بۇ ئۈچ مەزگىلدە تۇغۇلغان بالىلار بەخىتلىك بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7637:قېتىم كورۇلدى
    بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئادەتتە بالىنىڭ قانداق مەزگىلدە تۇغۇلۇشىمۇ بىر قەدەر مۇھىم ھىسابلىنىدۇ. ئەگەر بالا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ۋاقىتتا تۇغۇلسا، ئۇلارنىڭ بەختى كەلگەن ھىسابلىنىدۇ.
ئاتا-ئانىسىنىڭ خىزمىتى ئوڭۇشلۇق كىتىپ بارغان مەزگىلدە
    ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئۇلارنىڭ كەيپىياتى قورسىقىدىكى بالىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولسا، ئۇلارنىڭ روھى بېسىمىمۇ نىسبەتەن يىنىك ھىسابلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ياخشى بىر خىل روھى كەيپىياتنى ساقلايدىغان بولغاچقا، بۇ بالىا نىسبەتەن ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ خىزمەت بېسىمى زىيادە ئېغىر بولسا، بالىغا نىسبەتەن سەلبى تەسىرى بەك چوڭ بولىدۇ.
ئائىلە شارائىتى نىسبەتەن باياشات مەزگىلدە
    ھەرقانداق بىر ئاتا-ئانا، بالىسىغا ئەڭ ياخشى ئۆسۈپ-يىتىلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىر بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن خىراجەت كىتىدىغان بولۇپ، بالىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، خەجلەشكە تىگىشلىك پۇل تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى شارائىتى ياخشى بولسا، بالىغا ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش ياكى كىيىنكى مەزگىللىك تەربىيەلەش جەھەتتىن بولسۇن، ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ.
تىمپىراتۇرا نىسبەتەن يېقىشلىق بولغان ئەتىياز مەزگىلىدە
    ئەمىلىيەتتە، بالا تۇغۇشتىمۇ ئويلىشىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار؛ مەسىلەن، ئەگەر بالا قىش پەسلىدە تۇغۇلسا، قىشتا ھاۋا سۇغۇق بولغانلىق سەۋەبىدىن، ئانىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى نىسبەتەن قىيىنراق بولىدۇ ھەم ۋاقتى ئۇزىراپ كىتىدۇ. بىراق، بالا ئەگەر ئەتىياز ياكى باش ياز مەزگىللىرىدە تۇغۇلسا، بۇ ۋاقىتتا ھاۋا كىلىماتى سۇغۇقمۇ ئەمەس ھەم بەك ئىسسىقمۇ ئەمەس، ئانىنىڭ كەيپىياتىمۇ تېخىمۇ ياخشى ھالەتنى ساقلىيالايدۇ؛ شۇڭا بۇ سەۋەپلىك، ھامىلدار ئايالغا ۋە بوۋاقنىڭ يىتىلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ مەزگىلدە قۇياش نۇرى بىرقەدەر يىتەرلىك بولۇپ، بالىنى ئاپتاپقا قاقلاپ بەرسەك، بالىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号