نىمە ئۈچۈن بەزى يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چېچى شالاڭ بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5713:ئادەم ئۆگەندى
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار، سىرتقى قىياپىتى جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، تىرىلىرى قۇلاش، قارىماققا قېرى بوۋايغا ئوخشايدىغان كىلىدۇ. بىراق، ئەگەر سىز ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسىڭىز، يەنە بىر ئەھۋالنى بايقىيالايسىز؛ ئۇ بولسىمۇ، بەزى بوۋاقلارنىڭ چېچى ناھايىتى قۇيۇق ھەم قارا كىلىدۇ، يەنە بەزى بوۋاقلارنىڭ چېچى بولسا شالاڭ ھەم سارغىيىپ قالغان كىلىدۇ. ئۇنداقتا، نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال كۆرىلىدۇ؟
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىش يىتەرلىك بولماسلىق
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالغا ئۇزۇقلۇق يىتىشمىسە، بەلگىلىك دەرىجىدە بوۋاقنىڭ چېچىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، بوۋاق ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ باش تىرىسىدىكى تۈك خالتىچىلىرىنىڭ سانى بىكىتىلىپ بولىدۇ، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە ئەگىشىپ، چاچلىرىمۇ ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆسىدۇ. ئەگەر بوۋاقنى چاچلىرى قويۇق ھەم قارا ھالەتتە تۇغۇلسۇن دىسەك، ئۇنداقتا ئانا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، چاچ ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بىرىشى كىرەك؛مەسىلەن، قارا كۈنجۈت، ياڭاق قاتارلىقلارنىڭ بوۋاقنىڭ چاچ سۈپىتىنى ياخشىلاشقا پايدىسى بار. تۇغۇلغان ۋاقىتتا چېچى شالاڭ ھەم سارغۇچ تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قارىتا، ئانا بولغۇچى كىيىنكى مەزگىللىك ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا، بوۋاق ئۇزۇقلۇقى يىتەرلىك بولغان ئانا سۈتىنى ئەمگەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ چېچىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
ئائىلە ئىرسىيەت ئامىلى
   بوۋاقنىڭ چېچىنىڭ قويۇق ياكى شالاڭ تۇغۇلۇشى، ئائىلە ئىرسىيىتى بىلەنمۇ زور مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر، بوۋاقنىڭ دادىسى ياكى ئانىسىدا، ۋە ياكى ئائىلىدىكى باشقا چوڭلاردا چېچى شالاڭ ئەھۋاللار بار بولسا، ئۇنداقتا بالىنىڭمۇ چېچى شالاڭ تۇغۇلۇش ئىھتىماللىقى بار بولىدۇ. بىراق، ئەگەر ئائىلىدىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسىنىڭ چېچى قويۇق بولسا، ئۇنداقتا بوۋاقمۇ تەبىئىيلا چېچى قويۇق تۇغۇلىدۇ.
   يۇقارقىلار، بوۋاقنىڭ چېچىنىڭ قويۇق-شالاڭلىق دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئامىلدۇر. ئەمىلىيەتتە، بوۋاق مەيلى چاچلىرى قۇيۇق تۇغۇلسۇن ياكى شالاڭ تۇغۇلسۇن، ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ باش تىرىسىنى ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ بەرسىلا، بوۋاق تېخىمۇ ساغلام چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭدا، ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئۇسۇلنى سىناپ كۆرسە بولىدۇ.
باش تىرىسىنى مۇۋاپىق تۈردە ئۇۋلاپ بىرىش
   ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بوۋاقنىڭ باش تىرىسىنى قولىدا ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، باش تىرىسىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاچ ئۆسۈشكە زور پايدىسى بولىدۇ. بىراق، بوۋاقلارنىڭ باش سۆڭىكى نىسبەتەن ئاجىز ھەم يۇمشاق بولغاچقا، ئۇۋلىغان ۋاقىتتا چوقۇم يىنىك ئۇۋلاش كىرەك، بولمىغاندا باش سۆڭىكىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇش ئەھۋالى كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
چاچ يۇيۇش قېتىم سانىنى ئازايتىش
   بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن، باش تىرىسىدا بىر قىسىم ماي تەركىبى بار بولۇپ، ئاساسلىقى باش قىسىمنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ بېشىنى بەك كۆپ يۇماسلىق كىرەك؛ بولمىغاندا، بالىنىڭ باش قىسىم ساغلاملىقىغاۋە چاچنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز بولىدۇ.
   بوۋاقلار يىڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ ھەممە يىرى ئىنتايىن يۇمران كىلىدۇ؛ شۇڭا، بوۋاقنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ئاسراش قىلغاندا چوقۇم يىنىك ئىش كۆرۈش كىرەك.

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号