ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى بۇ ئۈچ كىسەلدىن ساقىيىشىڭىز كىرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6028:قېتىم كورۇلدى
    ئۈچ خىل ئۇنچە ئېغىر ھىسابلانمايدىغان كىسەللىك بار؛ بەزىلەر بەلكىم بۇ كىسەللىكلەردىن ئەندىشە قىلىشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەر بولسا بۇنىڭغا يىتەرلىك ئىتىبار بىلەن قارىماسلىقىمۇ مۇمكىن. بىراق، ئايال كىشى ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە، ئۆزىدە ئەگەر بۇ ئۈچ خىل كىسەللىك بار بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن داۋالىنىپ ساقىيىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ھامىلدار بولۇشقا تۇتۇش قىلىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا ئاندىن، ھامىلدار مەزگىلىنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئۈچ خىل كىسەللىك زادى قايسىلار؟
چىش ئاغرىش
   ھازىر نۇغۇن كىشىلەردە يا ئۇنداق يا بۇنداق چىش كىسەللىكلىرى بار بولۇپ، بەزىبىر چىش ئاغرىش، چىش مىلىكى قاناش قاتارلىق كىسەللىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بۇنى ئادەتتىكى بىر ئىش دەپ قاراپ ئىتىبار بىلەن قارىمايدۇ. بىراق، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس.
    تىبابەت تارىخىدا، ئىلگىرى ھامىلدار ئايالنىڭ چىشى قاتتىق ئاغرىپ كىتىش سەۋەبىدىن، بالىياتقۇنىڭ جىددى ھەم قاتتىق تارىيىپ يېغىلىشىنى پەيدا قىلىپ، بۇ سەۋەپلىك ھامىيلىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مىساللار بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى كۆپلىگەن فىزىلوگىيلىك جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىشلەر، ھامىلدار ئايالنىڭ ئېغىز بوشلۇقى كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۋىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى ئۈزۈل-كىسىل داۋالاپ ساقايتىلمىغان ئېغىز بوشلۇقى كىسەللىكى، سىزنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىڭىزگە ناھايىتى كۆپ يۇشۇرۇن خەۋپلەرنى ئېلىپ كىلىش ئىھتىماللىقى بار بولىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ چىشى ئاغرىپ كەتسە، ھامىلدار ئايالدا جىددىلىشىپ تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ ھەمدە دورا ئىشلەتسە ھامىيلىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەپ، چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدىغان دورا ئىچىشكىمۇ پېتىنالمايدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە، ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئېغىز بوشلۇقى كىسەللىكلىرى بۆلۈمىگە كۆرۈنۈپ، دوختۇرنىڭ تەۋسىيىسىنى ئاڭلاپ بېقىشى كىرەك.
قەۋزىيەت
    تۇرمۇش ئادىتى ۋە خىزمەت ئورنى مۇھىتى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن، نۇرغۇن ئاياللاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قەۋزىيەت بار ياكى بۇۋاسىر بار. بىراق، بۇ خىل كىسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك ئەمەس ھەمدە يامان تەسىرىمۇ بىراقلا گەۋدىلىنىپ چىقمايدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن ئاياللار بۇنىڭغا قارىتا بەك ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەيدۇ.
    بىراق، ھامىلدار بولغاندىن كىيىنلا، قەۋزىيەت ۋە بۇۋاسىر دىگەنلەر بىراقلا ئېغىرلاپ كىتىدىغان بولۇپ، قارىماققا كىچىك ئىشتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمىلىيەتتە قەتئى بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ.
    ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن سەۋيىسىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭغا يىگەن يىمەكلىكى كۆپ ھەرىكىتى ئاز بولۇش قوشۇلۇپ، ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ. بۇندىن باشقا، دۆلەت سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ماتىرياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلدار ئايالنىڭ بۇۋاسىرغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %80گە يىتىدىكەن. شۇڭا ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە، ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ، بۇۋاسىر ۋە قەۋزىيەت بارمۇ يوق تەكشۈرتۈپ كۆرۈش، ئەگەر بار بولسا، ۋاقتىدا داۋالىنىپ ساقىيىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ھامىلدارلىققا رەسمى تەييارلىق كۆرۈش كىرەك. بولمىغاندا، ھامىلدار مەزگىلىدە، بۇ كىسەللىكلەر ھامىلدار ئايالنى تېخىمۇ قاتتىق بىئارامچىلىققا قويىدۇ.
پۇت تەرلەش
    ئەتىياز ۋە ياز پەسلى، زەمبۇرۇغلار ئەۋجىگە چىقىدىغان مەزگىل بولۇپ، ئادەتتە ئاياغنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناچار بولغاچقا، ئادەمنىڭ پۇتى ئاسانلا تەرلەپ پۇراپ قالىدۇ ھەمدە ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ؛ بىراق، بۇمۇ ئادەتتە كۆپ قىسىم كىشىلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر ئەھۋال بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا بەك ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ. ئادەتتە بىز ئېيتىدىغان پۇت پۇراش، پۇت قىسىمنىڭ زەمبۇرۇغلار بىلەن ياللۇغلىنىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا كونتىرول قىلمىسا، بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغىمۇ يۇقىرى. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، پۇت پۇراشنىڭ ھامىلدارلىق بىلەن بەك كۆپ مۇناسىۋىتى يوق؛ بىراق، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھەرقانداق دورىنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدىغان بولغاچقا، ئەگەر پۇت تەرلەيدىغان بولۇپ قالسا، تولا قىچىشىپ ھامىلدار ئايالنى بىئارام قىلىپ، كەيپىياتىنى بىنورماللاشتۇرۇپ قويىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، ئەگەر ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرگەن ئايال كىشىنىڭ پۇتى تەرلەيدىغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئاۋال دورا قىلىپ ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشى كىرەك. بۇنىڭدا، دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سورىسىمۇ ياكى يەرلىك رىتسىپلاردىن پايدىلىنىپ باقسىمۇ بولىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号