بالىڭىزنى دائىم بۇ جايلارغا ئېلىپ بارسىڭىز پايدىسى زور
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6441:ئادەم ئۆگەندى
    ئىلگىرى بىر مەزگىل، بىزنىڭ مەھەللە كومتىتى بىر قېتىملىق "دارىلتامنى چۈشىنىش" مەخسۇس تېمىلىق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ۋاقىت دەل بالامنى تەتىلگە قويۇۋەتكەن ۋاقىتقا ئۇدۇل كەلگەن بولغاچقا، مەن ئۇنى بىللە ئېلىپ بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشتىم. پائالىيەتتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، بالام تۇيۇقسىزلا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ قالدى. ئىلگىرى ئۇ ئەزەلدىن ماڭا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرمەيتتى؛ ھازىر بولسا، ھەرقېتىم تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن، ئۈستەللەرنى سۈرتۈپ، قاچا-قۇچىلارنى يېغىشتۇرۇشۇپ بىرىدۇ. بۇندىن باشقا، ئۇ يەنە ھازىر ئۆزىنىڭ ناھايىتى بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، چوقۇم ياخشى تىرىشىپ ئۆگىنىدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بەردى. ئەمىلىيەتتە بۇ خىل ئۆزگىرىش، باشقا بىر نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالىنىڭ ھىسي كۆرسەتكۈچىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ھەر بىر ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ،  بىراق بالىسىنىڭ ھىسي كۆرسەتكۈچىنى قانداق يىتىلدۈرۈشنى بىلمەيدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئاتا-ئانىلار بالىسىنى تۆۋەندىكى جايلارغا كۆپرەك ئېلىپ بارسا، بالىنىڭ ھىسي كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ناھايىتى زور پايدىسى بولىدۇ.
كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى(游乐场)
   نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ قارىشىچە، كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىغا بېرىش ئويناش ئۈچۈن بولىدۇ، بۇندىن باشقا پايدىسى باردەك كۆرۈلمەيدۇ. ھازىرقى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئىچىدە ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى بار؛ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئەسلىھەلەر، بالىلارنىڭ ئويناش جەريانىدا ئەقلى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە پادىلىق بولىدۇ. بالىلارنى ھەمىشە چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئېلىپ بېرىش، بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلاردا ھەرقانداق بىر يىڭى نەرسىگە قارىتا كۈچلۈك قىزىقىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدىغان بولغاچقا، ئۇلار كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىدا پۇخادىن چىققۇچە ئويناپلا قالماي، يەنە ئويناش جەريانىدا ئەقلى ئىقتىدارى ۋە ھىسى كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.
كۈتۈپخانا
    ئاتا-ئانىلار ئادەتتە، بالىسىنى كۈتۈپخانىغا كۆپرەك ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىتاپ ئوقۇشتەك ياخشى ئادىتىنى يىلتىلدۈرۈش كىرەك. بالىلاردا نۇرغۇن شەيئىلەرگە قارىتا ھېچقانداق تۇنۇش يوق. كىتاپ ئوقۇش جەريانىدا، ئۇلار توختىماستىن تەپەككۇر قىلىدىغان ۋە ئويلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بىلىم مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلار، مەيلى ئادەتتىكى گەپ قىلىش ياكى ئىش قىلىش جەھەتتە بولسۇن، ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ھىسي كۆرسەتكۈچىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، كىتاپ ئوقۇش، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارى ۋە مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ بىتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
دارىلتام
    دارىلتام بەلكىم كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق بولسا كىرەك؛ بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى يىتىم بالىلار بولۇپ، ئاتا-ئانىسى بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى ناھايىتى غېرىپ كىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار كۆڭۈل بۆلۈشكە تېخىمۇ مۇھتاج. دارىلتامنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تېخىمۇ كۆپ ياردەمگە ئىھتىياجلىق بالىلارغا ياردەم قىلىش بولۇپ، ئاتا-ئانىلار ھەمىشە بالىسىنى دارىلتامغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ كەلسە، ئۇلار مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىپ، باشقىلارغا ياردەم بىرىش ئارقىلىق مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسى ۋە بەخىت تۇيغۇسىغا ئىرىشىشنى ئۆگىنەلەيدۇ؛ بۇندىن باشقا، ئۇلار ھازىرقى بەخىتلىك تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قەدىرلەشنى ئۆگىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنلىك ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
نىسبەتەن نامرات رايونلار
    ئوخشاش بولمىغان مۇھىت، ئوخشاش بولمىغان ئىقتىسادى شارائىت ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بالىلارنىڭ، مىجەز-خارەكتىرى ۋە سىرتقى دۇنياغا بولغان پوزىتسىيە قاراشلىرى جەھەتتىمۇ چوڭ پەرقلەر بولىدۇ. شەھەرلەردە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان نۇرغۇن بالىلار، پۇلنى خالىغانچە بۇزۇپ چېچىپ، ھەتتا ئاتا-ئانىسىدىن مىننەتدار بولۇشنىمۇ بىلمەيدۇ؛ بۇنداق بالىلار، كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە چىققان ۋاقىتتا چوقۇم زىيان تارتىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان نامرات رايونلارغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ كەلسە، ئۇلارنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ ئاسانغا قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى مىننەتدار بولۇشنى ۋە قەدىرلەشنى بىلىدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشقا پايدىلىق بولىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号