ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقان ئاياللار بۇ تۆت ئىشنى ئۇنۇتماڭ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6197:قېتىم كورۇلدى
   ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش، تۇغۇت جەريانىدىكى ئاغرىقنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئازايتالايدۇ. بېراق، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقان ئاياللارنىڭ ئەسلىگە كىلىش جەريانى تېخىمۇ قىيىن بولۇپ، سەللا دىققەت قىلمىغاندا، ئەگەشمە كىسەللىكلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشنى تاللىغان ئاياللار، تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىشكە ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارىشى، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى تۆت نوقتىغا چوقۇم دىققەت قىلىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا، تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىشى تېخىمۇ ياخشى بولالايدۇ.
كىسىلگەن جاراھەت ئېغىزىنى ياخشى ئاسراش
    ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقان ئاياللار ئەسلىگە كىلىش جەريانىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى، قوساقتىكى ۋە بالىياتقۇسىدىكى جاراھەت ئېغىزىنى ياخشى ئاسراشتۇر. شۇڭلاشقا، جاراھەت ئېغىزى پۈتۈنلەي ياخشىلىنىشتىن بۇرۇن، تۇغۇتلۇق ئايال قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشى كىرەك، بولمىغاندا، جاراھەت ئېغىزى قايتا يېرىلىپ يامانشىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، تۇغۇتلۇق ئايال تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن بىرىنچى ۋاقىتتا بەلنى تېڭىش كىيىمى كىيىپ، جاراھەت ئېغىزىنى قوغدىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا، جاراھەت ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنى تىزلەتكىلى بولۇپلا قالماي، يەنە جاراھەت ئېغىزى ئاغرىقىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
كارۋاتتىن چۈشۈپ مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىش
    تۇغۇت ئوپراتسىيەسىدىن كىيىن، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ جاراھەت ئېغىزى ئاغرىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ بەدىنىمۇ ئىنتايىن ئاجىز كىلىدۇ؛ بىراق، دوختۇرلار يەنىلا سىزنىڭ كارۋاتتىن چۈشۈپ ئازراق مېڭىپ ھەرىكەت قىلىپ، بەدەندىكى يەلنى يۈرۈشتۈرۈشنى تىزلىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، سىز چوقۇم دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىڭىز كىرەك. ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ، كارۋاتتىن چۈشۈپ مۇۋاپىق تۈردە ئاستا مېڭىپ ھەرىكەت قىلىپ بەرسىڭىز، بەدەندىكى يەلنى يۈرۈشتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى تىزلىتىپ، جاراھەت ئېغىزىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش
    ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقان ئاياللار، تۇغۇت جەريانىدا ئۇلارنىڭ قورسىقى ۋە بالىياتقۇسى ئوپراتسىيە قىلىنىپ كىسىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلاردىكى قان چىقىپ كىتىش مىقدارى ئۆزى تۇغقان ئايال كىشىگە قارىغاندا بىر ھەسسە كۆپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقان ئاياللارغا نىسبەتەن، تۇغۇتتىن كىيىن قان ۋە ئۇزۇقلۇق تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. شۇڭا ئادەتتە، تۇغۇتتىن كىيىن خاسىڭ، چىلان، ئالقات قاتارلىق قان تولۇقلىغۇچى يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يىمەكلىكلەر ئارقىلىق شورۋىگۈرۈچ ياكى شورپا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىنتايىن ياخشى بولغان قان تولۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۇغۇتتىن كىيىن، بالىنى ئىمىتىشكە توغرا كىلىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا، سۈت كەلتۈرۈدىغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىمۇ تۇلۇقلاش كىرەك بولىدۇ.
ئېغىر نەرسە كۆتۈرمەسلىك
   ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقان ئاياللار، تۇغۇتتىن كىيىنكى بەلگىلىك مەزگىل ئىچىدە، ئېغىر نەرسە كۆتۈرمەسلىكى ۋە قاتتىق ھەرىكەت قىلماسلىقى كىرەك. چۈنكى بۇ، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە ئوپراتسىيە قىلىپ كەسكەن جاراھەت ئېغىزىنىڭ يىرتىلىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، جاراھەت ئېغىزى پۈتۈنلەي ساقىيپ بولۇشتىن ئىلگىرى، نەرسە-كىرەك كۆتۈرىدىغان ياكى قاتتىقراق ھەرىكەت قىلىدىغان ئىشلارغا ئەڭ ياخشىسى ئىرىڭىزنى بۇيرۇپ ياردەملەشتۈرۈڭ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号