بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا ئاياغ كەيسە بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6071:قېتىم كورۇلدى
    بوۋاق تېخى تۇغۇلماستىلا، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەييار قىلىدۇ. بولۇپمۇ كىيىم، پايپاق، ئاياغ قاتارلىقلارنى سېتىۋىلىپ، بوۋىقىنى چىرايلىق ياساپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بوۋاققا ئاياغ كېيگۈزۈش ئىشىدا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىنلا ئۇنىڭغا ئاياغ كەيگۈزۈپ قويساق بولىدۇ دەپ قارايدۇ؛ يەنە بەزى ئاتا-ئانىلار بولسا، بالىلار تېخى كىچىك، يول مېڭىشنى بىلمەيدۇ، يول مېڭىشنى ئۆگەنگەندىن كىيىن ئاندىن ئۇنىڭغا كەيگۈزۈپ قويساق بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا، بوۋاقلار زادى قانچىلىك چوڭ بولغاندا ئاندىن ئاياغ كەيگۈزسەك مۇۋاپىق بولىدۇ؟
بوۋاقلارغا ئاياغ كەيگۈزۈشنى باشلاشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق مەزگىلى
    بوۋاقلارغا ئاياغ كەيگۈزۈشنى باشلاشتا، چوقۇم ۋاقىتنى ياخشى تاللاش كىرەك؛ بەك بالدۇر بولۇپ كەتسە ياكى بەك كىيىن قالسا، ئوخشاش پۇت قىسىم سۆڭىكىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يىتىدۇ. بوۋاقلارغا ئاياغ كەيگۈزۈشنى باشلاش ۋاقتى جەھەتتە، ئۇلارنىڭ يېشىغا ئاساسەنلا قارار چىقىرۋالساق بولمايدۇ. ئادەتتە، بوۋاقلار بىرەر نەرسىگە تايىنىپ ئورنىدىن تۇرالايدىغان ھەمدە مېڭىشنى ئۆگىنىش ئىزنالىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان ۋاقىتتا، ئۇلارغا ئاياغ كېيگۈزۈشنى باشلىساق بولىدۇ. بۇندىن بۇرۇن، ئۇلارغا ئىسسىقلىق ساقلايدىغان پايپاق كېيگۈزۈپ قويساقلا بولىدۇ.
بوۋاقلارغا مۇددەتتىن بۇرۇن ئاياغ كېيگۈزۈشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى
پۇت قىسىم نىرۋىلىرىنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ
   بوۋاقلارنىڭ بەدىنىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىقتىدارلىرى تېخى يىتىلىۋاتقان مەزگىلدە تۇرۋاتقان بولغاچقا، مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ كىچىك پۇتىنى چىڭ ئىسكەنجىگە ئېلىۋالساق، بوۋاقنىڭ پۈت قىسىمىغا قارىتا بولغان تىگىشىش غىدىقلىنىشى كەمچىك بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقرىىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك تىگىشىش سىزىم ئىنكاسى ئاستا بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ كىيىنكى مەزگىللىك يەر يۈزىگە بولغان ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ.
پۇت قېسىم ئاڭ تەرەققىياتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ
   بوۋاقلارغا مۇددەتتىن بۇرۇن ئاياغ كېيگۈزۈشنى باشلاش، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ پۇت قىسىمىغا بولغان تۇنۇشى كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىيىنكى مەزگىلدە يول ماڭغان ۋاقىتتا، يەر يۈزىگە كۈچ چۈشۈرۈش نوقتىسىنى كونتىرول قىلالماسلىق ۋە يول ماڭغاندا تۈز ماڭالماسلىقتەك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.
بالىلارنىڭ ئۆمىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ
   بوۋاققا مۇددەتتىن بۇرۇن ئاياغ كېيگۈزۈشنى باشلاش، ئەمىلىيەتتە ئۇلارغا قارىتا بىر خىل چەكلىمە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆمىلەشنى ئۆگىنىش جەريانىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
   بالىلارغا ئاياغ كېيگۈزۈشنى باشلاش جەھەتتە، ئاتا-ئانىلار چوقۇم مۇۋاپىق بولغان پەيتنى تاللىشى كىرەك؛ بۇندىن باشقا، ئۇلارغا ماس كىلىدىغان ئاياغ تاللاپ سېتىۋىلىشى كىرەك. بۇنىڭدا، ئۇلارنىڭ پۇت قىسىمنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يول مېڭىشنى ئۆگىنىشىمۇ ئاسان ھەم بىخەتەر بولىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号