلىتىش قاتتىقراق بولۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكى زەربىگە ئۇچراپ زەخمىلىنىش كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا بالىلارنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكىگە خالىغانچە ئۇرۇشقا بولمايدۇ.
قولاق
    بىز ھەمىشە، چوڭلارنىڭ گەپ ئاڭلىمىغان بالىلارنىڭ قولىقىنى سوزۇپ، ئۇلارغا تەربىيە ئىشلىگەنلىكىنى كۆرىمىز. بىراق، قولاقنىڭ ئىچكى قىسمىدا ۋە ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان نىرۋا قان تومۇرلىرى بار بولۇپ، بۇ قان تۇمۇرلار نسىبەتەن ئاجىز كىلىدۇ؛ ئەگەر قولاقنى سوزغان ياكى تارتقان ۋاقتىمىزدا، چۈشۈرگەن كۈچ چوڭراق بولۇپ قالسا، بالىلارنىڭ قولىقى زەخمىگە ئۇچراپ، ئاڭلاش سىزىمىغا تەسىر يىتىدۇ.
ئىككى چىكىسى
     ئادەمنىڭ ئىككى چىكىسى(قۇياش پەللىسى)، پۈتكۈل باش سۆڭىكى ئارىسىدىكى ئەڭ ئاجىز قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئاغرىق سىزىمىغا ئەڭ سەزگۈر بولغان نىرىپلار بار. ئادەمنىڭ چىكىسى زەربىگە ئۇچرىغاندا، ئادەم قىسقا ۋاقىت ئايلىنىپ كىتىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا مىڭە سىلكىنىپ ھوشىنى يوقىتىدۇ. ئادەمنىڭ چىكە قىسمى بەدەندىكى مۇھىم ئورۇن ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ھەرگىز سىرتقى كۈچنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماسلىقى كىرەك. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار ھەرقانچە ئاچچىقى كەلسىمۇ، بالىلارنىڭ چىكىسىگە ئۇرۇشقا بولمايدۇ.
    كەپسىزلىك قىلىش، بالىلارنىڭ تەبىئىتى بولۇپ، ئاتا-ئانىلار مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنىپ تەربىيە بىرىشى كىرەك. تەن جازاسى بىرىش، بالىلار تەربىيەسىگە ماس كەلمەيدىغان بىر ئۇسۇل بولۇپ، بالىلارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە ئۇلاردا بالىلىق مەزگىلى پىسخىكىلىق توسالغۇسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تەن جازاسى بىرىشتىن  ئاۋال ياخشى ئويلىنىپ بېقىشى  كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号