ھازىر نۇرغۇن بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئىنتايىن ياخشى، ئەمما ھىسىي كۆرسەتكۈچى(يەنى ھىسياتنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى) تۆۋەن، باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى بىلمەيدۇ، كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كىيىن، ئۆزلۈكسىز تۈردە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ قالىدۇ. بىر ئادەمگە نىسبەتەن، ھسىي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولۇش، ئەقلى كۆرسەتكۈچىگە قارىغاندا مۇھىم بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇلارنىڭ يۇقىرى ھىسي كۆرسەتكۈچىنى يىتىلدۈرۈشكە تىرىشمىقى لازىم. ئادەتتە، بالىلاردا تۆۋەندىكى بەش خىل ئالاھىدىلىك بار بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ ھىسي كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇلار كەلگۈسىدە چوقۇم ياخشى كۈن كەچۈرەلەيدۇ.

ئەدەپ-قائىدىلىك بولۇش
ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بالىلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇشتۇر. بالىلار ئادەتتە چوڭلارنى، مۇئەللىمنى ياكى دوستلىرىنى كۆرگەن ۋاقىتتا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا سالام قىلىپ ئەھۋال سورىسا، بۇ ئۇنىڭ ئەدەپ-قائىدە بىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەدەپ-قائىدىلىك بولۇش، بىر ئادەمنى ئاساسى ساپالىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ؛ شۇڭلاشقا، بالىلار كىچىك ۋاقتىدىلا، ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا ئەدەپ-قائىدىلىك بولۇشنى، يەنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارغا سالام قىلىپ ئەھۋال سوراش، باشقىلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش قاتارلىق ئەدەپ-قائىدىلەرنى ئۆگىتىشى كىرەك.
تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەچۈرۈم سوراش
ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدا زىددىيەت كۆرۈلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ئارىدىكى بىر تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەپۇ سورىسا، ئۇنداقتا زىددىيەت كۆپىنچە ئاسانلا ھەل بولۇپ كىتىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا، تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ ھىس-تۇيغۇسىغا ئىتىبار بىرىش، ئۆزىنىڭ گەپ-سۆز ۋە قىلمىشلىرى باشقىلارغا زىيان ئېلىپ كەلمەسلىككە دىققەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيە بىرىش كىرەك ھەمدە ئۇلارغا، ئۆزى خاتا ئىش قىلىپ سالغان ۋاقىتتا ياكى باشقىلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغان ۋاقىتتا، پەقەت پىرىنسىپقا تاقىشىدىغان ئىش بولمىسىلا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارشى تەرەپتىن ئەپۇ سوراشنىڭ ياخشى بىر پەزىلەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىش كىرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەچۈرۈم سوراش، ھىسىي كۆرسەتكۈچى يۇقىرىلىقنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ، بەزىدە ئاددى بىر ئېغىز "كەچۈرۈڭ" دىگەن سۆز، ئادەمنى نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدۇ.

مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرمەسلىك
بەزى بالىلار، ئىنىقلا ئۆزى خاتا قىلغان بولسىمۇ، خاتالىقىنى ئىتراپ قىلىشنى خالىمايدۇ. مەسىلەن، ئۇلار ئويۇنچۇقىنى بۇزۇۋىتىپ قالسا، خوشىنا ئۆيدىكى كىچىك دوستقا دۆڭگەپ، ئۇ بۇزۇۋەتتى دەپ تۇرۋالىدۇ. بۇنداق قىلمىشقا قارىتا، ئاتا-ئانىلار بالىسىنى توغرا يولغا يىتەكلەپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تۇنۇش كىرەكلىكىنى، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈش كىرەك ھەمدە خاتالىقىنى تۇنۇغان بالىلارنىڭ يەنىلا ياخشى بالا ھىسابلىنىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇنى كەچۈرۋىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كىرەك.
چىرايلىقچە رەت قىلىشنى بىلىش
بەزى بالىلار، ئۆزى قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارغا قارىتا، رەت قىلىشنى بىلمەيدۇ ياكى چىرايلىقچە رەت قىلىشنى بىلمەيدۇ؛ بۇ ئىككى خىل ھالەتنىڭ ھەر ئىككىسى ياخشى ئەمەس. بالىلار كىچىكىدىن باشلاپلا، باشقىلارنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلماقچى بولغاندا، چىرايلىقچە رەت قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك. بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىيالىپلا قالماي، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگىمۇ ئازار يەتكۈزۈپ قويمايدۇ. مەسىلەن، بالا، مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىگە بىللە بېرىپ ئويناش تەكلىۋىنى تاپشۇرۋالغاندا، بىۋاستىلا "بارغۇم يوق" دەپ رەت قىلماستىن، بەلكى "ئەتە تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيىگە بارماقچى ئىدۇق، كىيىنكى قېتىم ئاندىن سىنىڭ ئۆيۈڭگە بېرىپ ئوينارمىز" دەپ چىرايلىقچە رەت قىلسا، ئۈنۈمى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، قارشى تەرەپمۇ بۇ جاۋاپنى ئاسانلا قوبۇل قىلالايدۇ. چىرايلىقچە رەت قىلىشنى بىلىدىغان بالىلار چوقۇم ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى كىلىدۇ.

قالايمىقان ئاچچىقلانماسلىق
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ناچار مىجەزى كىچىكىدىكى ئۆز ئەركىسىگە قويۇۋىتىشتىن كىلىپ چىققان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بالىسى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۇلارنىڭ بەزىبىر ئوسال مىجەزلىرىنى كونتىرول قىلىپ ياخشىلاشقا تىرىشمىقى كىرەك. ئاچچىقلىقنىش، زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۋىتىدىغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ زىيان ئېلىپ كىلىدۇ ھەم باشقىلارنىڭ بىزارلىقنى قوزغايدۇ، ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. بالىلار ئادەتتە قالايمىقان ئاچچىقلىنىپ كەتكەن ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى گەپنى چىرايلىقچە قىلىشقا يىتەكلىشى كىرەك. ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىپ، گەپنى چىرايلىقچە قىلىش، بۇمۇ ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولۇشنىڭ تىپىك ئىپادىلىرىدىن بىرىدۇر.