يۇقىرى ياشتا ھامىلدار بولۇشنىڭ پايدىسىز تەرەپلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5873:قېتىم كورۇلدى
    35ياشتىن يۇقىرى ئاياللار ھامىلدار بولسا، بۇنى يۇقىرى ياشلىق ھامىلدار ئايال دەپ ئاتاشقا بولىدۇ؛ ئادەتتە، ئاياللار 45ياشتىن ئاشقان بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولماسلىقى كىرەك. چۈنكى، بۇ ياش مەزگىلىدىكى ئاياللار گەرچە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى يوقاتمىغان بولسىمۇ، ئەمما تۇغۇت سۈپىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، خەتەرلىك ئەھۋاللارغا دۇچار بولۇش نىسبىتى، ياش ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە ئۆزىگە ۋە بالىسىغا يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ.
ئۆزىگە بولغان تەسىرى
    45ياشتىن ئېلىپ كەتكەن ھامىلدار ئاياللار دۇچار بولىدىغان خەۋپ، ياش ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولۇپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆپ خىل ئەگەشمە كىسەللىكلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن؛ مەسىلەن، ھامىلدارلىقتىكى قەنت سىيىش كىسىلى قاتارلىقلار. بۇلار تۇغۇت خەتىرىنى ئاشۇرۋىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، يۇقىرى ياشلىق ھامىلدار ئايالنىڭ بەدەن ساپاسى نىسبەتەن ناچار بولىدىغان بولغاچقا، ئۇزۇن داۋاملاشقان تۇغۇت جەريانى، ئۇلارنى جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن زور بېسىمغا ئۇچرىتىدۇ.
چوڭ بالىسىغا بولغان تەسىرى
    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، بىرىنچى بالىسىنى چوڭ بولۇپ قالدى، ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالالايدۇ دەپ قارايدۇ؛ بىراق ئەمىلىيەتتە، بىلىپ بىلمەي چوڭ بالىسىغا ناھايىتى چوڭ روھى بېسىم شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. چوڭ بالىسى، تۇغۇلۇش ئالدىدىكى ئۇكىسىنىڭ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىنى بۆلۈپ ئېلىپ كەتتى دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
تۇغۇلغان بالىسىغا بولغان تەسىرى
   يۇقىرى ياشتا ھامىلدار بولغاندا، ھامىيلىنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن بالىلاردا تۇغۇلۇشتىنلا بەدەن ساپاسى ناچار بولۇپ قېلىش ياكى غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە، تۇغۇش جەريانىدا تۇغۇتى قىيىنلىشىپ قېلىش ۋە چوڭ قان كىتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولۇپ، ئانا-بالا ھەر ئىككىسىنىڭ ھاياتى ئېغىر دەرىجىدە تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يۇقىرى ياشلىق ھامىلدار ئاياللارنىڭ زىھىم ماغدۇرى يىتەرلىك بولمىغاچقا، تۇغۇتتىن كىيىن ئۇزۇن ۋاقىت دەپ ئېلىپ ئەسلىگە كىلىشىگە توغرا كىلىدۇ. بۇ سەۋەپلىك، ئۇلارنىڭ بالىسىغا قارىغۇدەك مادارى يوق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
   يۇقىرى ياش مەزگىلىگە كىرگەندىن كىيىن ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولماقچى بولغاندا، ئەڭ ياخشىسى ھەر تۈرلۈك خەتەر ئامىللىرىنى ياخشى ئويلاشماق لازىمدۇر. ئىككى بالىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىنى ياخشى ئويلاپ، بالىنى ساق-سالامەت تۇغۇۋالساملا بولىدۇ دىگەن ئويلاردا بولماسلىق كىرەك.
 

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号