ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ قىلمىشى، بالىسىنى ئۆزىگە تېخىمۇ ئامراق قىلىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5833:قېتىم كورۇلدى
    ئەگەر بالىڭىز يىغلاپ خاپا قىلسا، ياكى سىز بالىڭىزنىڭ تېخىمۇ خۇشال بولۇشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكىلەر ھەرىكەت قىلمىشلارنى سىناپ كۆرۈڭ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل قىلمىشلار بالىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشپلا قالماي، يەنە تېخى بالا بىلەن ئاتا-ئانىسى ئوتتۇرسىدىكى مىھرى مۇھەببەتنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولىدىكەن.
    ئاتا-ئانىسى بالىسىنى مۈرىسىدىن ئىگىز ئورۇنغا ئاشۇرۇپ كۆتۈرسە، بالىنىڭ كۆرۈش دائىرسى تېخىمۇ كەڭرى بولۇپ، ئۇلار بۇ ۋاقىتتا ئېگىز نوقتىدا تۇرۇپ مۇھىتنى كۆزىتىدىغان بولغاچقا، ئۇلار تېخىمۇ بەك يىڭىلىق تۇيغۇسى ھىس قىلىدۇ. بۇندىن باشقا، بالا بەدىنى چوڭراق دەرىجىدە يۆتكەلگەنلىكى ئۈچۈن، خۇشاللىق ھىس قىلىدۇ. يەنە تېخى چوڭلارنىڭ كۈچلۈك بىلەكلىرى بالىنىڭ قورقۇنچنى يوقىتىشىغا پايدىلىق بولۇپ، تولۇپ تاشقان بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاستىدا، بالا تېخىمۇ خۇشاللىق ھىس قىلىدۇ، ھەم ئاتا-ئانىسىغا بولغان مىھرى-مۇھەببىتىمۇ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.
    بىراق، يېشى كىچىك بوۋاقلارنى تېخىمۇ بىخەتەر تۇيغۇسى بار ھەم تېخىمۇ خۇشال ھىس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكىدەك قىلىشى كىرەك:
    1. بالىلارنى ئېگىز كۆتۈرۈشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۇلارغا "قوزام، مەن ھازىر سىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئويناتماقچى" دەپ ئېيتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئىدىيە تەييارلىق قىلىۋىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بىرىشى، تۇيۇقسىزلا ئېگىزگە كۆتۈرۈلۈپ قورقۇپ كىتىشىدىن ساقلىنىشى كىرەك.
    2. بىر تەرەپتىن "ھو، ئۇچتۇق" دىگەچ، بالىنى بېشىمىزدىن ئېگىز كۆتىرىمىز؛ بۇۋاقىتتا چوڭلار ئەڭ ياخشىسى چىرايىدا كۈلكە جىلۋە قىلىشى كىرەك، بۇنىڭدا بالىلار تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ.
   3. كەينىدىن بىر تەرەپتىن "ئەمدى يېنىپ چۈشتۇق" دىگەچ، بالىنى يەرگە ياكى قۇچىقىمىزغا قويۇپ، ئۇلار بىخەتەر ھالەتكە كىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن قولىمىزنى قويىۋىتىشىمىز لازىم.
   ئالتە ئايلىق ئىچىدىكى بوۋاقنى ئىگىز كۆتۈرۈپ "ئۇچۇرۇش" تەۋسىيە قىلىنمايدۇ
    چۈنكى، ئالتە ئايلىققا توشمىغان بوۋاقلارنىڭ بوينى تېخى قاتمىغان بولۇپ، بېشىنى كۆتۈرگۈدەك كۈچى بولمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلار بوينىنىڭ ھەرىكىتىنى ئۈنۈملۈك كونتىرو قىلالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەل ئۇمۇرتقىسى ۋە بويۇن ئۇمۇرتقىسى تۇلۇق يىتىلىپ بولمىغان بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلارنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىشىمىز مۇمكىن. بۇندىن باشقا، كىچىك بوۋاقلارنىڭ مىڭىسىنىڭ ھەجىمى باش سۆڭىكى ھەجىمىدىن كىچىك بولىدۇ ۋە مىڭە سۇيۇقلۇقى ئىچىدە لەيلەپ تۇرغان بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، تۇيۇقسىزلا قاتتىق ھەرىكەت قىلىپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈش ياكى پەسكە چۈشۈرۈش، ئۇلارغا بەلگىلىك يامان تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.
    يۇقارقىلاردىن باشقا، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئىشنى دائىم قىلىپ بەرگەندىمۇ، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى مىھرى-مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ:
   1. بالىنى ئەتىگەنلىكى ئويغاتقاندا، چىرايىدا كۈلكە سىماسى بار بولۇش.
   2. ئىشىكتىن چىقىشتىن ئاۋال، بالىنى سۆيۈپ قويۇش ۋە خوشىلىشىش
   3. ھەمىشە بالىلار بىلەن بىللە ئويۇن ئويناش
 
   كىچىك ئويۇنلار، بالىلارنى خۇشال قىلىپلا قالماي، يەنە ئاتا-ئانىلار بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارىدىكى مىھرى مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

نىمە ئۈچۈن بەزى يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چېچى شالاڭ بولىدۇ

بىراق، ئەگەر سىز ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسىڭىز، يەنە بىر ئەھۋالنى بايقىيالايسىز؛ ئۇ بولسىمۇ، بەزى بوۋاقلارنىڭ چېچى ناھايىتى قۇيۇق ھەم قا

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى بار بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى

يەسلىدە چۈشلۈك ئۇيقۇ ئۇخلىمايدىغان بالىلار ئىككى خىل: بىرسى ياخشى ئۇخلاش ئادىتى يىتىلدۈرمىگەن بالىلار؛ يەنە بىر خىل بولسا ئەقلى ئىقتىد

دىققەت! بالىلارنىڭ بۇ يەرلىرىگە ئۇرۇشقا بولمايدۇ

بۇ تىراگىدىيە بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇكى، كىچىك بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ بەزى يەرلىرىگە ئۇرۇشقا قەتئى بولمايدۇ، بولمىغاندا ئېغىر ئاقى

ھامىلدار ئايال ئۆزى شەخسەن ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك ئۈچ ئىش

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال دىققەت قىلىشقا ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك نۇرغۇنلىغان ئىشلار بار بولۇپ، مەيلى يىمەك-ئىچمەك ياك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چۈشتە ئۇخلىغان ۋە ئۇخلىمىغاننىڭ پەرقى

ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، چۈشلۈك ئۇخلاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى ۋە ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号