ئانىلار كىچىسى بالىسىنى ئۇخلاتقانداق قانداق جاپالارنى تارتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6018:ئادەم ئۆگەندى
    كىچىسى كىچك بالىسىنى تۇتۇپ يېتىش، ھەربىر ئانا بولغۇچى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان بىر جەريان. بۇ جەريان گەرچە ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما ئانىلار ئەزەلدىن بۇنىڭ قاقشىمايدۇ؛ ئەكسىچە، كىيىنكى كۈنلىرىدە بۇ جەرياندىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى ئەسلەپ، ئۆزىنى بىر خىل بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ. تۆۋەندە، مىنىڭ بالامنى تۇتۇپ يېتىش جەريانىدىكى نەچچە تۈرلۈك قىزىقارلىق ھالەتلىرىمنى كۆرۈپ بېقىڭ، بەلكىم سىزمۇ بۇرۇنقى بەخىتلىك مىنۇتلىرىڭىزنى ئەسلەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
   1. بالام تۇغۇلغاندىن كىيىن، مەن بىرەر كىچىمۇ خاتىرجەم ئۇخلاپ باقمىدىم؛ بىردەم بالىنى كارۋاتتىن چۈشۈپ كەتتىمۇ يوق تۇتۇپ باقىمەن، بىردەم يوتقاننى ئېچىۋەتتىمۇ يوق سىيلاپ باقىمەن. ئەگەر بالىنىڭ نەپىسى ئاجىزراق ئاڭلىنىپ قالسا، تېخى قولىقىمنى بالىنىڭ چىرايىغا يېقىپ تىڭشاپ باقىمەن.
   2. ئانا بولغاندىن كىيىن، ئۆيگە بىرەر پاشا كىرۋالسىمۇ، پاشىنىڭ بالىنى چېقىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ كىچىسى ئۇخلىيالمايمەن؛ پاشىنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن خاتىرجەم بولىمەن. ئەكسىچە، ئىرىم ھېچنىمە بىلەن كارى يوق ئۆلۈكتەك ئۇخلايدۇ، بالىغا قارىشىپ بىرىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
   3. قىزىم ئۇخلىغاندا 360گىرادوس ئايلىنىپ ئۇخلاشقا ئامراق، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چۆگىلەپ يېتىپ، بىر كىچە ئارامخۇدا ئۇخلاپ باقمىغان؛ ھەركۈنى بېسىم ئىسىلىپ، ئۇنىڭ بالدۇرراق چوڭ بولۇشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ كىتەتتىم.
  4. ئىككىنچى بالام ھەركۈنى مىنىڭ چېچىم بىلەنلا قالىدۇ، ھەركۈنى ئۇخلاشتىن ئاۋاز چېچىمنى تارتىپ ئوينايدۇ، ئۇخلىغاندىن كىيىنمۇ قويۇپ بەرمەيدۇ. ھەركۈنى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرغاندىن كىيىن، ئاۋال كارۋاتنىڭ ھەممە يىرىگە تېرىلىپ كەتكەن چاچلىرىمنى تىرىيمەن؛ ئۇ ۋاقىتتا مەن، ئەگەر يەنە مۇشۇنداق كىتىۋەرسە، تاقىرباش راھىب بولۇپ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەپ كىتەتتىم.
   5. بالام ئۇخلاپ قالغاندىن كىيىن، مەن ئىمكان قەدەر ئاۋاز چىقارماسلىققا تىرىشىمەن؛ بىراق ئۇ، ئۆزىنىڭ ئوسۇرۇق ئاۋازىدىنمۇ چۆچۈپ ئويغىنىپ كىتىپ، قورقۇپ يىغلاپ كىتەتتى. بۇنىڭغا ئەمدى مەندە نىمە ئامال بولسۇن دەيسىز؟
   6. بىر قېتىم، ئىككىنچى بالام ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ئازراق سۇ ئىچىۋالدى. مەن يېرىم كىچىسى تازا تاتلىق ئۇخلاۋاتسام، تۇيۇقسىزلا يامغۇردا قالغاندەك بولۇپ قالدىم؛ مەن ئەسلىدە چۈش كۆرگەن ئوخشايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق بېشىم بارغانسىرى ھۆل بولۇپ كەتتى. ئاخىرى كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام، ئەسلى بالامنىڭ سۈيدۈكى ئىكەن.
   7. كىچىك بالام كىچىسى جىم ياتمايدۇ؛ ھەمىشە كىچىلىرى تۇيۇقسىزلا ئويغىنىپ قوپۇپ ئولتۇرىدۇ، كەينىدىن ئۇخلىغان پېتى ئۆزىنى كارۋاتقا قايتا تاشلايدۇدە، دەل مىنىڭ يۈزۈمگە چۈشىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ، نەچچە قېتىم ئېغىز-بۇرنۇمنى قانىتىۋەتكەن.  
 
   8. كىچىسى ئەڭ كۆپ قىلىدىغان ئىشىمنىڭ بىرسى يوتقان يېپىش؛ بۇ سەۋەپلىك كۆرگەن چۈشلىرىممۇ نەچچە بۆلەككە بۆلۈنۈپ كىتىدۇ. بەزىدە ئويغىنىپ بالا ئېچىۋەتكەن يوتقاننى يېپىپ قويغاندىن كىيىن، داۋاملىق ئۇخلاپ ئالدىدا كۆرگەن چۈشۈمنىڭ ئاخىرىنى ئۇلاشتۇرۇپ كۆرىمەن.
    9. ئىككى بالا ئىككى يېنىمدا بىردىن ياتىدۇ، شۇڭا كىچىلىرى ئۆرۈلۈشكىمۇ پېتىنالماي، تاياقتەك يېتىپ چىقىمەن.
   10. ئەمىلىيەتتە، دۇنيادىكى ئانىلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل ئەھۋاللارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باققان. گەرچە ئادەمنى چارچىتىۋەتسىمۇ، ئەمما تەدرىجى ھالدا كۆنۈپ تەجىربىمىز ئاشقانسىرى، ياخشىراق ئۇسۇللارنى ئۆگىنىۋالالايمىز ھەمدە بالا تەربىيەلەش يولىدىمۇ بارغانسىرى ئىقتىدارلىق بولۇپ كىتىمىز. بىراق، ئادەمنىڭ ئەڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغىنى، سىز ھېرىپ ھالىڭىز قالمىغان ۋاقتىڭىزدا، ئىرىڭىزنىڭ بىر ئېغىز "بالا تۇتۇپ يېتىش قانچىلىك جاپالىق ئىشتى، بالىغا ھەمرا بولۇپ ئۇخلاشقۇ شۇ" دەپ قويىشىدۇر.
    ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جاپا قورقۇنچلۇق ئەمەس؛ قورقۇنچلۇق بولغىنى، ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ توغر چۈشىنىشىگە ئىرىشەلمەسلىك، بولۇپمۇ ئەر بولغۇچىنىڭ پوزۇتسىيەسى. ئەركىشى ئىشلەپ پۇل تېپىپ ھەقىقەتەن جاپا تارتىدۇ، روھى بېسىمىمۇ يىنىك ئەمەس؛ ئەمما بۇنى ئائىلىدىكى  ئىشلار بىلەن قىلچىلىك كارى بولماسلىقنىڭ باھانىسى قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ. ئەمىلىي ھەرىكەت جەھەتتە قوللاپ بىرەلمىسىمۇ، ئانىلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئېغىزىدا بولسىمۇ نەچچە ئېغىز تەسەللى بىرىپ ئايالىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ قويۇش كىرەك.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号