ھامىلدار ئايال ئۆزى شەخسەن ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك ئۈچ ئىش
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5806:قېتىم كورۇلدى
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال دىققەت قىلىشقا ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك نۇرغۇنلىغان ئىشلار بار بولۇپ، مەيلى يىمەك-ئىچمەك ياكى ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىش پىلانى بولسۇن، ۋەياكى ھامىيلىگە مۇناسىۋەتلىك ھامىيلە تەربىيىسى قاتارلىق ئىشلار بولسۇن، ھامىلدار ئايالنىڭ ئالدىنئالا تەييارلىق كۆرىشىگە توغرا كىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىم ئىشلارنى ھامىلدار ئايالنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ياردەملىشىپ، تەييارلىشىپ بەرسە ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلسا بولىدۇ؛ ئەمما تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى ھامىلدار ئايال چوقۇم ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇشى كىرەك. بولمىغاندا، ئەگەر بۇ ئۈچ ئىشتىن بىرەرسى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلماي قالسا، ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇتىغا ۋە تۇغۇت مەزگىلىدىكى كۈتۈنۈشىگە تەسىر يىتىپ قېلىشى مۇمكىن.
بالىلار ۋە ھامىلدار ئاياللار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى سېتىۋىلىش
    بوۋاقلار ۋە ھامىلدار ئاياللار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى، ئەڭ ياخشىسى ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزى سېتىۋىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى، ھامىلدار ئاياللار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزى ياخشى چۈشىنىدىغان بولغاچقا، قانداق مەھسۇلاتلار ياكى بۇيۇملار ئۆزىگە بىرقەدەر ماس كىلىدۇ، ئۇلار كۆڭلىدە ئوبدانراق بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۇغۇت ئالدىدا تەييارلاشقا تىگىشلىك بەزىبىر ئىسپات ۋە گۇۋاھنامە، ئالاقىدار تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى دىگەنلەرنى، ھامىلدار ئايال ھەممىدىن بەك ئىنىق بىلىدۇ، شۇڭا ھامىلدار ئايال ئۆزى تەييارلىسا تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاياللار نەرسە-كىرەك سېتىۋالغاندا نىسبەتەن ئەستايىدىل بولغاچقا، بوۋاققا كىتەرلىك نەرسىنى ئۆزى تەييار قىلسا، ئىشىنىمەنكى بىر قەدەر تولۇق تەييار قىلىدۇ ھەمدە تەييارلىغان نەرسىلەرمۇ بوۋاققا بىرقەدەر ماس كىلىدىغان بولىدۇ.
تۇغىدىغان دوختۇرخانىنى بىكىتىش
   تۇغىدىغان دوختۇرخانىنى تاللاش، ھامىلدار ئايالغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم؛ چۈنكى، تۇغۇت جەريانىدىكى خەتەر يەنىلا بىر قەدەر چوڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى دائىملىق تەكشۈرۈشلەردە، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىرەر نوقتا چىقىپ قالسا، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايال بۇنىڭغا قارىتا كۆپرەك چۈشەنچە ھاسىل قىلىشى، ھەمدە ماس كىلىدىغان دوختۇرخانىدىن بىرنى تاللىشى كىرەك. دوختۇرخانىنى تاللاشتا، ئالدى بىلەن تېخىنىكا ۋە شارائىتىنى ئاساس قىلىش، ئاندىن قالسا ئۆيى بىلەن بولغان ئارىلىقىنى ئۆلچەم قىلىش كىرەك.
تۇغۇتتا قەيەردە يېتىشنى بەلگىلەش
    تۇغۇتتا قەيەردە يېتىپ كۈتۈنۈش ۋە تۇغۇتلۇق ئايالغا قارايدىغان ئادەمنى تاللاش، تۇغۇتلۇق ئايالغا نىسبەتەن بەكمۇ مۇھىم. مەيلى قانداق ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى ۋە باشقا ئەھۋاللار بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇتتا ياتىدىغان يىرى ۋە تۇغۇتىغا قارايدىغان ئادەمنى چوقۇم ئالدىنئالا تاللاپ بىكىتىۋىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى، تۇغۇت كۈتۈنۈشىدە ياتىدىغان جاي، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كەيپىياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ تۇغۇتىغا قارايدىغان ئادەمنى تاللاش جەھەتتە بولسا، ئانىسىنى ياكى قېيىنئانىسى ياردەمگە تەكلىپ قىلامدۇ، ياكى بۇ ئىككەيلەننىڭ شارائىتى يار بەرمىسە، باشقا مەخسۇس قارايدىغان ئادەم تەكلىپ قىلامدۇ دىگەنلەرنى ئالدىنئالا ئويلىنىپ بىكىتىۋىلىشقا توغرا كىلىدۇ. بولمىغاندا، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنۈشى كۆڭۈلدىكىدەك بولالمىسا، ئۇلارنىڭ تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىشى ياخشى بولالماي، ئەگەشمە كىسەللىكلەر كۆرۈلۈپ، سالامەتلىكىگە بىر ئۆمۈر تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号