قانداق قىلىپ مەسئۇلىيەتچان ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6781:قېتىم كورۇلدى
   ئادەتتە دادىنىڭ ئائىلىدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بالىنىڭ نەزىرىدە، دادا، قىلالمايدىغان ئىشى يوق بىر خاسىيەتلىك ئادەم ھىسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، دادىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. ئۇنداقتا، قانداق قىلىپ مەسئۇلىيەتچان ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
بالىغا ياخشى ئۈلگە بولۇش
   دادىلار كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا، چوقۇم ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىشى لازىم؛ چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆز ھەرىكىتى بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، بالىغا توغرا ئىدىيە ۋە قاراش، ئاكتىپ پوزۇتسىيە يەتكۈزۈش كىرەك؛ بۇنىڭدا، بالىلار تۇرمۇشتىكى بۇ ئىنچىكە ھالقىلارنىڭ يۇشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىشىگە ئۇچراپ، مۇنەۋۋەر ئادەم بولۇپ يىتىشىپ چىقالايدۇ.
گېپىنى گەپ قىلىدىغان سەمىمى دادا بولۇش
   بالىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، دادىلار ئۆينىڭ تۈۋرىكى ھىسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، دادىلارنىڭ سۆزلىرىگە، ئادەتتە بالىلار تۇلۇق ئىشىنىدۇ. بىراق ئەگەر، دادىلار ۋەدىسىدە تۇرماي، ھەمىشە دىگەن گەپلىرىدىن يېنىۋالسا، بالا تەدرىجى ھالدا دادىسىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ، ھەتتا دادىسىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرماسلىق ۋە سەمىمى بولماسلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، بالىمۇ ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان سەمىمىيەتسىز ئادەم  بولۇپ چوڭ بولىدۇ.
بالىنىڭ ئالدىدا ئاچچىقلانماسلىق
   دادا دائىم بالىسىنىڭ ئالدىدا ئاچچىقلانسا، بالىلار پىسخىكىسىدا دادىسىنىڭ مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ساقلىنىپ قالىدۇ؛ بۇنىڭدا، كىيىنچە بالىمۇ ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا، ئاسانلا دادىسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ بىتەرەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، دادىلار بالىسىنىڭ ئالدىدا ئاچچىقلانماي، ئۇلارغا سەۋرچانلىق بىلەن يىتەكچىلىك قىلىشى كىرەك.
ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش
    دادىلارنىڭ يىتەرلىك دەرىجىدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار بولۇشى، ئائىلىسىگە ياخشى قارىشىدىغان بولۇشى كىرەك؛ بۇلۇپمۇ، ھەمىشە قارىسىنى كۆرسەتمەي قېلىشتىن ساقلىنىپ، بالا بىلەن بولغان مۇھەببەت ئاساسىنى ياخشى سېلىشى كىرەك. پەقەت بالا بىلەن بولغان ئوتتۇرلۇقتا مىھىر-مۇھەببەت بار بولغاندىلا، ئاندىن بىر بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا، بالىمۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار ئادەم بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号