ھامىلدار ئايالدا پىروگېستېرون تۆۋەنلەپ كەتسە زىيانلىقمۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7400:قېتىم كورۇلدى
    ئاز بولمىغان ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە، ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى پىروگېستېرون (孕酮) قىممىتىنىڭ نىسبەتەن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەمىشە بەزىلەرنىڭ "ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى پىروگېستىرون تۆۋەنلەپ كەتسە، ھامىيلە يىتىلىشتىن توختاپ قېلىشى، ھەتتا بويىدىن ئاجراپ كىتىش ئىھتىماللىقى يۇقىرىلاپ كىتىشى مۇمكىن" دىگەنلىرىنى ئاڭلايدىغان بولغاچقا، ھامىلدار ئاياللار ئەندىشىگە چۈشۈپ جىددىلىشىپ قالىدۇ. ئۇنداقتا، ھامىلدار ئايالنىڭ تېنىدىكى پىروگېستېرون قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتسە، راستىنلا ھامىيلىنىڭ يىتىلىشتىن توختاپ قېلىشى ياكى بويىدىن ئاجراپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟
    ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بەدىنى كۆپ مىقداردا پىروگېستېرون ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا بەلگىلىك دەرىجىدە غىدىقلاش شەكىللەندۈرىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايالنىڭ قان ئايلىنىش تىزلىشىپ، بۇ ئارقىلىق قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ نورمال يىتىلىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ تېنىدىكى پىروگېستېرون قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتسە، ھاميلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ توختاپ قېلىش ۋە بويىدىن ئاجراپ كىتىش نىسبىتىنى ئاشۇرۋىتىدىغان بولۇپ، قوساقتىكى ھامىيلىگە ۋە ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتا تەكشۈرۈش قىلدۇرۇش كىرەك.
   ئەگەر تەكشۈرۈش جەريانىدا، ھامىلدار ئايال پىروگېستېرون قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، بۇ ئەھۋالنى ۋاقتىدا دوختۇرلارغا بىلدۈرۈپ، دوختۇرلار كۆرسەتكەن ھەل قىلىش لايىھەسى بويىچە ئىش كۆرۈش ھەمدە دوختۇرلاردىن پىروگېستېرون تۇلۇقلاشنىڭ زۈرۈرىيىتى بار يوقلۇقىنى ۋە قانداق تۇلۇقلاش كىرەكلىكىنى سوراپ بىلىۋىلىش كىرەك. چۈنكى، ئوخشاش بولمىغان ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۇرۋاتقان ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى پىروگېستېرون كۆرسەتكۈچى ئوخشاش بولمايدۇ؛ پىروگېستېرون گەرچە ھامىلدار ئايالغا ۋە ھامىيلىگە زىيانلىق تەسىر كۆرسەتسىمۇ، ئەممابۇ فلاۋىن(黄体酮素)ئۇرۇش كىرەكلىكىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.
    بەزى ھامىلدار ئاياللار، ھامىلدارلىق دائىملىق تەكشۈرۈشىدە، بەدىنىدىكى پىروگېستېرون قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇلار دەرھال قارىغۇلارچە ھالدا ھامىيلىنى ساقلاپ قېلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا باشلايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئەگەر ھامىيلىنى ساقلاپ قېلىش دورىلىرىنى قارىغۇلارچە ئىشلەتكەندە، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قېلىشى نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ھامىلدار ئاياللار ئۆزىدە بىنورماللىق بارلىقىنى بايقىسا، چوقۇم دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا، ئاندىن فلاۋىن تولۇقلاش ئېلىپ بېرىش، ھەم بۇ جەرياندا قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا كىلىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كىرەك.
   بەزى ئاياللارنىڭ ئادەتتە تۇخۇمدان ئىقتىدارى نورمال بولسىمۇ، ئەمما بۆرەك ئۈستى بېزى ئىقتىدارىدا بىنورماللىق كۆرۈلسە ياكى قالقانسىمان بەز كىسەللىكلىرى كۆرۈلسە، بۇ ئەھۋاللارمۇ تۇخۇمداننىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش بىنورماللىشىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ھەمدە بۇ سەۋەپلىك پىروگېستېرون قىممىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، تۇخۇمداننىڭ سېرىق تەن ئىقتىدارىدا بىنورماللىق كۆرۈلسىمۇ، بەدەننىڭ فلاۋىن ئاجرىتىپ چىقىرىشىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ سەۋەپلىك پىروگېستېروننىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号