جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھازىر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رېتىمى بارغانسىرى تىزلىشىپ بارماقتا؛ بۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگىنى بولسا، ئېغىر خىزمەت بېسىمى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ياشلار خىزمەت ئۈچۈن، ئۈچ ۋاخ تامىقىنى سىرتتىن يەپلا قالماي، يەنە كەچلىرىمۇ ناھايىتى كەچكىچە سىمىنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇيقۇ ياخشى بولمىغاندا، ئىككىنچى كۈنىدىكى روھى كەيپىياتقا ئېغىر تەسىر يىتىدۇ؛ شۇڭا بۇ ۋاقىتتا، چۈشلۈك ئۇيقۇ ئىنتايىن مۇھىم ھىسابلىنىدۇ. چۈشلۈك ئۇيقۇ، بىزگە ئىنىرگىيە تۇلۇقلاپلا قالماي، يەنە تېخى چۈشتىن كىيىنلىك خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
بىراق، شىركەتلەرنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى قىسقا بولغاچقا، تاماق يەپ بولغاندا، چۈشتىن كىيىنلىك ئىشقا چۈشۈش ۋاقتىغىمۇ ئاز قالىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، نۇرغۇن كىشىلەردە تەدرىجى ھالدا چۈشتە ئۇخلايدىغان ئادەت قالمىغان. كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، چۈشتە ئۇخلاپ ئارام ئېلىش ئادىتى بولمىسا، ئۇلارنىڭ چۈشتىن كىيىنلىك روھى كەيپىياتىغا ئازراق تەسىر يەتكۈزگەندىن باشقا، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە بەك كۆرۈنەرلىك تەسىرلەرنى يەتكۈزمەسلىكى مۇمكىن؛ ئەمما ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، چۈشلۈك ئۇخلاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى ۋە ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

چۈشتە ئۇخلاپ ئادەتلەنگەن ھامىلدار ئاياللار تۇغقان بالىنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ
چەتئەلدە، ئىلگىرى تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتە مەخسۇس تەجىربە ئېلىپ بارغان: چۈشتە ئۇخلاپ ئادەتلەنگەن ۋە چۈشتە ئۇخلىماي ئادەتلەنگەن ھامىلدار ئاياللارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ، ئۇلار تۇغقان بالىلارغا قارىتا سېلىشتۇرما ئېلىپ بارغان؛ نەتىجىدە، چۈشتە ئۇخلاپ ئادەتلەنگەن ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، ئىنكاسىنىڭمۇ تېخىمۇ تىز بولىدىغانلىقىنى بايقىغان؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ چۈشتە ئۇخلاش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەن.

چۈشتە ئۇخلاپ ئادەتلەنگەن ھامىلدار ئاياللار تۇغقان بالىنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تېخىمۇ ياخشى
تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، چۈشلۈك، بىر كۈن ئىچىدىكى ئادەمنى ئەڭ ئۇيقۇ باسىدىغان ۋاقىت؛ چۈنكى، چۈشلۈك تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن، ئادەمنىڭ قان تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەرنى تاماق يەپ بولۇپلا ئۇيقۇ باسىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بەدىنىمىزنى ۋە مىڭىمىزنى بوشاشتۇرۇپ ئارام ئالدۇرۇشقا ئىھتىياجلىق بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى چۈشلۈك ئۇيقۇدۇر. ئەگەر ھامىلدار ئاياللار بۇ ۋاقىتتا ئۇخلاپ بەرسە، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى لىمفالارغا ئەسكەرتىش ئۇچۇرى يەتكۈزۈپ، كىسەللىككە قارشى تۇرۇش ھۈجەيرىلىرىنىڭ جانلىقلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ كىسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، ھامىيلىنىڭ كىسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىمۇ تەبىئىلا ياخشى بولىدۇ.

چۈشتە ئۇخلاپ ئادەتلەنگەن ھامىلدار ئاياللار تۇغقان بالىلارمۇ ياخشى بولغان ئارام ئېلىش ئادىتى يىتىلدۈرىدۇ
ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدار ئايالنىڭ ھەربىر ھەرىكەتلىرى ۋە ئادەتلىرى، ھامىيلىگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال ئىزچىل تۈردە ياخشى كەيپىياتنى ساقلىسا، ھامىيلىمۇ تۇغۇلغاندىن كىيىن تېخىمۇ كۈلگۈنچەك كىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار چۈشتە ئۇخلاش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشى كىرەك؛ بۇنىڭدا، بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن چۈشتە ئۇخلىمىقى ئاسانغا توختايدۇ، ئانا بولغىچىمۇ ئازراق جاپا تارتىدۇ.