قوساقتىكى ھامىيلىدە سۇ كەمچىل بولغاندا كۆرىلىدىغان ئالامەتلەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5809:قېتىم كورۇلدى
    ھامىلدار ئاياللار بىر ئېغىزدا ئىككى جاننى باقىدىغان بولغاچقا، ئادەتتىكىگە قارىغاندا كۆپرەك يەپ ئىچىدۇ. بەزى ھامىلدار ئاياللار كىچىك تەرەت قىستاپ قالسا، قورسىقىنى كۆتۈرۈپ ھاجەتكە چىقىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرۈپ، كۈندىلىك سۇ ئىچىش مىقدارىغا چەك قويىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا، قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ پىكىرى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن؛ چۈنكى، سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبىيى بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار سۇ تەركىبىنى كۆپرەك تولۇقلىمىسا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يىتىشى مۇمكىن. تۆۋەندە، ھامىيلە "ئۇسساپ قالغاندا" كۆرىلىدىغان نەچچە تۈرلۈك سىگناللارنى كۆرۈپ باقايلى.
كالپۇكلىرىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ يېرىلىپ كىتىش
    ئادەمنىڭ كالپۇكىدىكى تىرىلەر نىسبەتەن يۇمران بولۇپ، بەدەندىكى بەزىبىر بىنورماللىقلارغا قارىتا بىرقەدەر سەزگۈر كىلىدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئادەمنىڭ كالپۇكى قىزىل ھەم پارقىراق كىلىدىغان بولۇپ، بۇ سۇ تەركىبلىرىنىڭ تۇلۇق، رەڭگى رويىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى. ئەگەر ھامىلدار ئايال ئۆزىنىڭ كالپۇكلىرىنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆڭۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، بۇ بەلكىم بەدەندە سۇ تەركىبلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەملەپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئەگەر بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، ئاخىرىدا قوساقتىكى ھامىيلىگە تەسىر يىتىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئايال قايناقسۇ ئىچىش ياكى سۇ تەركىبى يۇقىرى مىۋە-چىۋىلەرنى يىيىش ئارقىلىق بەدەنگە سۇ تۇلۇقلىشى كىرەك.
بالىياتقۇدا باش سۈيى ئازلاپ كىتىش
    ھامىيلە ئانىسىنىڭ قوسىقىدا باش سۈيى ئىچىدە تۇرىدىغان بولۇپ، تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىغا تەقلىد قىلىنغانلىق بولىدىكەن؛ چۈنكى، ھاياتلىق بەلكىم دېڭىز-ئوكيانلاردىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. باش سۈيى تەركىبىدە ئەلۋەتتە سۇمۇ بار بولۇپ، ئەگەر تەكشۈرۈش جەريانىدا باش سۈيى ئازلاپ كەتكەنلىكى بايقالسا، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايال چوقۇم بۇنىڭغا قارىتا ئىتىبار بىلەن قارىشى كىرەك؛ چۈنكى، سىزنىڭ سۇ ئىچىشنى خالىمايدىغان ئادىتىڭىز، قورسىقىڭىزدىكى ھامىيلىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئەگەر ۋاقتىدا ياخشىلىنىشقا ئىرىشەلمىسە، ھامىيلىدە غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش كۆرۈلىشى مۇمكىن.
ھاجەتكە ئاز چىقىش
   بەزى ھامىلدار ئاياللار ھاجەتكە چىقىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىش مىقدارىغا مەقسەتلىك ھالدا چەك قويىدۇ. بۇ، شاپتۇل تىرىمەن دەپ قولىدىكى تاۋۇزنى تاشلىۋەتكەندەكلا بىر ئىش. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىيلە دوۋساقنى بېسىپ، سۈيدۈك يېغىپ ساقلايدىغان ئەزا بېسىمغا ئۇچراش سەۋەبىدىن، ئاسانلا كىچىك تەرەت قىستايدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئايال كۈندۈزى سۇنى يىتەرلىك دەرىجىدە ئىچىپ، كەچتە ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن سۇ ئىچىشنى توختاتسا، بۇنىڭدا كىچىسى كىچىك تەرەت قىستاپ ئويغىنىپ كىتىش قېتىم سانىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئازايتىقىلى بولىدۇ.
    ھامىلدار ئايالنىڭ كۈندىلىك سۇ ئىچىش مىقدارى چوقۇم كاپالەتكە ئىگە بولۇش كىرەك؛ بولمىغاندا، سۇ تەركىبى يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن قەۋزىيەت پەيدا قىلىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەن تېخى ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号