ھارۋاد داشۆسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، بالىلار 4-0ياش ئارلىقىدا، ئۇلارنىڭ مىڭىسى چوڭ ئادەملەرنىڭ %80-%75 ئەتراپىدا يىتىلىپ بولىدىغان بولۇپ، 25ياشقا كىرگۈچە پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولالمايدۇ؛ بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، بالىلارنىڭ 4-0ياش مەزگىلى، ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىدىكى ئالتۇن مەزگىلى ھىسابلىنىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى بالىسىنىڭ تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ئۇنداقتا بۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىدىكى ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتماق لازىمدۇر. تۆۋەندىكى ئۇسۇللار، بالىلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار كۆرۈپ ئۆرنەك ئالسا بولىدۇ.

بالىلارنىڭ تەسۋىرلەش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش
بالا كىچىك ۋاقتىدىلا، ئاتا-ئانىسى ئۇلارنى تەسۋىرلەش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە يىتەكلەپ، ئۇلارغا ئاڭلىغان كۆرگەنلىرىنى، يۈ بەرگەن ئىشلارنى سۆزلىتىپ مەشىق قىلدۇرسا بولىدۇ؛ بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ كەچمىشلىرى ۋە ئوي-خىياللىرىنى بىلىپ يىتىپلا قالماي، يەنە تېخى بالىلارنىڭ تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ.
بالىلارغا كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىشنى ئۆگىتىش
بالىلار كىچىك ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىشنى بىلمەيدۇ، خاپا بولۇپ قالسىلا يىغلاپ جىدەل قىلىدۇ ھەمدە ئەدەپسىز، قوپال ۋە يولسىز كىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلار بالىسى بىلەن ياخشى پىكىرلىشىپ، بالىلارغا كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىشنى ئۆگىتىشى كىرەك. ئەدەپلىك ۋە مەدىنىيەتلىك بولغاندا، ئۆسۈپ-يىتىلىشكە پايدىلىق بولىدۇ.

بالىلارنىڭ ئوي-خىيالىنى كۆپرەك سوراپ قويۇش
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئورنىدا تاللاش قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق بۇ خىل ئەھۋال، بالىلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش ۋە تاللاش قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بالىسىنىڭ ئوي-خىيالىنى كۆپرەك سوراپ بەرگەندە، بالىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشقا بولىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
بالىلارنى بەدىنىنى كۆپرەك ھەرىكەتلەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش
بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋەزىپىسى ئېغىر، بەزىدە بىر ئولتۇرغانچە بىر كۈن ئولتۇرۇپ قالىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۋىلىش، چوڭ مىڭىنىڭ ئىنكاسىنى ئاستىلىتىپ قويىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كىرەك؛ ئادەتتە، چوڭقۇر نەپەسلىنىش، كۈلۈمسىرەش، بەل سوزۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ھەرىكەتلىنىش ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بالىلار كۆپرەك ھەرىكەتلىنىپ بەرسە، تەپەككۇرى تېخىمۇ جانلىق بولىدۇ.

بالىلارغا كەيپىياتىنى ئىپادىلەپ چىقىرىشنى ئۆگىتىش
بالا ئەگەر كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالغاندا ھەمىشە ئىچىگە يۇتۇپ يۈرۈشنى تاللىسا، بۇ ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىغا يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا كەيپىياتىنى ئىپادىلەپ چىقىرىشنى ئۆگىتىشى كىرەك. كۆڭۈل يېرىم بولۇشتەك ناچار كەيپىياتلارنى ئىپادىلەپ چىقىرۋەتسە، بالىلارنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.