شىياۋجۇڭ بالىسىنى تۇغقىلى ئالتە ئاي بولدى، بىراق بۇ ئالتە ئاينى، ئالتە يىلنى ئۆتكۈزگەندەك ھىس قىلىپ كەتتى. چۈنكى بۇ ئارىدا، شىياۋجۇڭ بىلەن ئىرىنىڭ مۇناسىۋىتى تۈز سىزىق شەكلىدە تۆۋەنلەپ ناچارلاپ قالغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە پەرۋا قىلمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن ئىدى. ئۇنداقتا شىياۋجۇڭنىڭ ئىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بۇنداق ناچارلىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپ زادى نىمە؟ ئەمىلىيەتتە، شىياۋجۇڭنىڭ تۇغۇتىدىن كىيىن كۆرۈلگەن تۆۋەندىكىدەك تۆت مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

چاچ چۈشۈش
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خېلى كۆپ بىر قىسىم ئاياللاردا، تۇغۇتتىن كىيىن چېچى چۈشۈش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندىن كىيىن، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاشش ئېلىپ بېرىلمىسا، ئاياللارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇ يەردە، يىڭى ئانا بولغۇچىلارغا، ياڭاق ۋە قارا كۈنجۈت قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ھەر دائىم چاچ قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە ئىگە چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىپ بىرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ بۇنىڭدا، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىشقا بولىدۇ.

بەدەن شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىش
ئاز بولمىغان ئانىلار بالا تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، بەدەن شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىش مەسىلىسىگە دۇچ كىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك، سالامەتلىكىگە پايدىسىز بولۇش ۋە ئىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يىتىشتەك يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار تۇغۇپ قوپقاندىن كىيىن، ئەڭ تىز سۈرئەتتە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئاتلىنىشى كىرەك. بىراق، يىڭى تۇغۇپ قوپقان ئاياللارنىڭ بەدىنى نىسبەتەن ئاجىز بولۇشتەك ئەمىلىي ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، ئادەتتە ئاستا يۈگرەش تەكلىۋى بىرىلىدۇ. ھەر كۈنى يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئاستا يۈگرەپ بەرگەندە، بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندىن كىيىن، بەدەن ئېغىرلىقىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.

تۇغۇتتىن كىيىنكى خامۇشلىشىش
بىر قىسىم ئاياللار، تۇغۇتتىن كىيىن دەماللىققا ئانىدىن ئىبارەت بۇ يىڭى سالاھىيىتىگە كۆنەلمەي، تۇغۇتتىن كىيىنكى خامۇشلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. سىز بۇ خىل كىسەللىكنى كىچىك چاغلىماڭ، ئۇ گەرچە ئادەمگە جىسمانى جەھەتتىن بىۋاستە زىيان ئېلىپ كەلمىسىمۇ، ئەمما پىسخىكىلىق جەھەتتە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ ۋە ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار تۇغۇپ قوپقاندىن كىيىن، ئاكتىپ ئىنىرگىيەلىك ئىجابى ئىشلارنى كۆپرەك ئويلىشى ۋە قىلىشى، ئەگەر ئۆزىدە تۇغۇتتىن كىيىنكى خامۇشلىشىپ قېلىشقا گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال پىسخىك دوختۇرلىرىغا كۆرىنىشى كىرەك.

كۆكسى پەسكە ساڭگىلاپ قېلىش
ئاز بولمىغان ئانىلارنىڭ بالا بېقىش تەجىرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، بالىلارنى ئىمىتكەندە توغرا بولمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كۆكسىنىڭ تۆۋەنگە ساڭگىلاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇنىڭدا، بەدەن شەكلىگە تەسىر يىتىپلا قالماي، يەنە ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىمىتىدىغان بالىسى بار ئاياللار بالىسىنى ئىمىتكەن ۋاقىتتا، بىر قولى بىلەن كۆكسىنى ئاستى تەرەپتىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ، كۆكسىنىڭ بەلگىلىك ئىگىزلىكتە تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك؛ بۇنىڭدا، كۆكسىنىڭ تۆۋەنگە ساڭگىلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئالغىلى بولىدۇ.