بالىڭىزنىڭ پائالىيەتلىرىگە خالىغانچە توسقۇنلۇق قىلماڭ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6223:قېتىم كورۇلدى
   بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشتىن ئاۋالقى ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىملىقىنى ھەممە ئادەم چۈشىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ مەزگىلدىكى بالىلارغا بولغان تەربىيەلەش كۆپىنچە مەرىپەت تەربىيىسىنى(启蒙教育) ئاساس قىلىدۇ. ھەرقانداق بىر ئاتا-ئانا، بالىسىنىڭ بىر ئىشلارنى قىلغاندا سەۋرچان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بىراق، بالىلارنى سەۋرچان بولۇشقا يىتەكلەشنىڭ بىر ئالدىنقى شەرتى بار، ئۇ بولسىمۇ بالىلارنىڭ پائالىيىتىگە خالىغانچە توسقۇنلۇق قىلماسلىقتۇر.
بالىڭىزنىڭ پائالىيەتلىرىگە خالىغانچە توسقۇنلۇق قىلماڭ
   بالىلار، بولۇپمۇ يېشى كىچىكرەك بالىلار، پائالىيەت جەريانىدا دۇنيانى تۇنۇپ تەجىربە توپلايدۇ؛ شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار قول قويۇۋىتىپ، بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ باشتىن ئۆتكۈزۈشىگە ۋە ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشىگە قويۇپ بىرىشى كىرەك. ئەلۋەتتە، بۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ خەتەرگە ئۇچراش نىسبىتى يۇقىرىلاپ كىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋاقىت ۋە زىھنىنى سەرپ قىلىپ، ئۇلارنى ھەر ۋاقىت خەتەرلىك ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇشقا تەييار تۇرۇشى لازىم بولىدۇ، بۇ ھەم ئاتا-ئانىلار بالىسىنى تەربىيەلەش جەريانىدا چوقۇم تۆلەشكە تىگىشلىك بەدەلدۇر. بەزى ئاتا-ئانىلار، بالسىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى خالىغانچە توسۇپ قويىدۇ؛ بۇنى تۇتساڭ بولمايدۇ، ئۇ يەرگە بارساڭ بولمايدۇ دەپ، بالىلارنىڭ پائالىيەت دۇنياسىنى ئىنتايىن تار ھالەتكە ئەكىلىپ قويىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا بالىلارنىڭ تۇنۇپ يىتىدىغان ئوبىكتلىرىمۇ ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق قىلمىشنىڭ ئاقىۋىتى بولسا، بالىلار توپلايدىغان تەجىربە كېمىيىپ كىتىش بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ تەرققى قىلىشىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، زىيادە ئارتۇق بولغان چەكلىمىلەر، بالىلارنى شىجائەتسىز، يىڭى شەيئىلەرنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، بىر ئىشلارنى قىلغاندا ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قول قۇيۇۋىتىپ ئىش قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. بالىلارنىڭ ئەسلىدىكى قىزىقىش روھى ۋە قىزغىن بولغان ئىزدىنىش روھى چەكلىمىگە ۋە بېسىشقا ئۇچراش سەۋەپلىك بارغانسىرى سۇسلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بالىلار ئاخىرى بېرىپ ئالغا ئىنتىلىش روھىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
    پەقەت، بالىلارنىڭ دۇنياغا بولغان ئىزدىنىشى ۋە قىزىقىشىنى چەكلەپ قويمىغاندىلا، بالىلار ھەمدە ئاتا-ئانىسى، بۇ ئىشلار ئىچىدە بالىسىنىڭ نىمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىيالايدۇ ھەمدە يەنە بىر قەدەم ئىچكىرلىگەن ھالدا بالىسنىڭ سەۋرچانلىقىنى يىتىلدۈرەلەيدۇ. سىز ئەگەر بالىڭىزنىڭ بۇ ئىشقا قىزىقىدىغان ياكى قىزىقمايدىغانلىقىنىمۇ بىلمىسىڭىز، ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىشنى قانداق تەلەپ قىلالايسىز؟
قانداق قىلغاندا بالىلارنى سەۋرچان قىلىشقا بولىدۇ؟
    بىر ئائىلىدىكى كەيپىيات زىيادە جىددى بولۇپ كەتسە، بالىنىڭ كۆڭلىنى تىنچ تۇتقان ھالەتتە بىر ئىشلارنى قىلىشىغا پايدىسىز بولىدۇ؛ چۈنكى، ئۇلار ھەمىشە يىڭىچە بىر ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرمىسا بولمايدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ مىجەزى ئىتتىك ھەم تىرىككەك بولسا، بىر ئىشلاردا بالىسىنى توختىماي سۈيلەۋەرسە، ئەكسىچە بالسىنىڭ سەۋرچانلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىنىڭ جىسمانىيىتىدە كىسەل ياكى كەمتۈكلۈك بار بولسا، ئوخشاشلا بالىنىڭ ھەرىكەتلىنىش قىزغىنلىقى ۋە سەۋرچانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇندىن باشقا، ئەگەر بالىنىڭ ئوخشاش بىر قىلمىشىغا قارىتا، ئەگەر ئانىسى تەنقىد قىلسا، دادىسى بولسا ماختىسا، ئۇنداقتا بالا بۇ ئىشقا قارىتا بولغا توغرا-خاتا ئۆلچىمىنى ئايرىيالماي قالىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر ئىشلارنى قىلماقچى بولغاندا، بالىلار كۆپىنچە ماختاشقا ئىرىشىدىغانلىقىنى ياكى تەنقىد ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلەلمىگەچكە، ئۇلار تەبىئىلا ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرالمايدۇ. بۇلارنى يىڭىپ چىقىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولسا، ئاتا-ئانىلار بۇنداق قىلىشنىڭ بالىغا ئېلىپ كىلىدىغان يامان تەسىرىنى ئۆزلىگىدىن چۈشىنىپ يىتىپ ھەمدە خاتالىقىنى ئۆزگەرتىپ، بالىسىغا ياخشى بولغان بىر سىرتقى مۇھىت يارىتىپ بىرىشتۇر.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号