چوڭلارنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشى بويىچە، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاق قانچىكى ئېغىر توغۇلسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىدىيە-قاراشلىرىنىڭ بارغانسىرى ئىلغارلىشىشغا ئەگىشىپ، مەسىلىلەرگە ئىلمى نوقتىدىن قارايدىغان بولۇپ ئۆزگەرگەن بولغاچقا، بوۋاقلار قانچە ئېغىر تۇغۇلسا شۇنچە ياخشى دەپ قارىمايدىغان بولدى.
ھارۋاد داشۆسىنىڭ ئالاقىدار تەتقىقاتلىرىدا بايقىلىشىچە، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، ئۇنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ھارۋاد داشۆسى تىببى شۆيەنىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، 6.5جىڭغا قانچە يېقىنلاشسا، ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشى شۇنچە ياخشى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بالىلار شۇنچە ئەقىللىق بولىدىكەن، مەكتەپكە كىرىش ئالدىدىكى ئەقلى ئىقتىدار سىنىقىدىمۇ ئىپادىسى شۇنچە ياخشى بولىدىكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى، كۆپىنچە بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن تەتۈر تاناسىپ تۈزىدىغان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى قانچە يۇقىرى بولغانسىرى، كاللىسى نىسبەتەن بوشراق ئىشلەيدىغان بولىدىكەن.
ئەلۋەتتە، تەتقىقات پەقەت كۆپ قىسىم كىشىلەرگىلا قارىتىلغان، سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ مۇتلەقلەشتۈرۈپ بىكىتىۋىتىشكە بولمايدۇ؛ تەتقىقاتنىڭ ئەھمىيىتى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئايرىم مىساللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، ئانىنىڭ تۇغۇتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ
يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى تىلغان ئالماي تۇرغاندىمۇ، بەدەن ئېغىرلىقى تۇغۇتقا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى قانچە چوڭ بولسا، تۇغۇت شۇنچە قىيىنلىشىدۇ، تۇغۇتلۇق ئايالدىمۇ ئاسانلا چوڭ قان كىتىش كۆرۈلۈپ قالىدۇ.
ئادەتتە، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، 8-5جىڭ ئارىسىدا بولسا ئەڭ ياخشى. بەدەن ئېغىرلىقى 5جىڭدىن تۆۋەن بولسا، ئېغىر دەرىجىدە ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ؛ ئەگەر 8جىڭدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇزۇقلۇق زىيادە ئېشىپ قالغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ ھەم تۇغۇتمۇ قىيىنلىشىپ قالىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دائىملىق تۇغۇت تەكشۈرىشىدە، دوختۇرلار بارلىق ھامىيلىلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدىكى ئېغىرلىقىنىڭ 7-6ئەتراپىدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئەڭ ئىدىئالىزىملاشقان بىر سانلىق قىممەت بولۇپ، دوختۇرلار بۇ سانلىق قىممەت ئاساسىدا، ھامىلدار ئايالنىڭ يىمەك-ئىچمىكىنى كونتىرول قىلىپ تەڭشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھامىلدار ئايال دوختۇرنىڭ تەكلىۋىنى ئاڭلامدۇ يوق، بۇ يەنە باشقا بىر ئىش.

بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىل
ھارۋاد داشۆسىنىڭ بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتى قارىتىلغىنى، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىش ئەھۋالى، بىراق بۇ، ھەممە بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كىيىنكى ئەقلى ئىقتىدار جەھەتتىكى ئىپادىسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
ئىرسىيەت ئىلمى نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك؛ بۇندىن باشقا، كىيىنكى مەزگىللىك يىتىلدۈرۈشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ياخشى بىر پىچاق، ئۇنىڭ ماتىريالىنىڭ سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا، ئۇنى يەنە ھەمىشە ئىشلىتىپ "بىلەپ" تۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ھەرقانچە كىسىدىغان پىچاقنىمۇ، ئەگەر ھەمىشە ئىشلىتىپ "بىلەپ" تۇرمىساق، بارغانسىرى داتلىشىپ كەسمەس بولۇپ قالىدۇ.
يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى ۋاقتىدىكى يىتىلىش ئەھۋالىنى ئىپادىلەيدۇ؛ تۇغۇلما ئىرسىيەت ئامىلى بىلەن كىيىنكى مەزگىللىك يىتىلدۈرۈش ئوخشاشلا مۇھىم.

بالىڭىز ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يىمەك-ئىچمىكىڭىزنى ياخشى كونتىرول قىلىڭ
بالىغا ياخشى بولسۇن دىسەك، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بەدەن ئېغىرلىقىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كونتىرول قىلىپ، يىمەك-ئىچمەكنى كونتىرول قىلىش؛ يىمەك-ئىچمەكنى ئۆزىمىزنىڭ ياقتۇرۇشى بويىچە تاللىماي، ئۇزۇقلۇق ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىشىمىز كىرەك. مەسىلەن، ھەر كۈنى كالا سۈتى ئىچىش ۋە ئالما يىيىشنى داۋاملاشتۇرۇش، كالا سۈتى ياكى ئالما يىيىشنى ياخشى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن يىمەي قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم. ئەڭ مۇھىمى، دوختۇرلارنىڭ تەكلىۋىنى ئاساسى ئورۇنغا قويۇپ، ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.