ھامىيلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە يىتىلىش جەريانى، ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم سىرلىق بىر خىل ئۆزگىرىش جەريانى بولۇپ، كىچىككىنە بىر ئۇرۇقلانغان تۇخۇم، بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆسۈپ-يىتىلىپ، ساغلام بىر بوۋاققا ئايلىنىدۇ. ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقى، ھەربىر ھامىلدار ئايال ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىگە توغرا ھۆكۈم قىلىشنى بىلىۋىلىشى كىرەك. ئۇنداقتا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قايسى خىل ئامىللار، ھامىيلىنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنىڭ بىنورمال بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؟

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئۇزۇقلۇق ئەھۋالى
ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ ئۇزۇقلۇق سۈمۈرۈشى يىتىشەلمىسە، ھامىيلىنىڭ مىڭە ھۈجەيرىلىرى ۋە نىرۋا سېستىمىسىنىڭ يىتىلىشىدە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ؛ ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك بولسا، ھامىيلىنىڭ مىڭە ھۈجەيرىلىنىڭ سان جەھەتتىن يىتىشمەسلىكى ۋە مىڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ يىتىلىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ سەۋەپلىك ھامىيلىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىدا بىنورماللىق كۆرۈلۈش
ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، مىتابولىزىمنىڭ تىزلىشىشگە ئەگىشىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ قالقانسىمان بەزگە بولغان ئىھتىياجى تېخىمۇ ئېشىپ بارىدۇ؛ ئەگەر ھامىلدار بولۇشتىن بۇرۇن قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىدا بىنورماللىق بار بولسا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاسانلا ھامىلدارلىق مەزگىلى قالقانسىمان بەز كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا ئەقلى ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.

ئىرسىيەت خارەكتىرلىك كىسەللىكلەر
يېقىن تۇققانلار تويلىشىش، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقانداق بىرسىدە ئىرسىيەت خارەكترىلىك كىسەللىك بار بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، ھامىيلىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ نورمال يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىرسىيەت خارەكتىرلىك كىسەللىكلەر بولسا، خروموسومدا بىنورماللىق كۆرۈلۈش، مىتابولىزىمدا بىنورماللىق كۆرۈلۈش، ۋە يېقىن تۇغقانلار تويلىشىش ئۈچ خىلغا بۆلىنىدۇ.
خروموسومدا بىنورماللىق كۆرسىتىش، ناچار ئىرسىيەت ئامىللىرىنىڭ تەسىرى ياكى ھامىلدار ئايال رادىئاتسىيە بىلەن ئۇچرىشىش، كىسەللىك ۋىرۇسلىرى بىلەن يۇقۇملىنىش، ئاستا خارەكتىرلىك ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك قاتارلىق تاساددىبى ئامىللارنىڭ تەسىرى ئاستىدا، خروموسومدا بەزىبىر ئۆزگىرىشلەرنىڭ پەيدا بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئىرسىيەت خارەكتىرلىك كىسەللىكلەرنى شەكىللەندۈرۈشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا، يەنە نۇرغۇنلىغان خروموسومدا بىنورماللىق كۆرۈلۈش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئىرسىيە خارەكتىرلىك كىسەللىكلەرمۇ، ھامىيلىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ مەسىلەن، مۈشۈك ئاۋازى ئونۋىرسال كىسەللىكى، كىرانفىر ئونۋىرسال كىسەللىكى، دۇشى ئونۋىرسال كىسەللىكى قاتارلىقلار.

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سىنىك كەمچىل بولۇش
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سىنىك كەمچىل بولسا، ئۇنداقتا ھامىيلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە تۆۋەن ياكى بېشى كىچىك ھەم ئەقلى ئىقتىدارىدا كەمتۈكلۈك ھالەتتە تۇغۇلۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى، سىنىك ماددىسى، ھامىيلىنىڭ چوڭ مىڭە ئورگانىزىمىنىڭ يىتىلىشىگە قارىتا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سىنىك كەمچىل بولسا، ھامىيلىنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنى بىۋاستە زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سىنىك تۇلۇقلاشتا، ئۇرۇق گۆش، تۇخۇم، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، كۆكتات، مىۋە-چىۋە، سۈت تۈرى، پۇرچاق تۈرى قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تۈردە ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.